• ھىندىستان سودا ساھەسىدىكى باينىڭ قىزلىرى

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-08-19 07:30
  • ھىندىستان سودا ساھەسىدىكى باينىڭ قىزلىرى

    ئائىشە ساپار (Ayesha Thapar)نىڭ دادىسى ساپار گورۇھىنىڭ ھوقۇقدارى. ئائىشە ئامېرىكا ۋېلىسلى شۆيۈەنى ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە ماتېماتىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن. ھازىر ئائىشە ساپار ھىندىستان شەھەر ئۆي-زېمىن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى. بۇ ئۆي-زېمىن شىركىتى كەسپ جەھەتتە كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار، ئۇل ئەسلىھە، كاپىتال ۋە قۇرۇلۇش مەسھۇلاتلىرى، سۇ مەسھۇلاتلىرى باقمىچىلىقى، ئۆي-زېمىن تەرەققىياتى قاتارلىقلارغا چېتىشلىق ئىكەن.

    ئانانيا بىرلا (Ananya Birla) بولسا ئوقەتچى كۇمار مانگالام بىرلا (Kumar Mangalam Birla)نىڭ چوڭ قىزى. ئۇ بىرلا جەمەتىنىڭ ئالتىنچى ئەۋلاد ئەزاسى. ئانانيا بىرلا ئەنگلىيە ئوكسفوردتتا ئىقتىسادشۇناسلىق ۋە باشقۇرۇش ئىلمىدا ئوقۇيدىكەن. نۆۋەتتە، ئۇ دوستى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىككى شىركەت قۇرغان. شىركەت باشقۇرۇشتىن باشقا، ئۇ يەنە كىشىلەرنىڭ روھىي كېسەللىكلەرگە بولغان تونۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، روھىي كېسەللىكلەرگە ئالاقىدار سېسىق ناملارنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان بىر تۈرلۈك ھەرىكەت قوزغىغان. ئوقەت بىلەن خەير-ساخاۋەتنى بىللە ئېلىپ بېرىش پۇلدارلارنىڭ كۆنگەن ئۇسۇلى.

    ناندىنى پىلامار ئەنگلىيە ئوكسفورد داشۆسى خېرتفورد شۆيۈەنى پۈتتۈرگەن، ستانفورد داشۆسىنىڭ سودا شۆيۈەنىنىڭ سودا سانائەتنى باشقۇرغۇچى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. ئاجەي پىلامارنىڭ قىزى، چىرايلىق ھەم ئەقىللىق. ستانفورد داشۆسىگە كىرىشتىن بۇرۇن، ناندىنى پىلامار ماككېنسىي شىركىتىدە كەسپ ئانالىزچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. شۇ ئارىلىقتا، سېتىۋېلىش ۋە تەمىنلەشنى باشقۇرۇش، ھەر خىل كارخانىلارنىڭ ئۆستۈرۈش ۋە ئۇچۇر تېخنىكا ئىستىراتېگىيەسى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان سودا تۈرلىرىگە قاتناشقان. نۆۋەتتە، ناندىنى پىلامار پىلامار كارخانىسىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىگە مەسئۇل بولۇپ ئىشلەيدىكەن.

    ھىندىستان تاراتقۇ گورۇھى «دېككان خاتىرىسى» گېزىتىنىڭ ئىگىدارى ۋىنكاترام رېدىنىڭ قىزى جاياترى رېدى لوندون داشۆسىدە ئوقۇشلۇق بولۇپ، قۇرۇلۇش باشقۇرغۇچى پەخرىي باكالاۋرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2008-يىلىدىن باشلاپلا دادىسىنىڭ سودا ئىشلىرىغا ياردەملىشىشكە باشلىغان. ئۇ ھازىر دادىسىنىڭ قابىل ياردەمچىلىرىنىڭ بىرى.

    سونىيا گارۋارى بومبايدىكى داڭلىق سودىگەر شانشىكانت گارۋارىنىڭ قىزى بولۇپ، تولىمۇ گۈزەل ھەم جەلپكار. سونىيا گارۋارى ئامېرىكا بوستون شۆيۈەنىنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرغۇچى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئاساسلىق كەسپى ماركېتىڭ، ئادەم كۈچى بايلىقى باشقۇرۇش ۋە ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇش. 2007-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن باشلاپ، سونىيا گارۋارى جەمەتىنىڭ شىركىتىدە ئىشلىگەن.

    تانىيا بولسا Godrej Industries شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى ۋە باش ماركا ئەمەلدارى. تانىيا خارۋارد سودا شۆيۈەنى ۋە بروۋىن داشۆسىنى پۈتتۈرگەن. كېيىن سانائەتچى ئارۋىندې دۇباشقا ياتلىق بولغان. نۆۋەتتە، ئىككى بالىلىق بولغان بولۇپ، كەسپ ۋە تۇرمۇشتا قوش ئۇتۇق قازانغان دېيىشكە بولىدۇ.

    نىسابا گودرىج بولسا Godrej ئىستېمال بۇيۇملىرى شىركىتىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى. نىسابا پېنسىلۋانىيە داشۆسى ۋارتون سودا شۆيۈەنىدە تەبىئىي پەنلەر بويىچە باكالاۋرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان، ھەمدە خارۋارد سودا شۆيۈەنىدە سودا-سانائەت باشقۇرغۇچى ماگىستىرلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 2007-يىلى، نىسابا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئورگانىك ماددىلارنىڭ ئۆسۈشىنى تېزلىتىشنى مەقسەت قىلغان Leapfrog تۈرىنى قوزغاتقان ھەم رەھبەرلىك قىلغان.

    مەنبەسى :nur.cn





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك