• خازارد ئايرىلىش خېتى ئېلان قىلدى،مەزمۇنى ئادەمنى بەكلا تەسىرلەندۈرىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-06-08 11:36
  • خازارد ئايرىلىش خېتى ئېلان قىلدى،مەزمۇنى ئادەمنى بەكلا تەسىرلەندۈرىدۇ

    خازارد خانلىق مادرىد كوماندىسىغا قوشۇلۇشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە چېلسى كۇلۇبى ۋە توپ مەستانىلىرىگە ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان بىر پارچە خېتىنى قالدۇردى، بۇ خەت كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ . خەتنىڭ تولۇق تېكىستى مۇنداق :

     چېلسىدىكى دوستلار ۋە بۇ چوڭ ئائىلىدىكىلەر :
      ھەممىڭلار بىلىپ بولدۇڭلار، مەن مادىرىدقا بارىمەن.  بۇ ئىشمۇ سىر ئەمەس، كىچىك ۋاقتىمدىن باشلاپ تۇنجى توپنى كىرگۈزگىنىمدە ئۇلار ئۈچۈن كۈچ چىقارغۇم كەلگەن.  بۇ پەرەز ۋە جامائەت پىكرى كۈچلۈك بولغان قىيىن مەزگىلدە، بولۇپمۇ ئۆتكەن 6 ئايدا، مەن ئىزچىل كۈچۈمنىڭ بارىچە دىققىتىمنى چاچماي كوماندىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن تېرىشتىم.  ھازىر ئىككى كۇلۇبتا بىردەكلىك ھاسىل قىلىندى، مەن كۆپچىلىكنىڭ مىنىڭ يېڭى سەھىپە ئېچىش ئارزۇيۇمنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، خۇددى سىلەر ھەممىڭلار پۇرسەت كەلگەندە، ئۆز ئارزۇيۇڭلارنى قوغلاشقانغا ئوخشاش. 

     چېلسىدىن ئايرىلىش، مېنىڭ كەسپىي ھاياتىمدىكى ھازىرغا قەدەر ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۈشكۈل قارار.  ئەمدى ئوچۇق ئاشكارا دېسەك بولىدۇ، لېكىن مەن كۆپچىلىككە ناھايىتى ئېنىق بىر ئىشنى دېمەكچى، ئۇ بولسىمۇ مەن چېلسىدىكى ھەر بىر مىنۇتتا كوماندىنى قىزغىن سۆيۈپ كەلدىم، ئىلگىرى ئەزەلدىن كوماندىدىن ئايرىلىپ (مادرىدتىن باشقا) باشقا ھەرقانداق كۇلۇبقا بېرىشنى ئويلاپ باقمىغان.


      مەن كۆك ئارمىيەگە كىرگەندە ئاران 21 ياشتا ئىدىم، شۇڭا بۇ يەردە سىلەر بىلەن بىللە بىر ئەر ۋە ھەقىقىي توپچى بولۇپ يېتىشىپ چىقتىم، قانداقلا بولمىسۇن سىلەر مېنىڭ بېلگىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ كاپىتانى بولۇشۇمغا ياردەم قىلدىڭلار.  مەيلى كوماندىغا نىسبەتەن بولسۇن ياكى مەن ئۈچۈن بولسۇن، جاپالىق كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، مانا بۇ كەسپىي پۇتبول. 
     ھالبۇكى، پۇتبولدىن ئىبارەت بۇ تەنھەرىكەت ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، توپنى ئايىغىمنىڭ ئاستىغا ئېلىپ، مۇسابىقە ئويناپ، مۇسابىقىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ھەر بىر سېكۇنت، بىز بۇ گۈزەل ھەرىكەتكە قاتنىشالىغانلىقىمىزدىن ناھايىتى تەلەيلىك، بۇمۇ مىنىڭ پۇتبولغا جاۋابىم ، ناۋادا ھەر قانداق بۇ ھەقتە سۇئال سورالغاندا، مېنىڭ مەڭگۈلۈك جاۋابىم، ئۇ بولسىمۇ توپ تېپىشتىن بەھرىمەن بولۇش!
      بىزنىڭ ئىپادىمىز ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئەڭ ياخشى قىلالايمەن، بۇنىڭ ھەممىسى سىلەرنىڭ پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن قوللىغانلىقىڭلاردىن بولدى. 

     سىلەر چېلسىنى بۇ خىل جەڭنىڭ روھى ۋە تەشنالىقىغا، شۇنداقلا ۋاز كېچىشنى رەت قىلىدىغان ئىچكى مەدەنىيەتكە ئىگە قىلدىڭلار. ئويلاپ باقسام مىنىڭ كۆك ئارمىيە كىيىمىنى كىيگەن ئالاھىدە ۋاقتىم، ھەقىقەتەن سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز بولدى.  ناھايىتى تەلەيلىك، بىزنىڭ ئۇتۇش قېتىم سانىمىز ئۇتتۇرۇپ قويۇش قېتىم سانىمىزدىن كۆپ بولۇپ كەتتى.  مېنى چۈشىنىدىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، مەن قولغا كەلتۈرگەن نەرسىلەرنى مەن تىزىپ كۆرسەتمەيمەن.  مەن پەقەت شۇنى ئېيتالايمەنكى، ھەر قانداق بىر كوللېكتىپنىڭ ياكى شەخسىي شان-شەرىپىگە بۇنداق ئېرىشىشگە  ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدۇ. 


     شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە، مەن بىر ئىستاكان پىۋىنى ئىچىپ، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىپ، پەخىرلەنگەن ھالدا چاقچاق قىلىپ، خىرۇستال ئوردا بىلەن بولغان مۇسابىقىنى ئەسلەپ تۇرىمەن، مەن نۇقتا توپنى كىرگۈزەلمىدىم، لېكىن توپنى كاللا توپ بىلەن كىرگۈزۈپ، كوماندىنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونى بولۇشىغا ياردەم قىلدىم(  چىلسى ئۈچ ئايلانما بۇرۇن چىمپىيۇن بولغان)
    ، يەنە ھىلىقى رىس، ئارسىنال ۋە لىۋىرپولدا ئۇرغان توپلىرىممۇ بار.  دەل سىلەر ئىجاد قىلغان كەيپىيات ۋە سورۇن سەۋەبىدىن، بۇ خاتىرىلەردىكى كۆرۈنۈش يەنىلا ناھايىتى جانلىق بولدى. سىلەرنىڭمۇ شۇ دەقىقىلەرنى ئىپتىخارلىق بىلەن ئەسلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن، خۇددى ماڭا ئوخشاش.  مەيلى ئامېرىكىدا ماڭغاندا، ياكى سەيشەنبە كۈنى كەچتە بولسۇن ساندېرلاند، پەيشەنبە كۈنى كەچتە روسىيەدە، ھەم ياكى ھەر بىر مەيدان سىتانفورد كۆۋرىكىدە مۇسابىقىلەشكەندە بولسۇن، سىلەر ئىزچىل مېنى قوللاپ، مېنى توپ ئويناشقا، ئۆزۈم بولۇشقا رىغبەتلەندۈردىڭلار.  
    خۇددى مەن ئىزچىل ئۆزۈمدىن ھۇزۇر ئالغاندەك، كۆپچىلىكنىڭمۇ داۋاملىق ئۆزۈڭلاردىن ھۇزۇرلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  

    بىردىنبىر ئەپسۇسلىنىدىغان ۋە خىجىل بولىدىغان يېرى شۇكى، مەن ئايرىلغان چاغدا، سىلەر ئۈچۈن بىر چېمپيونلۇقنى ساقلاپ قالالمىدىم.


      كوماندىمىزدا نۇرغۇن ئۇلۇغ توپچىلار بار، مېنىڭ ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ۋاقتىم دەل مەن كوماندىنىڭ بىر قىسمى بولغان ۋاقىتىم.  بىزنىڭ بۇ چوڭ ئائىلىمىزدىكىلەر بىرلىكتە پۇتبول ئومۇمىي لوڭقىسى، بىرلەشمە لوڭقىسى، ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى ۋە ئەنگلىيە دەرىجىدىن تاشقىرى چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرگەن، ھەر بىر شان-شەرەپ ئۇلارنىڭ مۇساپىسىدە ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. 
    ئەلۋەتتە، دۇنيا لوڭقىسى ۋە ئۇزۇنغا سوزۇلغان مۇسابىقە پەسلىدىن كېيىن، ئالدىنقى بىر نەچچە ھەپتىدىكى باكۇدىكى مۇسابىقە بىر مۇكەممەل ئەسلىمە بولۇپ قالدى.  چېلسى كۇلۇبى، بولۇپمۇ چېلسى مەستانىلىرى مەڭگۈ مېنىڭ قەلبىمدە ئالاھىدە ئورۇننى ئىگەللەپ تۇرىدۇ.  كىلەر پەسىل مەن يەنىلا ئالدى بىلەن چېلسىنىڭ نەتىجىسىگە دىققەت قىلىمەن.  كىلەر پەسىل ھەتتا كەلگۈسىدىكى بارلىق مۇسابىقە پەسىللىرىدە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە بىر گورۇپتىن چىقىشىمىزنى ئۈمۈد قىلىمەن، شۇنداق بولغاندا قايتا يۈز كۆرۈشەلەيمىز. 

    مەن كېتىشتىن بۇرۇن، ئاخىرىدا كۇلۇبتىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ بىز بىلەن بىرگە بولغان ھەر بىر مىنۇت، ھەر سېكۇنتتا كۆرسەتكەن زور تىرىشچانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. 

    ئىلگىرىكى خىزمەتداشلىرىم: بىز مۇۋاپىق ۋاقىتتا يەنە بىر قېتىم خوشلىشىمىز.  لېكىن ئابراموۋىچ ئەپەندى ۋە كوماندا باشقۇرۇش قاتلىمىغا رەھمەت ئېيتىشىم كېرەك، ئۇلار مېنى ئىككى ئارزۇيۇمغا يەتكۈزدى.  بىرىنجىسى چېلسىنىڭ توپچىسى  بولغان ۋاقتىم، ئىككىنچىسى مانا بۈگۈن مەن مادىرىد توپچىسى بولدۇم.  ئەڭ ياخشى دوستلىرىم، ھەممىڭلارغا چىن كۆڭلۈمدىن بەخىت تىلەيمەن.

      ئېدېن خازارد

    مەنبەسى :تېڭشۈن




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك