• ئېلىمىزدىكى 800 چولپاننىڭ 2800 شىركىتى بار ئىكەن

  • يوللىغۇچى : دىلارە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-08-19 07:58
  • ئېلىمىزدىكى 800 چولپاننىڭ 2800 شىركىتى بار ئىكەن


    ئاشكارە ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، 1000 داڭلىق (جەمئىي 2000ى بار) ئەر/ئايال چولپان تىزىملىكىدىكى 800دىن ئارتۇقىنىڭ ئۆزىنىڭ شىركىتى بار ئىكەن. شىركەتنىڭ ئومۇمىي سانى 2800گە يېتىدىغان بولۇپ، كىشى بېشىغا 3.5دىن توغرا كېلىدىكەن. كەسىپ جەھەتتىن قارىغاندا، يېرىمدىن ئارتۇق شىركەت مەدەنىيەت، تارقىتىش كەسپىنى قىلىدىكەن، ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئىجارە ۋە سودا مۇلازىمەتچىلىك كەسپى كارخانىلىرى ئىكەن.

    ئەر چولپانلاردىن خۇ خەيچۈەن، خۇاڭ شياۋمىڭ ۋە رېن چۈەن ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇرغان. ئۇنىڭ ئىچىدە خۇ خەيچۈەن 57 شىركىتى بىلەن بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، خۇاڭ شياۋمىڭ 48 شىركەت بىلەن ئىككىنچى ئورۇندا، رېن چۈەن 36 شىركەت بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان. ئايال چولپانلاردىن جاڭ زىيى 30 شىركەت بىلەن بىرىنچى ئورۇندا، داڭلىق رىياسەتچى ياڭ لەن ۋە لى جىڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان. ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىگە كىرگەنلەردىن يەنە جاۋ ۋېي ۋە لى بىڭبىڭ بار.

    مەنبەسى :سىنا





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك