• بۈگۈندىن باشلاپ شىنجاڭدا يېمەكلىك-دورا ساھەسىنى تۈزەش ھەركىتى باشلىنىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-06-10 04:19
  • بۈگۈندىن باشلاپ شىنجاڭدا يېمەكلىك-دورا ساھەسىنى تۈزەش ھەركىتى باشلىنىدۇ

    ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى تەرجىمىسى: بۈگۈندىن باشلاپ، شىنجاڭ بازىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە يېمەكلىك-دورا ساھەسىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.


     مۇخبىرنىڭ 6- ئاينىڭ 6- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى تۈزەش ھەرىكىتىنىڭ ۋاقتى 10- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن، يېمەكلىك دۇكانلىرى، مەكتەپ ئەتراپىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، جۇڭگوچە توغرالما دورا ئىشلەپچىقىرىش، سۈپەت بىخەتەرلىكى، دورا پارچە سېتىش كارخانىلىرى كەسپىي پراۋىزورى قاتارلىق ساھەلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر نۇقتىلىق تۈزىلىدىكەن، مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى ھېسابات دەپتىرى ۋە نۇقتىلىق تۈزەش مەسىلىلىرى تىزىملىكى قۇرۇش ئارقىلىق، تۈزىتىش تەدبىرلىرى تۈرمۇ تۈر تەتقىق قىلىنىپ تۈزۈلۈپ، يېمەكلىك، دورا ساھەسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك تۈزىلىدىكەن. 

    ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەتچىلىكى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جەي شاۋيۇڭ مۇنداق دېدى: نەق مەيداندا تەكشۈرۈش، رازى بولۇش دەرىجىسىنى باھالاش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق جايلار، تارماقلارنىڭ مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ، باھالاپ، دىققەتنى يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىكى ساھەسىدىكى ئاممىنىڭ ئاغرىق نۇقتىسى، قىيىن نۇقتىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر تۈركۈم نۇقتىلىق، قىيىن مەسىلىلەرنى تۈزەپ، بىر تۈركۈم تىپىك دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىمىز.

     1. يېمەكلىك دۇكانلىرى ساھەسى

      ھەر دەرىجىلىك بازارلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى شۇ جايدىكى يېمەكلىك دۇكانلىرىنىڭ ئاساسى ئەھۋالى ۋە ئاساسىي ئەھۋالىنى ئېنىقلاپ، دۇكانلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سەھىيە شارائىتى، يېمەكلىك خام ئەشياسىنى ئىشلىتىش، يېمەكلىك خۇرۇچلىرىنى ئىشلىتىش، كەسىپكارلارنىڭ سالامەتلىك ئىسپاتى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، يېمەكلىك دۇكانلىرىنى تىزىملاپ ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇشى ھەمدە بىخەتەرلىك ئىناۋەت ئارخىپىنى تەدرىجىي ئورنىتىشى كېرەك.

      شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېمەكلىك دۇكانلىرىنى زامانىۋى يېمەكلىك سانائىتى ئىدىيەسىدىن پايدىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش، تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى كۈچەيتىپ، ئۈسكۈنە ھۈنەر سەنئىتىنى ياخشىلاپ، تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

     2. مەكتەپ ئەتراپىدىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ساھەسى.

      مەكتەپ ئەتراپىدىكى ھەر خىل كىچىك دۇكان، يېمەك-ئىچمەك، ئۇششاق-چۈششەك يېمەكلىك يايمىلىرى، كاۋاپ يايمىلىرى كىنىشكىسىز تىجارەت قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يېمەكلىكلەرنى ساقلاش، سېتىش (پىششىقلاپ ئىشلەش) يېمەكلىك خام يېمەكلىك بىلەن پىششىق يېمەكلىك ئارىلاشتۇرۇپ سېتىش، بەلگىلىمە بويىچە سوغۇق ساقلاش، سوغۇق ساقلاش، تىجارەت نەق مەيدانىدىكى مەينەت، قالايمىقان، ناچار بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش؛ يېمەكلىك تىجارەت تۈزۈمى مۇكەممەل بولماسلىق، مال كىرگۈزۈش تەكشۈرۈش خاتىرىسى تۈزۈمى ۋە بازاردىن چېكىنىش تۈزۈمى ئەمەلىيلەشمەسلىك، دەرىجىدىن تاشقىرى تىجارەت (مەدەنىيەت بۇيۇملىرى دۇكىنى ئۇششاق يېمەكلىكلەر ۋە يېمەكلىكلەرنى سېتىش قاتارلىق) قىلمىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ.

    3. جۇڭگوچە توغرالما دورا ئىشلەپچىقىرىش سۈپىتى بىخەتەرلىكى ساھەسى.

      جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى زاۋۇتقا كىرگۈزۈش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتماسلىق، ساختىلىق قىلىش، بويىلىپ ئېغىرلىق ئاشۇرۇش، چىرىپ سۈپىتى ئۆزگىرىش، بۇلغانغان ياكى ئېلىنغان جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى توغرالمىلىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، دائىرىدىن ھالقىپ جۇڭيى دورا تابلېتكىسى ئىشلەپچىقىرىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە سېتىش مىقدارى ماس كەلمەسلىك، ياساش قائىدىسى بويىچە ياساش ياكى تەستىقلاش دائىرىسىدىن ھالقىپ ياساش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش خاتىرىسى توقۇش، سېتىش تەستىق نومۇرى ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشقا تەشكىللەش، قانۇنسىز جۇڭيى دورا تابلېتكىسى سېتىۋېلىپ ئوراپ سېتىش، ئىجارىگە بېرىش، ئارىيەتكە بېرىش قاتارلىق قانۇنغا، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.

     4. دورا پارچە سېتىش كارخانىلىرىنىڭ كەسپىي پراۋىزورى« ئىسپات ئېسىش» ھەرىكىتى.

      كۈندىلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە رويخەتكە ئېلىشنى ئۆزگەرتىش ئەھۋالىغا ئاساسەن، نۇقتىلىق ھالدا ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈش باسقۇچىدىكى نۆل دوكلات ۋە ئاز دوكلات قىلىدىغان دورا پارچە سېتىش كارخانىلىرى، شەھەر-يېزا تۇتاشقان جايلار ۋە يېزىلاردىكى دورا دۇكانلىرىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش، دورا پارچە سېتىش كارخانىلىرىنىڭ« كېنىشكا ئېسپ قويۇش» نى تۈزەش بىلەن مال كىرگۈزۈش يوللىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، رېتسېپلىق دورا سېتىش ۋە ئالاھىدە دورا تىجارىتى قاتارلىق كۈندىلىك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەزمۇنى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دورا پارچە سېتىش كارخانىلىرىنىڭ سۈپەت باشقۇرۇش ۋە دورىگەرلىك مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

    مەنبەسى :ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك