• بۇ ئەھۋاللار ئەمدى قائىدىگە خىلاپ ھېسابلانمايدۇ دېگەن تېما پىتنە

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-07-08 04:49
  • بۇ ئەھۋاللار ئەمدى قائىدىگە خىلاپ ھېسابلانمايدۇ دېگەن تېما پىتنە

    ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى پىتنە-ئىغۋاغا رەددىيە تېمىسى: 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يېڭى قاتناش قائىدىسى يولغا قويۇلدى،بۇ ئۈچ خىل قائىدىگە ئەمدى جازا بېرىلمەيدۇ دېگەن تېما خېلى بورۇن تارقالغان ئ‍ۆسەك-سۆزلەر تۈرىگە تەۋە.


      توردا تارقالغان« 1-ئىيۇلدىن باشلاپ، بۇ ئۈچ خىل قائىدىگە خىلاپ قىلمىشقا ئەمدى جازا بېرىلمەيدۇ» دېگەن ئۆسەك سۆز خېلى بۇرۇنلا تارقىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇلار بولسا ئادەتتىكى ئاپتوموبىللارغا ئوت ئۆچۈرۈش ئەسۋابى ئورنىتىلماسلىق، ، ئاپتوموبىلنى بەلگىلىمىگە خىلاپ توختاتقانلارغا جەرىمانە قويۇلىدىغان-قويۇلمايدىغانلىقى ھەققىدىكى ۋە  « ئاپتوموبىل دېرىزىسىدىن سىرتقا نەرسە تاشلاش» ئاگاھلاندۇرۇلۇپ ياكى جەرىمانە قويۇلۇپ، بىكار قىلىنغانلىقى قاتارلىقلار .

    بۇ زادى راستمۇ؟


    بۇ قېتىم تارقالغان ئۆسەك سۆز مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

     يېقىندىن بۇيان« قاتناش مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى:1-ئىيۇلدىن باشلاپ، بۇ ئۈچ خىل قائىدىگە خىلاپ قىلمىشقا جازا بېرىلمەيدۇ، ئاپتوموبىل ئىگىلىرى چۈشىنىپ بېقىڭلار» دېگەن ماقالە توردا كەڭ تارقالدى، ماقالىدە« ئاپتوموبىل ئىچىگە ئوت ئۆچۈرگۈچ سەپلەنمىگەن» ، « ئاپتوموبىلنى بەلگىلىمىگە خىلاپ توختىتىش» ، « ئاپتوموبىلنىڭ ئەينىكىدىن سىرتقا ئەخلەت تاشلاش» تىن ئىبارەت ئۈچ خىل قىلمىش 1-ئىيۇلدىن باشلاپ قايتا جازا بېرىلمەيدۇ.


     (توردىكى كەسمە رەسىمى)

     تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ سۆز خېلى بۇرۇنلا تارقىلىپ يۈرگەن پىتنە-ئىغۋا ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

      ج خ مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان« موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈرۈش بىخەتەرلىك تېخنىكا شەرتى» (GB7258-2017) نىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، سەپەر ئاپتوموبىلىغا ئوت ئۆچۈرۈش ئەسۋابى ئورنىتىش كېرەك، ئەمما ئادەتتىكى ئاپتوموبىللارغا قارىتا مەجبۇرىي بەلگىلىمە چىقىرىلمىسا، نومۇر تارتىش ئەھۋالى تەبىئىيلا مەۋجۇت بولمايدۇ.  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، جايلار تۈزگەن« يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنى» نى يولغا قويۇش نىزامى ياكى چارىسى ئاپتوموبىل ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىسى سەپلەشكە ئائىت كونكرېت بەلگىلىمىلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، جايلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ مەشغۇلات قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

      ئەلۋەتتە، ئوت ئۆچۈرگۈچ ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ تۇيۇقسىز ۋەقە يۈز بەرگەندە تېز سۈرئەتتە ئوت ئۆچۈرۈشىگە، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشىغا پايدىلىق بولۇپ، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى ئىگىسىگە دائىم تەييار تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.  

    ئاپتوموبىل بەلگىلىمىگە خىلاپ توختىتىلغان بۇ تۈرگە كەلسەك، ئادەتتە قاتناش ساقچىسى جەرىمانە تالونى چاپلايدۇ، بۇ خىل جەرىمانە تالونىنىڭ ئۈستىدە ماشىنا نومۇرى، ماشىنىنىڭ رەڭگى، تىپى، قائىدىگە خىلاپ ۋاقتى، ئورنى ھەمدە سىزگە جەرىمانە تالونى كېسىپ بەرگەن ساقچىنىڭ ئىسمى ياكى ساقچى نومۇرى ۋە تۇرۇشلۇق ئورۇننىڭ تامغىسى بېسىلىدۇ. 

     شوپۇرلار بۇنداق جەرىمانە تالونىغا يولۇققاندا چوقۇم تېزدىن بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك، بولمىسا ئاپتوموبىلنىڭ يىللىق تەكشۈرۈشىگە تەسىر يېتىدۇ.  ئادەتتىكى ياردەمچى ساقچى ھەيدىگەن جەرىمانە تالونى« ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى بەلگىلىمە بويىچە توختىتىش ئەسكەرتىش تالونى» دەپ ئاتىلىدۇ. 

     بۇ خىل جەرىمانە تالونىنى چاپلىسا جازالىنىشى ناتايىن، لېكىن قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش خاتىرىسى يىغىندا قاتناش ساقچىسىغا مەلۇم قىلىنىدۇ، قاتناش ساقچىسى تەكشۈرۈپ بېكىتكەندىن كېيىن جازالىنىشى كېرەكمۇ يوق.  ئەگەر قائىدىگە خىلاپ توختىتىش ئەھۋالى ئانچە ئېغىر بولمىسا، قاتناش ساقچىلىرى چوقۇم تورنى ئېچىپ، سىستېمىغا كىرگۈزمىسە، بىر تەرەپ قىلمىسىمۇ بولىدۇ.  لېكىن خىلاپلىق قىلىپ توختىتىش ئەھۋالى بىر قەدەر ناچار بولسا، يەنىلا جەرىمانە قويۇلىدۇ.

      ئەڭ ئاخىرقى بىر خىلى شەھەر مەمۇرىيىتىنى باشقۇرۇش مەمۇرىي قانۇنغا خىلاپ ئاپتوموبىل توختىتىش ئۇقتۇرۇش تالونى، بۇ جەرىمانە تالونىنى شەھەر باشقۇرۇش ئورنى چىقىرىدۇ، ئاساسلىقى ئەسكەرتىش رولىنى ئوينايدۇ.

      ئەمما ھازىر بەزى شەھەرلەرمۇ شەھەر باشقۇرۇش ئىدارىسى چاپلىغان جەرىمانە تالونىنى قانۇن كۈچىگە ئىگە قىلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى.  شۇڭا ئاپتوموبىل ئىگىسى بۇ خىل جەرىمانە تالونىغا دۇچ كەلگەندە، ئەڭ ياخشىسى ئالدى بىلەن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش كېرەك. 

     ئەڭ ئاخىرقى بىر ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىكى قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامى دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىنى ھەيدەپ يولدا نەرسە تاشلاشقا، قاتناش ۋاسىتىسىگە ئولتۇرغۇچىنىڭ ھەيدەشكە كاشىلا قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، بەدىنىنىڭ ھەر قانداق قىسمىنى سىرتقا چىقىرىشقا بولمايدۇ. 

     شوپۇر يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە ئائىت قانۇن، نىزاملاردىكى يول يۈرۈش بەلگىلىمىسىگە خىلاپلىق قىلسا، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ ياكى 20 يۈەندىن يۇقىرى، 200 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ. 


      ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى تەييار قىلغان ،روخسىتىمىزنى ئالماي ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي ، باشقا سالون ۋە تور بېكەتلەردە كۆچۈرۈپ تارقاتسىڭىز دەرھال پاش قىلىنىدۇ.

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك