• باي قىز مەست ماشىنا ھەيدەپ ئېغىر ۋەقە چىقاردى ، ئۈلۈم جازاسى بېرىلىشى مۇمكىن

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-07-08 04:58
  • باي قىز مەست ماشىنا ھەيدەپ ئېغىر ۋەقە چىقاردى ، ئۈلۈم جازاسى بېرىلىشى مۇمكىن

    كاتتا باينىڭ قىزى ماسېراتى ماشىنىنى مەست ھالەتتە ھەيدەپ بىر باۋما ماشىنىنى سوقۇپ ئىككى ئادەمنىڭ ئۈلىشى ، 4 ئادەمنىڭ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇرغۇنلىغان تورداشلار بۇ قىزغا ئۈلۈم جازاسى بېرىشى كىرەك دەپ قاراشماقتا


    ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى مەخسۇس تېمىسى: كاتتا باينىڭ 23 ياشلىق ھەشەمەتخور قىزى، ماسېراتى ماشىنىنى مەست ھالەتتە ھەيدىگەن، ھەتتا قاندىكى ئىسپىرىت مىقدارى مەست بولۇپ ماشىنا ھەيدەش ئۆلچىمىدىن بىر ھەسسە ئېشىپ كەتكەن،بۇ جەرياندا ئۇ يول بويى سەككىز پىكاپ بىلەن سۈركىلىپ كەتكەن، ئامما تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان بولسىمۇ ، بۇ ئەركە قىز ماشىنا ھەيدەپ مەجبۇرىي قېچىپ كەتكەن ۋە قىزىل چىراقتا توختاپ تۇرغان بىر باۋما ماشىنىنى تويۇقسىز تېز سۈرئەتتە كەينىدىن سوقۇپ ، نەق مەيداندا ئىككى ئادەمنىڭ ئۈلىشىنى ،تۆت ئادەمنىڭ يارلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .


    7-ئاينىڭ 3-كۈنى خېنەن ئۆلكىسىنىڭ يۇڭچېڭ شەھىرىدە يۈز بەرگەن ماسېراتى ماشىنىنىڭ ئېلىپ كەلگەن ئاپىتى پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.  ھازىرغا قەدەر، BMW ئاپتوموبىلىنىڭ كەينى ئورۇندۇقىدىكى ئىككى ئادەم  قازا قىلدى، شوپۇر ئىككى قېتىم كۆيۈپ يارىلىنىپ، چوڭ دوختۇرخانىغا يۆتكەپ كېلىندى، ۋەقە تۇغدۇرغان مارسېراتى ئاپتوموبىلدىكى تەن مىڭمىڭ بىلەن باشقا ئىككى قىزنىڭ يارىسى يېنىك ئەمەس بولۇپ، ھەممىسى دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇلماقتا.  

    مارسېراتىنى مەست ھالەتتە ھەيدىگەن  تەن مىڭمىڭ چوڭ ئىش تېرىدى، خۇرۇم زاۋۇتى ئاچقان كاتتا باي دادىسى ئەمدى زادى نىمە قىلىشى كېرەك؟

      ئىش ئۆتۈپ كەتكىلى نەچچە كۈن بولدى، تەن مىڭمىڭنىڭ دادىسى نېمە ئىش قىلىشى كېرەك؟  قائىدە بويىچە ئىش قىلغاندا، تەن مىڭمىڭنىڭ دادىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى، دوختۇرخانىدا ياتقان يارىدارلارنى يوقلىشى كېرەك .  ئۆلگۈچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئاۋۋال ۋەقە تۇغدۇرغۇچىغا ۋاكالىتەن تۆلەم تۆلەش كېرەك، ئۆزىنى ئەيىبلەشتە قىزىغا ياخشى تەربىيە قىلالمىغانلىقىنى ئ‍ۆز ئۈستىگە ئېلىشى كىرەك ، ئائىلىنى قاتتىق باشقۇرماسلىق ھەمدە ئىنسانپەرۋەرلىكنى چىقىش قىلىپ، خېلى كۆپ مىقداردا ھال سوراش پۇلى بېرىش كېرەك، نېمىلا دېگەن بىلەن ۋەقەدە ئۈلۈپ كەتكەنلەر گۇناھسىز، ئۇنىڭ قىزى سەۋەبسىز ۋەقە تۇغدۇرۇپ،بۇنداق ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان؛ قۇتقۇزىلىۋاتقان BMW ماركىلىق ئاپتوموبىل شوپۇرىغا قارىتا، دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلاش، ناماقۇل بولۇش، ئالدى بىلەن دورا پۇلىنى تۆلەپ تۇرۇش كېرەك.  بۇنداق قىلغاندا، پەقەت ئەقىلگە مۇۋاپىق ھالدا ئۆلگۈچى ۋە يارىلانغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، بىراق، تەن مىڭمىڭنىڭ كۈندە چەمبىرەك ۋە توردا بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىش ۋە مەست  ئاپتوموبىل ھەيدەش جىنايىتىدىن قارىغاندا، تەن مىڭمىڭنىڭ دادىسى بۇنداق ئاسان پەسكويغا چۈشمەسلىكى مۇمكىن. 


     ئالدى بىلەن بايلىقنى كۆز-كۆز قىلىش:  زىبۇ-زىننەت، گىرىم بۇيۇملىرى، سومكا، كىيىم-كېچەك، ئاياق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى داڭلىق زىبۇ-زىننەت بويۇملىرى ھېسابلىنىدۇ.  بۇنداق بايلىقنى كۆز-كۆز قىلىپ ياشاش تېخى يېتەرلىك ئەمەس، يەنە دوستلار چەمبىرىكىدە ئۆزىنىڭ مەمەدان ، باشقىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان مىجەزىنى ئوچۇق ئاشكارە يوللايدۇ ،دادىسىنىڭ ناھايتى كاتتا بايلىقىنى ئىزچىل تىلغا ئېلىشنى ئونۇتمايدۇ .

    ئىلگىرىكى جىنايەت تارىخى كۆرىنىشى :  23 ياشقا كىرگەن، ئەمدىلا كەسپىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن بۇ قىز ، بۇ يىل 6 – ئاينىڭ 5 – كۈنىدىن 7 – ئاينىڭ 3 – كۈنىگىچە بولغان بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، ئۇ ھەيدىگەن بۇ ئاپتوموبىل ئىلگىرى بەش قېتىم سىستىمىنىڭ ئاپتۇماتىك سىنغا ئېلىنىشىغا ئۇچراپ، جەمئىي 24 نومۇر تۇتۇپ قېلىنغان، جەمئىي 1000 يۈەن جەرىمانە قويۇلغان. 

    كونىلاردا ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق دەيدىغان گەپ بار.  بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان قىزنىڭ قانداقلىقى  ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆڭلىگە ئايان، قىزىغا پارچە پۇل ئورنىدا « 10-20 مىڭ» بېرىدىغان ئاتا-ئانا ھەرگىزمۇ ياخشى ئاتا-ئانا ئەمەس!  
    شۇ جايدىكى ئامما تەن مىڭمىڭنىڭ بوۋىسىنىڭ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ يۇڭچېڭ شەھىرى ئارتۇر كەنتىدە نەچچە يۈز مو تېرىلغۇ يەرنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغانلىقى ھەمدە ئېغىر بۇلغانغان خۇرۇم زاۋۇتى ئاچقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.
      ئېيتىشلارغا قارىغاندا، دۆلەت بەلگىلىگەن يېزا ئىگىلىك تېرىلغۇ يېرىنى قانۇنسىز ئىگىلەشكە رۇخسەت قىلماسلىق سىياسىتى ئاستىدا، بۇ بوۋايمۇ ئىلگىرى تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەپ، مۇھىتنى ئېغىر بۇلغايدىغان خۇرۇم زاۋۇتى ئاچقان.بۇ قېتىم قىزىنىڭ ۋەقە تۇغدىرىشى ۋە بۇ ۋەقەنىڭ توردا توختىماستىن تارقىتىلىشى بىلەن بۇ ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بىر -بىرلەپ سورىلىپ چىقىشقا باشلىدى.

    پۈتۈن مەملىكەتتىكى نۇرغۇنلىغان تورداشلار تەن مىڭمىڭغا ئۈلۈم جازاسى بېرىش كىرەك دەپ قاراشماقتا


    ماسېراتى ھەيدەپ ئېغىر ئاقىۋەت چىقارغان  23ياشلىق قىز تەن مىڭمىڭنىڭ ئىشى پۈتۈن مەملىكەتتە غۇلغۇلا قوزغىدى، ۋەقە تۇغدۇرغان شوپۇر تەن مىڭمىڭنىڭ ئۇلى پۈتۈنلەي كولاندى.  ھەتتا بوۋىسى قىلغان قارا نىيەت كارخانىنىڭمۇ ئىشى قېزىپ چىقىلدى!  

    لېكىن كۆپچىلىكنىڭ BMW ماركىلىق پىكاپنىڭ ئىگىسى ۋە ئاپتوموبىلدىكى ئىككى قازا قىلغۇچىغا بولغان چۈشەنچىسى ناھايىتى ئاز. 
     بۈگۈن چۈشتىن كېيىن، توردىكى تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارلىشىچە، ئىككى قازا قىلغۇچىنىڭ يېشى 40 نەچچە ياش ئىكەن، يەنە كېلىپ ئۇلار خىزمەتداشلىق ئالاقىسىدە ئىكەن ، ئۇلار BMW ماركىلىق پىكاپنىڭ ئىگىسى بىلەن ئادەتتىكى دوست بولۇپ،   ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى، BMW ماركىلىق پىكاپنىڭ ئىگىسى ئىككەيلەن بىلەن ئىش بېجىرگىلى بارغان، قايتىپ كېلىش يولىدا دەل ئىككى ئادەمنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغىلى ماڭغان،   بۇنىڭ ئىچىدە بىر ئۆلگۈچىنىڭ ئۈيىدە  تۆت ياشانغان كىشى ۋە  پەرزەنتلىرى بار ئىكەن.  بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۆلگۈچىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان، ئۆينىڭ تۈۋرىكى مانا مۇشۇنداق يىقىلدى، كېيىنكى كۈنلەرگە قانداق يۈزلىنىش كېرەك؟ 
     ئوخشاشلا ۋەيران بولغانلاردىن يەنە ۋەقە سادىر قىلغان شوپۇر تەن مىڭمىڭنىڭ ئاپىسىمۇ بار، ھازىر ئۇنىڭ قىزى ئېغىر كېسەللەرنى كۆزىتىش ئۆيىدە ياتىدۇ، ھايات ماماتىنى بىلگىلى بولمايدۇ، شۇنچە كۆپ قازا قىلغۇچى ۋە يارىلانغۇچى، ئۇلار بۇ ئاقىۋەتكە قانداق يۈزلىنىشنى بىلمەيدۇ.  
    بىر ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشى ئىگىلىك تىكلىگەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلمەكتە، بۇ مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنى قانداق ئالدىغانلىق، زاۋۇت قۇرۇپ قالايمىقان بۇلغىما چىقارغاندىنمۇ تەس كۈنگە قالدى!  
    ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تورداشلار بۇ ئاقىۋەتنى ئېتىراپ قىلمىغان، ۋەقە چىققاندىن كېيىن، توردا پەقەت بىرلا سادا بار، ئۇ بولسىمۇ :  تەن مىڭمىڭغا چوقۇم ئۆلۈم جازاسى بېرىشى كېرەك!
      بىر تورداش نەچچە يىل بۇرۇنقى دىلو مىسالىنى تېپىپ چىقتى، ئاساسەن ئوخشاش بىر قېلىپتا ئويۇلغان ھادىسە. 

    نۆۋەتتە بۇ ۋەقە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرىنىڭ تەرتىپلىك تەكشۈرىشىدە تۇرماقتا، تەھرىر تۈرلۈك ئىجتىمائىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئالاقىدار ئورۇنلارنىڭ مۇۋاپىق، ئادىل ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىغا ئىزچىل ئىشىنىدۇ.  شۇنداقتىمۇ نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، تەن مىڭمىڭنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش مۇمكىنچىلىكىمۇ يوق ئەمەس.
      بەزى تورداشلار تەھلىل قىلىپ، بۇ ۋەقە تەن مىڭمىڭنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئاز دېگەندە 2 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن 3 مىليون يۈەنگىچە تۆلەم پۇلى بېرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ،   ئەمما تەن مىڭمىڭنىڭ ئائىلىسى باي بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ۋە بوۋىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا، 3 مىليون يۈەن بىر نەچچە يىللىق قان-تەر بەدىلىگە كەلگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەنە شۇ 3 مىليون يۈەن بىلەن تەن مىڭمىڭنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولسا، بۇ پۇل ھەقىقەتەن ئاز پۇل ئىكەن.

    دېلو مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن، يۇڭچېڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى دەرھال بىر تەرەپ قىلدى، ئۈچ جىنايەت گۇماندارىنى نەق مەيداندا كونترول قىلدى.  يۇڭچېڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى دېلو ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ساقچىلار جامائەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن تەن فامىلىلىك، جاڭ فامىلىلىك، ليۇ فامىلىلىككە جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللاندى.  ج خ ئورگانلىرى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، دېلونى پاش قىلىش نەتىجىسىنى مۇۋاپىق پەيتتە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.


      يۇڭچېڭ شەھىرىدىكى ماسېراتى قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، يۇڭچېڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دېدى:

     تەن فامىلىلىك (ئايال، 23 ياش) ھاراق ئىچىپ مەست بولغاندىن كېيىن، قان تەركىبىدىكى ئىسپىرت مىقدارى( 167.66 - mg/100ml )  豫NE5S55 نومۇرلۇق دالا ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، يۇڭچېڭ شەھىرى دۇڭچېڭ رايونى يەرلىك باج كوچىسى يول بۆلىكىگە كەلگەندە، يول بويىدا توختىتىپ قويۇلغان ۋە نورمال يۈرۈۋاتقان نۇرغۇن كىچىك تىپتىكى پىكاپ بىلەن ئارقا-ئارقىدىن سۈركۈلۈپ قېچىپ كەتكەن، شەرقىي ئايلانما يولى بىلەن يۇڭشىڭ كوچىسىنىڭ كېسىشىش ئېغىزىغا كەلگەندە، قىزىل چىراقتا توختاپ تۇرغان باۋما ماركىلىق ئ‍اپتوموبىلغا قاتتىق سوقۇلۇپ ،باۋما ماركىلىق ماشىنىنىڭ كۆيۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىككى ئادەم ئۆلۈپ، تۆت ئادەم يارىلانغان. ساقچىلار جامائەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن تەن فامىلىلىك، جاڭ فامىلىلىك، ليۇ فامىلىلىككە جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللاندى.  ج خ ئورگانلىرى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، دېلونى پاش قىلىش نەتىجىسىنى مۇۋاپىق پەيتتە جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.
     ھازىر تەن مىڭمىڭ تۇتۇپ تۇرۇلماقتا،  3-ئىيۇل كەچتە، ئۈچ جىنايەت گۇماندارى نەق مەيداندا كونترول قىلىنغان،  7-ئاينىڭ 4-كۈنى، يۇڭچېڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى جامائەت خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش جىنايىتى بىلەن تەن فامىلىلىك، جاڭ فامىلىلىك، ليۇ فامىلىلىككە جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللانغان.

    تۆۋەندىكىسى تەن مىڭ مىڭنىڭ ۋەقە توغدۇرۇشتىن بورۇنقى ماشىنا سوقۇپ قېچىپ كەتكەندىن كىيىنكى كۆرۈنۈشلىرى

      مەست بولۇپ ماشىنا ھەيدىسە ئۆزىگىمۇ، ئۆزىگىمۇ زىيان يەتكۈزۈش ھېسابلىنىدۇ ،  مەست بولۇپ ماشىنا ھەيدىگەندىن كېيىن ۋەقە تۇغدۇرۇپ قېچىپ كېتىش  ھەقىقەتەن ھاياتى بىلەن ئوينىشىدىغان ئىش ئىكەنلىكى بۇ قېتىملىق ۋەقە ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم ئاچچىق تىراگىدىيە بىلەن كۈچلۈك ئىسپاتلاندى!
    مۇشۇنداق ئاچچىق تراگىدىيە بىلەن ئىسپاتلىنىپ تۇرسىمۇ ، سىز يەنە ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەمسىز؟ ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش قىلمىشىنى توسۇشتا ھەممەيلەننىڭ مەجبۇرىيتى بار ، قانۇنغا ئاڭلىق بويسۇنۇڭ! ئۆزىڭىزنىڭ ۋە ئۆزگىنىڭ ھاياتىغا ھۆرمەت قىلىشنى مەڭگۈ ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ!

      ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى تەييار قىلغان ،روخسىتىمىزنى ئالماي ، مەنبەنى ئەسكەرتمەي ، باشقا سالون ۋە تور بېكەتلەردە كۆچۈرۈپ تارقاتسىڭىز دەرھال پاش قىلىنىدۇ.

    مەنبەسى :سىنا تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك