• شىنجاڭ مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-08-01 06:55
  • شىنجاڭ مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

    ۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش    ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش

    جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش شىنجاڭ مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

    شۆھرەت زاكىر ئاخبارات ئېلان قىلدى ھەم ئالاقىدار سوئاللارغا جاۋاب بەردى

    7- ئاينىڭ 30- كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» باش تېمىسىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش شىنجاڭ مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاخبارات ئېلان قىلدى.

    (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ مىنيى فوتوسى)

    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى يۈەن لېي، سۈي يۈنيەن، لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7- ئاينىڭ 30- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان «گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» باش تېمىسىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش شىنجاڭ مەخسۇس مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئاخبارات ئېلان قىلدى.

    شۆھرەت زاكىر ئاخبارات ئېلان قىلغاندا مۇنداق دېدى: شىنجاڭ سېھىرلىك ھەم گۈزەل جاي، قەدىمدىن تارتىپ جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى. بۇ جاينىڭ يېرى كەڭ، بايلىقى مول، تارىخى ئۇزاق، مەدەنىيىتى چوڭقۇر، كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، كۆپ خىل مەدەنىيەت گىرەلەشكەن، كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون، شەرق - غەرب مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم يول. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ قوللىشىدا، شىنجاڭ ۋەتەن بىلەن بىرلىكتە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىپ، تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەش، گۈللەپ ياشناش داغدام يولىدا مېڭىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشتى.

    شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە رىشتە باغلاپ، شىنجاڭ خىزمىتىگە نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى. بىز يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىدۇق، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭدۇق، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، جەمئىيەت مۇقىم، ئىقتىساد تەرەققىي قىلغان، مىللەتلەر ئىتتىپاق، دىنلار رايىش بولۇپ، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەپ تۈرلۈك ئىشلار گۈللەپ ياشناپ، تارىختىكى ئەڭ ياخشى گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە تۇرماقتا.

    شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ 70 يىللىق تارىخىي غايەت زور ئۆزگىرىشى شۇنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدىكى، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىق قوينىدا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرغاندىلا، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرغان ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرگەندىلا، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىدا چىڭ تۇرغاندىلا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئاندىن گۈللەنگەن، ئالغا باسقان بۈگۈنى ۋە تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى بار بولىدۇ. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىز ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈپ چىقىمىز.

    ئارقىدىن، جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇ مۇخبىرلىرى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى، مىللىي مۇنەۋۋەر مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ بەس - بەستە سوئال سورىدى. شۆھرەت زاكىر ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ چۇنلىن بىر - بىرلەپ جاۋاب بېرىپ، تەپسىلىي ۋە ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتلار، جانلىق، ئەمەلىي مىساللار ئارقىلىق، تاراتقۇلارغا سەمىمىي جاۋاب قايتۇردى.

    گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى، ئاخبارات باياناتچىسى خۇ كەيخۇڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

    ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى شىنجاڭ مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرگەزمىسى ۋە خاس كۆرگەزمە پائالىيىتى تەڭ قەدەمدە ئۆتكۈزۈلدى.

    مەنبەسى :تىيانشان تورى




    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك