• لى شياۋلوڭ ئالەمدىن ئۆتكەندە ئايالىغا قانچىلىك مىراس قالدۇرغان؟

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-08-21 07:52
  • لى شياۋلوڭ ئالەمدىن ئۆتكەندە ئايالىغا قانچىلىك مىراس قالدۇرغان؟

    جۇڭگو گۇمپىسى تىلغا ئېلىنسا دۇنيادىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر لى شياۋلوڭنى ئەسكە ئالىدۇ. لى شياۋلوڭ جۇڭگو گۇمپىسىنى دۇنياغا تونۇتقان داڭلىق چولپان، چامباشچى، گۇمپا پىرى. لى شياۋلوڭنىڭ ياشلا ئالەمدىن ئۆتىشى كۆپلىگەن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ھېسابلىنىدۇ.

    لى شياۋلوڭ 1973-يىلى 12-ئايدا تۇيۇقسىزلا ئالەمدىن ئۆتكەن، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ ئارانلا 33 ياشقا كىرگەن ئىدى. لى شياۋلوڭ ئەسلىدە گۇمپا كىنوسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقىپ جۇڭگو گۇمپىسى ۋە جۇڭگولۇقلار روھىنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرالايتتى، لېكىن ئۇنىڭ قەدىمى ئاشۇ جايدا توختاپ قالدى. لى شياۋلوڭ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن دۇنيادىكى كۆپلىگەن كىشىلەر ئۇنىڭغا تەزىيە بىلدۈردى، شۇنداقلا مۇنداق بىر مەسىلە پەيدا بولدى، ئۇ بولسىمۇ ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى قانداق بولدى؟ ئۇ زادى قانچىلىك مىراس قالدۇرۇپ كەتتى؟

    ئەمەلىيەتتە، لى شياۋلوڭ ئىلگىرى نامرات ئىدى، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ئوقۇش ھەققى يۇقىرى بولغاچقا بىر تەرەپتىن ئىشلىگەچ پۇل تاپقان، نامرات بولغانلىقتىن تۇرمۇشىنىمۇ قامدىيالمايتتى. ئارقىدىن، ئۇ لىندانى ئۇچراتتى، ئىككەيلەن تېزلا مۇھەببەت قاينىمىغا غەرق بولدى، گەرچە ئىككەيلەن توي قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تۇرمۇشى يەنىلا نامرات ئىدى. لىندا لى شياۋلوڭ بىلەن توي قىلغاندىن كېيىنمۇ ئىشلەشنى توختاتمىغان بولۇپ، ئۇ ھەتتا باشقىلارنىڭ ئۆيىدە بالا باغقۇچىمۇ بولغان، بۇنداق ئەھۋال خېلى ئۇزۇن داۋاملاشقان. لى شياۋلوڭ چامباشچىلىق سارىيى ئاشقاندىن كېيىن ۋە كىنو ئىشلىگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، ئاخىرىدا ئامېرىكىدا ئۆي ۋە ماشىنا سېتىۋالغان.

    كېيىن، لى شياۋلوڭ شياڭگاڭغا قايتىپ كىنو ئىشلەشنى داۋاملاشتۇردى، ئۇ كىنولىرىدا ئۆزىنىڭ چامباشچىلىققا بولغان ئىدىيەسىنى كىرگۈزدى، بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ كىرىمى ئەڭ يۇقىرى مەزگىل بولۇپ، كىنوسىنىڭ بېلەت كىرىمىمۇ 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان دەرىجىگە يەتكەن، بىرنەچچە كىنوسىنىڭ بېلەت كىرىمى 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان. لېكىن، كىنولىرىنىڭ بېلەت كىرىمىنىڭ يۇقىرى بولۇشى لى شياۋلوڭنى ئۇنچە باي قىلىۋەتمىگەن، چۈنكى بۇ پۇللارنىڭ ئۇنىڭغا تېگىدىغىنىمۇ ئىنتايىن ئاز ئىدى، نەچچە كىنوسىنىڭ ھەققىمۇ پەقەتلا بىر مىليون شياڭگاڭ پۇلى بولغان.

    كىشىلەر ئاشۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالغا قارىتا لى شياۋلوڭنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئايالىغا پەقەتلا نەچچە يۈز مىڭ شياڭگاڭ پۇلى قالدۇرغانلىقىنى پەرەز قىلغان، بۇ لىنداغا نىسبەتەن ئىنتايىن تەس ئىش. لىندا لى شياۋلوڭ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئىككى قېتىم توي قىلغان، بۇمۇ تۇرمۇشنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان بېسىمىدىن كېلىپ چىققان ھېسابلىنىدۇ.

    مەنبەسى :نۇر





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك