• خانلىق مارىد بۇ يىل يازدا تولا ئۇتتۇرۇپ ھالى قالمىدى، يەنە ئۇلارنىڭ مۇسابقىسىنى كۆرەمسىز؟

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-08-01 06:10
  • خانلىق مارىد بۇ يىل يازدا تولا ئۇتتۇرۇپ ھالى قالمىدى، يەنە ئۇلارنىڭ مۇسابقىسىنى كۆرەمسىز؟

    يېڭى مۇسابىقە پەسلى باشلىنىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ. ئۇزۇن تومۇز ئىسسىقنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، كېيىنكى بىر يىلدا سىز قوللايدىغان كوماندا قانداقراق نەتىجىگە ئېرىشەر؟ يېڭى ئەزالار سەۋىيەسىنى قانچىلىك جارى قىلدۇرالار؟ قانداق ۋەقەلىكلەر يۈز بېرەر؟ بارلىق توپ مەستانىلىرى يېڭى مۇسابىقە پەسلىگە قاتتىق ئىنتىزار بولۇشماقتا.

    يازلىق بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسى يېڭى مۇسابىقە پەسلىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆتكۈزىلىدىغان بولۇپ، ئوخشاشلا كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. سودا خاراكتېرىنى ئالغان بۇ مۇسابىقىلەر بىر جەھەتتىن كۇلۇب ئۈچۈن كىرىم ياراتسا يەنە بىر جەھەتتىن توپچىلارنىڭ مۇسابىقە ھالىتىنى تېپىۋېلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى رەسمىي مۇسابىقىلەرگە تەييارلىق قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

    ئالدىنقى ۋە كېينكى يېرىم مەيداندا ئوخشىمىغان ئىككى خىل سەپنى مەيدانغا چىقىرىش شۇ كوماندىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىي كۈچىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. بىراق بۇ ھەقىقەتەن توپ مەستانىلىرىدا بەلگىلىك تەسىر پەيدا قىلىدۇ. بولۇپمۇ، بۇ يىل يازدا 300 مىليون يارۋو خەجلىگەن خانلىق مادرىدنىڭ ئۇدا مەغلۇب بولىشى، ھەتتا بىر شەھەردىكى ئەشەددىي دۈشمىنى تەرىپىدىن 7:3 نەتىجىدە قانلىق مەغلۇب قىلىنىشى خېلى ئۇزۇنغىچە كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتمەيدۇ.

    بۇ يىل يازدا خانلىق مادرىد يۆتكىلىش بازىرىدا ناھايتى زور دولقۇن قوزغىۋەتتى. ئۇلار يۆتكىلىش كۆزنىكى ئېچىلا-ئېچىلماستىلا يەڭلىرى شىمايلاپ قويۇپ، خازارد بىلەن مىلىتاۋنى ئىندەككە كەلتۈردى، يەنە بارسېلونانىڭ قولىدىن يوۋىچنى تارتىۋالدى ۋە قاراتمىلىق ھالدا كۈچ تولۇقلاپ مېندىنى قوشۇۋالدى. تالانتلىق ياش توپچى رودرىگومۇ كوماندىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلاندى. زىدانىنىڭ قايتىدىن ترېنېرلىققا تەيىنلىنىشى بىلەن، يېڭى مۇسابىقە پەسلىدىكى خانلىق مادرىد توپ مەستانىلىرىغا چەكسىز ئۈمىد ئاتا قىلدى.

    بىراق ئۇلارنىڭ بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىنى كۆرگەن كىشىلەر كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قېلىشتى. خانلىق مادرىد ئارقا-ئارقىدىن بايرىن مىيۇنخېن، مادرىد ئاتلېتكا ۋە توتتېنھامغا ئۇتتۇردى، مەيداندىكى ئىپادىسىمۇ كىشىلەرنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمىدى. توپ مەستانىلىرىنىڭ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقى ۋە يېڭى مۇسابىقە پەسلىنى كۈتىۋېلىش ئارزۇسى بىراقلا سوۋۇپ كەتتى. كىشىلەر يەنە خازاردنى چوشقىدەك سەمرىپ كېتىپتۇ دەپ مازاق قىلىشتى.

    كۇلۇبلارنىڭ يازلىق يۆتكىلىش بازىرىدىكى بىر قاتار مەشغۇلاتلىرى يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە ياخشى نەتىجە يارىتىشتىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى توپ مەستانىلىرىنىڭ يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە داۋاملىق كوماندىنى قوللاپ تۇرىشىغا سەۋەب قىلىش ئۈچۈن. مەسىلەن خانلىق مادرىد، ئۇلار بۇلتۇر يازدا كرىستىيانو رونالدودىن ئايرىلىپ قېلىپمۇ، پۇل خەجلەپ كۈچ تولۇقلىمىدى، بۇنداق بولغاندا توپ مەستانىلىرىنىڭ قىزغىنلىقى تەبىيلا سۇسلاپ كېتىدىغان گەپ. خانلىق مادرىدنىڭ ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدىكى بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىسىدە، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلار سانى كۇلۇبنىڭ توققۇز يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن رېكورتىنى ياراتتى. 80 مىڭ ئادەم سىغىدىغان بېرنابۇغا ئاران 48 مىڭ 446 نەپەر توپ مەستانىسى كەلدى. ئوخشاش مەزگىلدە، بارسېلونانىڭ ساھىبخان مەيدان مۇسابىقە بېتىلىنىڭ سېتىلىشىمۇ ياخشى بولمىدى، چۈنكى ئۇلارمۇ يېڭى توپچى قوشۇۋېلىشقا كۈچىمىدى.

    مۇسابىقە پەسلىنىڭ داۋاملىشىشى بىلەن، خانلىق مادرىدنىڭ ھارغىن ھالىتى ھەممىگە ئايان بولدى. 2019-يىل 1-ئايدىكى ساھىبخان مەيداندا لېگانېس بىلەن بولغان مۇسابىقىدە، بېرنابۇدىكى 44 مىڭ 231 ئادەم 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن رېكورتنى ياراتتى. دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى توپ مەستانىلىرى بارمايلا قالماستىن، شۇ جايدىكى توپ مەستانىلىرىمۇ بارماس بولدى. 

    بىر مۇسابىقە پەسلى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ھەر قايسى زەردار كۇلۇبلار توپ مەستانىلىنى تۇتۇپ قېلىشنىڭ ئامالىنى ئىزدەيدۇ. ئەڭ بىۋاستە ئۇسۇل دەل يۆتكىلىش بازىرىدا يېڭى توپچى سېتىۋېلىپ، توپ مەستانىلىرىدا يېڭىلىق تۇيغۇسى ساقلاپ، ئۇلارنى يېڭى مۇسابىقە پەسلىگە ئىنتىزار قىلىش.

    بۇ يىل يازدا بارسېلونا دېيوڭ ۋە گرېزماندىن ئىبارەت ئىككى كۈچلۈك ماھىرنى قوشۇۋالدى. ئۇلار ۋە مېسسىدىن تەشكىل تاپقان يېڭى سەپ توپ مەستانىلىرىنىڭ قىزغىنلىقىنى قايتىدىن قوزغاتتى.

    لىۋېرپول ۋە مانچېستېر شەھىرىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئېنگلاند زەردارىنىڭ بىرى چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە چېمپيون بولۇش بىلەن بىرگە، يەنە ئېنگلاند بىرلەشمىسىدە 97 نومۇر ئېلىپ، ئېنگلاند بىرلەشمىسىدە ئىككىنچى بولغان كوماندىنىڭ ئەڭ يۇقىرى جۇغلانما نومۇرغا ئېرىشىش رېكورتىنى ياراتتى. يەنە بىرى ئېنگلاند بىرلەشمىسىنىڭ ئاخىرقى چېمپىيونى بولدى. بۇ ئىككى كوماندا بۇ يىل يازدا كۆپ پۇل خەجلىمىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھازىرقى كوماندا قۇرۇلمىسى ناھايتى مۇكەممەل بولۇپ، ئۆزگەرتىش بوشلۇقى چوڭ ئەمەس. چېلسى بولسا سودىدىن چەكلەش بۇيرۇقى سەۋەبىدىن، بىر يىل چىداپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.

    مانچېستېر شەھىرى چېمپيونلۇق بىرلەشمىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلمىدى، لېكىن ئۇلارنىڭ پۈتۈنلەي روھى چۈشۈپ كەتكىنى يوق. ھازىرغا قەدەر ئۇلار بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىدە تولۇق غەلىبە قىلىپ كەلدى، يان بېك ۋان بىساكانىڭ ئىپادىسىمۇ ناھايتى ياخشى بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، لۇكاكۇ بىلەن دىبالانى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش سودىسى پۈتۈپ قالسا، يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە مانچېستېر بىرلەشمىسىدە يەنە بىر قىزىق نۇقتا كۆپىيىدۇ.

    «كەمبەغەل» ئارسېنال ئىزچىل توپ مەستانىلىرىنى ئەڭ ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ قېتىم ئاخىرى چىشىنى چىشلەپ مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش ئۇسۇلىدا 80 مىليونلۇق ھۇجۇمچى نىكولاس پېپېنىڭ سودىسىنى پۈتتۈرۈپ، كوماندا ئۈچۈن يېڭى قان ھاسىل قىلدى.

    يۇۋېنتۇسقا كەلسەك، يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە رونالدونىڭ ئىپادىسىنىڭ قانداق بولىشىدىن باشقا، يەنە يېڭى ترېنېر ساررىنىڭ مۇسابىقە ئۇسلۇبى ۋە دېلىگت، رابىئوت، رامسېي قاتارلىق يېڭى ئەزالارمۇ كىشىنىڭ ناھايتى دىققىتىنى تارتىدۇ.