• كورېيە چولپانلىرى ئىمزالايدىغان توختامغا مۇنداق بىر ماددا قوشۇلدى

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • كورېيە چولپانلىرى ئىمزالايدىغان توختامغا مۇنداق بىر ماددا قوشۇلدى

    شياڭگاڭ تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تېلېۋىزىيە تىياتىرى «قۇياش ئەۋلادى»دا ھەمكارلىشىپ ئاچا-ئىنى ئاشىق-مەشۇقلار دەپ ئاتالغان كورېيەلىك ئەر سەنئەتكار سوڭ جوڭكى بىلەن ئايال چولپان سوڭ خيېكيو ئالدىنقى يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا توي قىلغان، ئالدىنقى ئاينىڭ 27-كۈنى ئاجراشقانلىقىنى تۇيۇقسىز جاكارلاپ، بىر يىل سەككىز ئايلىق تۇرمۇشىغا خاتىمە بەرگەن. سوڭ جوڭكى ئاساسلىق رول ئالغان كورېيە تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئاسادال يىلنامىسى»نىڭ ئىككىنچى بۆلۈمى ئەمدىلا قويۇلۇپ بولغان، ئۇ ئاجراشقانلىقىنى جاكارلىغان ۋاقىتتا ئىككىنچى بۆلۈمى تېخى قويۇلۇپ تۈگىمىگەن. ئاجراشقانلىق ئۇچۇرى بۇ فىلىمگە خېلى چوڭ سەلبىي تەسىر پەيدا قىلغان، شۇڭا تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇشۇنداق ئەھۋاللارنىڭ يەنە كۆرۈلۈشىدىن ئەندىشە قىلىپ، توختامغا يېڭى ماددا قوشقان.

    مەلۇم تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئىشلەش شىركىتىنىڭ خادىمى مۇنداق دېگەن:«سوڭ جوڭكى بىلەن سوڭ خيېكيو ئاجراشقانلىقىنى جاكارلاشتىن بۇرۇن فىلىم ئىشلەش شىركىتى بىلەن ۋاستىچىلىك شىركىتى ئىمزالىغان توختامدا ئاجرىشىشقا ئالاقىدار ماددىلار يوق ئىدى، ئەمما ئىككىسى ئاجراشقانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ھازىر شەخسىي سەۋەب دېگەن تۈرگە <ئاجرىشىش> دېگەن خەت قوشۇلدى، ئەگەر توختام ئىمزالىغاندىن كېيىن ئاجرىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە ھەمدە ئىشلەۋاتقان فىلىمگە تەسىرى بولسا، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ئۈچ ھەسسە كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىش پۇلى تۆلەيدۇ.»

    مەنبەسى :سىنا تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ھىندىستان دۇنيا گۈزىلى ئاشۋارىيە ۋە قىزىغىمۇ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلدى

    1970-01-01 08:00

  • پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا ياشلىق باھارىمىزنى جۇلالاندۇرىمىز

    1970-01-01 08:00

  • ئەڭ قىممەتلىك ئوقۇش پۈتكۈزۈش سوۋغىسى، ئەڭ گۈزەل كىشىلىك ھايات ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى4542 تاكسى ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز توشۇيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نۇقتىسى،زاپاس مەيدان تەسىس قىلنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىروسنى تەكشۈرۈش ھەققىنى 160يۈەنگە تەڭشىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئامما بىلەن بىرگە يەپ ، بىرگە تۇرۇپ ، بىرگە ئەمگەك قىلىپ ئامما ئارىسىغا چۈكۈش

    1970-01-01 08:00

  • ﺑﻪزﯨﻠﻪر لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎزلا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ، بۇ قانداق ئىش؟

    1970-01-01 08:00

  • توغرا ! مەن ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلاي !

    1970-01-01 08:00

  • مەن ئىشىنىمەن ئىتتىپاقلىق كۈچ ، بىز يەنە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز

    1970-01-01 08:00