• «ئالدىنقى يېرىم ئۆمرۈم»: نېمىشقا پۇلى بار ئەر بىلەن توي قىلىش كېرەك؟

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-08-19 07:10
  • «ئالدىنقى يېرىم ئۆمرۈم»: نېمىشقا پۇلى بار ئەر بىلەن توي قىلىش كېرەك؟

    ما يىلى، يۈەن چۇەن، جىن دوڭلار باش رول ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئالدىنقى يېرىم ئۆمرۈم» يازغۇچى يى شۇنىڭ ئەسىرىدىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن، داڭلىق داشۆنى پۈتتۈرگەن لو زىجۈننىڭ يولدىشى تويدىن كېيىن ئۇنىڭغا ئاسىيلىق قىلىدۇ، ئاخىرىدا ئۇ ئائىلە ئايالىدىن كەسپىي ساھەدىكى قابىل ئايالغا ئايلىنىدۇ.

    ئەمەلىيەتتە ئەمدى ئاجراشقان ما يىلىنىڭمۇ لو زىجۈنگە ئوخشاش كەچۈرمىشلىرى بار، يولدىشى تويدىن كېيىن بۇزۇلدى، ئاندىن قايتا يەنە ياراشتى.

    «ئالدىنقى يېرىم ئۆمرۈم»دە لو زىجۈننىڭ ھاياتى راستتىنلا ئېچىنىشلىق، يولدىشى چېن جۈنشېڭ سىزنى باقىمەن دەپ ئۇنى مۇستەقىل جېنىنى بېقىش ئىقتىدارىدىن ئاستا-ئاستا مەھرۇم قىلىدۇ، 30 ياشتىن ئاشقان لو زىجۈن يەنىلا گۈلدەك چىرايلىق بولسىمۇ لېكىن تۇرقى ئاددىي ئۈچىنچى شەخس لىڭ لىڭغا ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ.

    لو زىجۈندەك پارقىراپ تۇرىدىغان ئائىلە ئايالىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ سىڭلىسى لو زىچۈن ئەڭ تىراگېدىيەلىك ئوبراز، ئۇ كۆك نامرات يولدىشى بەي گۇاڭغا تېگىپ، ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

    تىياتىردا مۇنداق بىر كۆرۈنۈش بار، لو زىجۈن سىڭلىسى لو زىچۈندىن نېمىشقا داشقال ئەر بەي گۇاڭدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى سورايدۇ، لو زىچۈن ئاچىسىغا: سەن ئاجراشقان بولساڭمۇ لېكىن ئۇزۇن يىل ئۆيدە ئوبدان كۈتۈنۈپ يۈرگەچكە تەقى-تۇرقۇڭ يەنىلا شۇنداق چىرايلىق تۇرالىدىڭ، دەيدۇ.

    بەي گۇاڭنىڭ پۇلى يوق بولۇپلا قالماي، يەنە مىجەزى ئوسال، يەنە ئائىلە زوراۋانلىق خاھىشى بار، ھەتتا قېيىنئانىسىغىمۇ ھۆرمەت قىلمايدۇ، ھە دېسىلا ئايالىغا ۋارقىراپ-جارقىرايدۇ، ئۆزى ئېنىق پۇل تاپالمايدىغان تۇرۇقلۇق يەنە لو زىچۈننى پۇلغا ئامراق دەپ ئەيىبلەيدۇ.

    بۇنداق نامراتلىقىنى يۆلەش ئۇسۇلىدىكى تۇرمۇش لو زىچۈننى بەك ھالسىرىتىدۇ، يەنە كېلىپ لو زىجۈننىڭ كۆڭلى يۇمشاق بولغاچقا ئېرىدىن ئايرىلىشقا تېخى چىدىمايدۇ، چۈنكى ئۇ بەي گۇاڭنىڭ ئۆزى يالغۇز ياخشى ياشىيالماسلىقىدىن قورقىدۇ.

    ئەمەلىيەتتە لو زىچۈندەك بۇنداق ياشاۋاتقان ئاياللار بەك كۆپ، بۇنداق توي تۇرمۇشىدا ماددىي پاراغەت بولمىغاندىن تاشقىرى يەنە روھىي ئەمىنلىككىمۇ ئېرىشكىلى بولمايدۇ.

    ئەڭ قورقۇنچلۇقى، بەي گۇاڭ يەنە لو زىچۈننىڭ ئىشەنچىسىنىمۇ يەردە قويىدۇ، ئۆزى بىلەن تەڭ جاپا تارتقىلى سېلىپ، ئۇنى ھازازۇل ئايالغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

    لو زىجۈن ئەڭ ئاخىرىدا ئۇتۇق قازىنالىشىدىكى سەۋەب ئۇنىڭ كوزىرلىق ئالاھىدىلىكى سۈپىتىدە ئۇنىڭ جامالى ۋە ئوقۇش تارىخى بار، ئەمما لو زىچۈننىڭ بۇنداق ئەۋزەللىكى يوق.

    نامراتقا ياتلىق بولغاندىن كېيىن قەلبىمۇ نامراتلىشىپ كېتىدىغان گەپ، ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتەي دېسە ماغدۇرى، غەيرىتى يېتىشمەيدۇ.

    ھەممە ئادەم توي ئاياللارنىڭ ئىككىنچى قېتىم تۇغۇلۇشى دەپ قارايدۇ، توينى ياخشى ئادەم بىلەن قىلالسىڭىز سىز تېخىمۇ مۇنەۋۋەرلىشىسىز، ئەگەر ئۇنداق بولمىسا سىز بارغانچە تۆۋەنلەيسىز، قانداق ئادەم بىلەن ئۆتۈشنى تاللاش سىزنىڭ كەلگۈسىدىكى ھاياتىڭىزنىڭ سۈپىتىنى بەلگىلەيدۇ.

    چېن جۈنشېڭ گەرچە قورقۇنچاق ھەم داشقال ئەر بولسىمۇ لېكىن ھېچبولمىسا لو زىجۈن ئۈچۈن ياخشى شارائىتلارنى تەمىن ئېتەلىدى، ئۇنىڭ ھېچنېمىدىن غېمى بولمىغاچقا خاتىرجەم ئۆيدە ئولتۇرۇپ خانىم بولالىدى.

    بەي گۇاڭچۇ؟ نامرات بولغىنىنى ئاز دەپ يەنە مىجەزى ئىنتايىن ئوسال. داڭلىق يازغۇچى سەنماۋدىن يولدىشى خوسى قانداق ئادەمنى ياقتۇرىسىز دەپ سورىغاندا، ئۇ: ئەگەر ياخشى كۆرمىسەم مىليونېرغىمۇ تەگمەيمەن، ئەگەر ياخشى كۆرسەم مىلياردېر بولسىمۇ تېگىمەن، دېگەنىكەن.

    يۇقىرى قاتلامدىكى ئادەم بىلەن توي قىلسىڭىز سىز چوقۇم مۇكەممەل تۇرمۇشقا ئېرىشىشىڭىز ناتايىن، لېكىن سىزنىڭ نەزەر دائىرىڭىز بارا-بارا يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ، چۈشەنچىڭىزمۇ ئاشىدۇ، سىز تېخىمۇ سېھرىي كۈچكە ئىگە ئايالغا ئايلىنىسىز.

    ئەگەر تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيەسىمۇ نامرات ئادەم بىلەن توي قىلسىڭىز، بۇنداق ئادەمنى يۆلەپمۇ يۆلەپ بولالمايسىز. چۈنكى ئۇ سىزدىكى ئېنىرگىيەنى ئىسراپ قىلىۋېتىدۇ، سىزنىڭ ئىرادىڭىزنى سۇندۇرىدۇ، مىجەزىڭىزنىمۇ چۇسلاشتۇرىدۇ. لو زىچۈننىڭ تىراگېدىيەسى زور دائىرىدە يولدىشى بەي گۇاڭنىڭ تەسىرىدىن بولغان.

    ياش قىزچاقلار، چوقۇم قورقماي پۇلى بار ئادەم بىلەن توي قىلىڭلار، ھەرگىزمۇ قەلبىمۇ نامرات ئادەم بىلەن توي قىلىپ قالماڭلار، چۈنكى بۇنداق ئادەمدە بىر ئۆمۈر ئۈمىد كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۆزۈڭلارنىڭمۇ قەددىنى رۇسلىيالمايسىلەر.

    سىلەرنىڭ يەنە قانداق پىكىرىڭلار بار؟

    مەنبەسى :سىنا





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك