• شىنجاڭدىكى بۇ جايلاردا بۈگۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃40 ئەتراپىدا بولىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-08-01 06:56
  • شىنجاڭدىكى بۇ جايلاردا بۈگۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃40 ئەتراپىدا بولىدۇ

      شىنجاڭ ئارشاڭ ناھىيەسىدىن كۆرۈنۈش.

      تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز يۈ مىڭفەن، جاڭ ۋەندې فوتوسى، خەۋىرى): ۋاقىت نېمانداق تېز ئۆتكەن ھە، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 8-ئاي كىردى. بۈگۈن خوتەن ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، قومۇل شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃37~℃39 قىچە بولىدىكەن، تۇرپان شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃40 تىن يۇقىرى بولىدىكەن.

      ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃31، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃22 بولۇپ، 3 بال شامال چىقىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، كېيىنكى يېرىم ھەپتىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، تېمپېراتۇرا ئاستا-ئاستا ئۆرلەپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃36قا يېتىدىكەن.

      بۈگۈن G312 ۋە G30 لىنىيەسىنىڭ تۇرپاندىن قومۇلغىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ ئورقۇدىن كۈيتۈنگىچە بولغان بۆلىكى، G3014 لىنىيەسىنىڭ ئورقۇدىن كۈيتۈنگىچە بولغان بۆلىكى، G3015 لىنىيەسىنىڭ قارامايدىن كۈيتۈنگىچە بولغان بۆلىكى، G314 لىنىيەسىنىڭ شياۋساۋخۇدىن توقسۇنغىچە بولغان بۆلىكى، كورلا ئېغىزىدىن كەلپىنگىچە بولغان بۆلىكى، G218 لىنىيەسىنىڭ لوپنۇردىن چاقىلىققىچە بولغان بۆلىكى، G315 لىنىيەسىنىڭ خوتەندىن چاقىلىققىچە بولغان بۆلىكى ℃35 تىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە G30، G312 لىنىيەسىنىڭ تۇرپاندىن پىچانغىچە بولغان بۆلىكى، G314 لىنىيەسىنىڭ شياۋساۋخۇدىن توقسۇنغىچە بولغان بۆلىكى قاتارلىق لىنىيە بويلىرىدا تېمپېراتۇرا ℃40 تىن يۇقىرى بولىدىكەن.

    مەنبەسى :شىنجاڭ گېزىتى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك