• دۇنيادىكى تۇنجى توڭلىتىلغان ئادەمنىڭ توڭى ئېرىتىلسە ئوڭۇشلۇق تىرىلەرمۇ؟

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • دۇنيادىكى تۇنجى توڭلىتىلغان ئادەمنىڭ توڭى ئېرىتىلسە ئوڭۇشلۇق تىرىلەرمۇ؟

    ھەممىمىز بىلىمىز، قەدىمدە كىشىلەر قېرىماي ياشاۋەرسەمكەن دەپ ئۈمىد قىلغان، بولۇپمۇ چىن شىخۇاڭ دەۋرىدىن باشلاپلا قېرىماسلىقنىڭ ئۇسۇللىرى تەتقىق قىلىنغان، شۇنىڭدىن كېيىن ھەر بىر سۇلالىدىكى پادىشاھلار قېرىماسلىقنىڭ ئامالىنى تېپىپ، مەڭگۈ پادىشاھ بولماقچى بولغان، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاخىرىدا يەنىلا تارىخقا ئايلانغان، شۇڭا ھازىر ھېچكىم ئىنسانلارنىڭ قېرىماسلىقىغا ئىشەنمەيدۇ.

    ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، جامېس پىسخولوگىيە پىروفېسسورى بولۇپ، تولىمۇ پۇلدار ئىكەن، لېكىن ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقتىن كۆپ ئۆمرى قالمىغان، لېكىن ھەممىمىز بىلىمىز، پۇلدارلار ئۆلۈمدىن بەك قورقىدۇ، نۇرغۇن بايلىقى بار تۇرۇپ جېنىنى قۇتقۇزالماسلىق نۇرغۇن ئادەم خالىمايدىغان ئىش، شۇڭا ئۇ ئۆزىنى توڭلىتىپ، كەلگۈسىدە توڭىنى ئېرىتىش ئۇسۇلىنى ئويلاپ چىقىپ، ئۆمرىنى ئۇزارتماقچى بولغان.

    ئۇ ئالىملاردىن ئۇنىڭ بەدىنىنى توڭلىتىش ئوپېراتسىيە قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئاۋۋال مۇزدا بەدىنىنى تېز سۈرئەتتە توڭلاتقان، ئاندىن بەدەندىكى قاننى چىقىرىۋېتىپ، قاننىڭ ئورنىغا Dimethyl sulfoxide ئۇرغان. كېيىن جەسەت سۇيۇقلاندۇرۇلغان ئازوت بار تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق كاپسۇلدا ساقلانغان. بۇ ئەينى چاغدا دۇنيادىكى تۇنجى ئىنسان توڭلىتىش قۇرۇلۇشى بولۇپ، كېيىن تاراتقۇلاردا كۈچەپ خەۋەر قىلىنغان.

    بۇ جەرياندا ئەسلىدە ھەر يىلى ئۇنىڭغا تەتقىقات ساقلاش خىراجىتى تۆلەشنى پىلانلىغان جامېس ئائىلىسىدىكىلەردە كېيىن ئۆزگىرىش بولۇپ، 20 يىللىق پۇلنى تۆلىگەندىن كېيىن داۋاملىق پۇل تۆلىگىلى ئۇنىمىغان. لېكىن بۇ تەتقىقات ئەينى چاغدا 20 يىل داۋاملاشقان بولغاچقا ئالاقىدار تەتقىقات ساھەسىنىڭ ئېتىبارىغا ئېرىشكەن، ئەسلى پىلاندىكى مەبلەغ مەنبەسى بولسىمۇ، تەتقىقات ئورنى ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمىگەن، بەلكى داۋاملىق مەبلەغ يۆتكەپ بۇ تەتقىقاتنىڭ تاماملىنىشىنى قوللىغان.

    پىلان بويىچە ئەسلى ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا جامېسنىڭ توڭى ئېرىتىلەتتى، لېكىن ھازىر ئۇ تىرىلمىگەن، چۈنكى نۆۋەتتە ئىنسانلارنىڭ ئىلىم-پەن سەۋىيەسى تېخى بۇ نۇقتىنى قىلالمايدىكەن، شۇڭا جامېس ھازىرمۇ توڭلىتىقلىق تۇرماقتا، كەلگۈسىدە يۇقىرى ئىلىم-پەن ۋە تەرەققىي قىلغان مېدىتسىنا ساھەسى ئۇنى ئويغىتىشى مۇمكىن.

    مەنبەسى :سىنا





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا ياشلىق باھارىمىزنى جۇلالاندۇرىمىز

    1970-01-01 08:00

  • ئەڭ قىممەتلىك ئوقۇش پۈتكۈزۈش سوۋغىسى، ئەڭ گۈزەل كىشىلىك ھايات ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى4542 تاكسى ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز توشۇيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نۇقتىسى،زاپاس مەيدان تەسىس قىلنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىروسنى تەكشۈرۈش ھەققىنى 160يۈەنگە تەڭشىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئامما بىلەن بىرگە يەپ ، بىرگە تۇرۇپ ، بىرگە ئەمگەك قىلىپ ئامما ئارىسىغا چۈكۈش

    1970-01-01 08:00

  • ﺑﻪزﯨﻠﻪر لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎزلا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ، بۇ قانداق ئىش؟

    1970-01-01 08:00

  • توغرا ! مەن ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلاي !

    1970-01-01 08:00

  • مەن ئىشىنىمەن ئىتتىپاقلىق كۈچ ، بىز يەنە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە بىزگە ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقلار

    1970-01-01 08:00