• بۈگۈندىن باشلاپ شىمالىي شىنجاڭدا بىر قانچە كۈن يامغۇرلۇق ھاۋارايى بولىدۇ

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-06-09 07:38
  • بۈگۈندىن باشلاپ شىمالىي شىنجاڭدا بىر قانچە كۈن يامغۇرلۇق ھاۋارايى بولىدۇ

    ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى تەرجىمىسى : بۈگۈن  دۈۋەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرقى كۈنى، ئەتە ئۆتۈپ كەتسە، مۇشۇ ئاينىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ئۆتۈپ كىتىدۇ، ۋاقىت بەك تېز ئۆتۈپ كەتكەندەك تۇرامدۇ قانداق؟!


      بۈگۈن شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى ۋە قەشقەر ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى، قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدۇ. 
    قۇمۇل شەھىرىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ℃35 تىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، تۇرپان شەھىرىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ℃40 قا يېتىدىكەن. 
    شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا بەزىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئانچە كۈچلۈك شامال چىقمايدۇ.  ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا ئوچۇق، ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃25، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃17، 3-بال شامال چىقىدۇ. 
    يېقىنقى بىر نەچچە  كۈن ئىچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، دائىم يامغۇر ياغىدىكەن، بەدەن سېزىمى راھەت بولىدىكەن. 

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك