• سون خيۇڭمېن رونالدو بىلەن كىيىم ئالماشتۇرغاندىن كېيىن رونالدونىڭ كىيىمىگە سۆيدى

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-07-23 11:38
  • سون خيۇڭمېن رونالدو بىلەن كىيىم ئالماشتۇرغاندىن كېيىن رونالدونىڭ كىيىمىگە سۆيدى

    21-ئىيۇل ئوينالغان خەلقئارا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقسىىدە توتتېنھام 2:3 نەتىجە بىلەن يۇۋېنتۇس كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، سون خيۇڭمېن بىلەن كىرىستيانو رونالدومۇ نەق مەيداندىكى مەستانىلەرنىڭ چاقىرىشلىرىدىن مەمنۇن بولۇشتى، كورېيەلىك بۇ چولپان بىلەن رونالدونىڭ بىر قېتىملىق سۆھبىتىمۇ بىزنى مول مەزمۇنلۇق ھىكايىگە ئېرىشتۈردى.

    2019072310312554283.jpg

    ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندا، سون خيۇڭمېن مەيداندىكى قەدىمىنى ئاستىلىتىپ رونالدونى ساقلىدى، رونالدو سون خيۇڭمېننىڭ يېنىغا كەلگەندە سون خيۇڭمېن رونالدو بىلەن پاراڭلاشقان، رونالدومۇ دوستانىلەرچە سون خيۇڭمېننىڭ دولىسىغا يېنىك ئۇرۇپ قويغان.

    2019072310312877998.jpg

    ئۇنىڭدىن كېيىن رونالدو بىلەن سون خيۇڭمېن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ مۇسەبىقە مايكىسىنى سېلىپ ئۆز-ئارا ئالماشتۇرغان ھەمدە بىرلىكتە مەيداندىن ئايرىلغان، دەسلەپتە سون خيۇڭمېن ناھايىتى تەمكىن كۆرۈنگەن بولۇپ، ئەمما توپچىلار ئۆتۈشمە يولىغا كەلگەندە، سون خيۇڭمېن ئۆزىنى تۇتالماي ئىختىيارسىزلا رونالدونىڭ مۇسابىقە كىيىمىنى ئېغىزىنىڭ يېنىغا ئەكىلىپ، ئاستا سۆيۈپ قويغان.

    2019072310215254832.jpg

    مۇسابىقىدىن كېيىن سون خيۇڭمېن مۇنداق دېگەن:

    «كىرىستيانو رونالدو بىلەن مۇسابىقە كىيىمى ئالماشتۇرالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن خوشالمەن، بۇ ئىشتا مەن رونالدوغا ئىلتىماس قىلدىم، ئۇ مەن كىچىك چېغىمدىلا ياقتۇرىدىغان ھەم شۇنداقلا چۈشۈمدىمۇ ئۇنىڭدەك بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان چولپان، مەن ئىزچىل مەيداندا ئۇنىڭ بىلەن مۇسابىقىلىشىپ بېقىشنى ئارزۇ قىلغان، بۇنىڭدىن بۇرۇن پەقەتلا پۇرسەت بولمىغان ئىدى، ئەمما بۇ قېتىمقى مۇسابىقىلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەندە، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشنىڭ ئىنتايىن تەسكە توختايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم، ئەمما ئاخىرىدا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم، مەن ھەقىقەتەن ئىنتايىن خوش بولدۇم.»

    تەكىتلەشكە تېگىشلىكى شۇكى بۇنىڭدىن بۇرۇن 2014-يىلى سون خيۇڭمېن قارشى تەرەپ كوماندا ئەزالىرى بىلەن مۇسابىقە كىيىمى ئالماشتۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى، پەقەت كىرىستيانو رونالدونىڭلا بۇنىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن، ئەينى چاغدا سون خيۇڭمېن مۇنداق دېگەن:

    «مۇسابىقىلەردە مەن ئاساسەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقا كوماندىدىكى ماھىرلارنىڭ ئىزدەپ بېرىپ مۇسابىقە كىيىمى ئالماشتۇرمايمەن، ئەمما ناۋادا قارشى تەرەپ ماھىرى كىرىستيانو رونالدو بولۇپ قالسا، مەن شۇنداق قىلىشنى سىناپ باقىمەن.»

    مەنبەسى :نۇر تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك