• ھەرقانچە يېقىن دوستىڭىز بولسىمۇ بۇ تۆت مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىماڭ

  • يوللىغۇچى : دىلمۇرات
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-08-21 07:08
  • ھەرقانچە يېقىن دوستىڭىز بولسىمۇ بۇ تۆت مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىماڭ

    ھەرقانچە يېقىن دوستىڭىز بولسىمۇ، بۇ تۆت مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىماڭ

    ئادەتتە ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەردە بىر قەدەر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر بىلەن پاراڭلاشقاندا، قارشى تەرەپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭىز ھەرقانچە ياخشى بولسىمۇ، بەزى گەپلەرنى يەنىلا دېيىشكە بولمايدۇ. ئىلگىرى بۇ سۆزنى ئانچە چۈشەنمىگەن بولساممۇ، ھازىر كەچۈرمىش ۋە تەجرىبە-ساۋاقلارنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشىنىشكە باشلىدىم.

    ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ئاجىزلىق نۇقتىسى بولىدۇ، شۇڭا ئادەتتە ئېغىزىنى چىڭ تۇتۇپ، قانداق ئادەم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ تۆت نۇقتىنى باشقىلارغا ھەرگىز دېمەسلىك كېرەك، بولمىسا، بۇ كېيىنچە ئۆزىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن خەۋپ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

    1. ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مالىيە سەۋىيەسى

    بىز ھەممەيلەن دېگۈدەك «بايلىقنى ئاشكارىلىماسلىق كېرەك» دېگەن گەپنى ئاڭلىغان،

    بۇ گەپنىڭ مەنىسى ناھايىتى ئاددىي، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر قىلالمايدۇ.

    يەنى ئۆزى پۇل تاپسىلا قانداق خەجلەشنى ئويلايدۇ، ھەتتا ئامال قىلىپ بەتخەجلىك قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى خاتا.

    بۇنداق بەتخەجلىك بىلەن خەجلەنگەن پۇل ساختا دوستنى تاپالىغان بىلەن، ئۆزى قىيىنچىلىققا ۋە خەتەرگە يولۇققاندا ئۆزىنىڭ خەتەردىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بېرەلمەيدۇ.

    يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۆزىڭىزنىڭ قانچىلىك پۇلى بارلىقىنى باشقىلار بىلىپ قالسا ئۆزىڭىزگە ھېچقانداق پايدىسى يوق.

    2. ئۆزىنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكى

    ئادەم بىلەن ئادەمنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، لېكىن ئادەتتىكى ئادەم بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز ھەمىشە بۇ قائىدىنى چۈشەنمەي، دائىم يۇقىرى-تۆۋەنلىكنى سېلىشتۇرماي تۇرالمايمىز. بۇنداق سېلىشتۇرۇش جەريانىدا ئۆزىمىزنىڭ شەخسىي سىرىنى ئاسانلا ئاشكارىلاپ قويىمىز.

    بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ ھېسسىيات جەھەتتىكى شەخسىي سىرىنى ئاشكارىلاپ، باشقىلارغا ئاجىزلىق نۇقتىسىنى تۇتقۇزۇپ قويسا، بىر كۈنلەردە ئۆزى زىيان تارتىدۇ.

    نۇرغۇن كىشىلەر باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا، بىردەملىك ئۆزىنى باسالماي، ئاغزى ئىتتىكلىك قىلىپ، ھەتتا دەردىنى كىمگە تۆكۈۋاتقانلىقىغىمۇ قارىماي ئۆزىنىڭ شەخسىي سىرىنىڭ ھەممىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ، ئارقىدىنلا پۇشايمان قىلىدۇ.

    ئېغىزدىن چىقىپ بولغان سۆزنى خۇددى چاچقان سۇغا ئوخشاش قايتا يىغىۋالغىلى بولمايدۇ.

    سىز مۇھىم دەپ قارىغان ئادەم قارشى تەرەپنىڭ نەزىرىدە بۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن، تۇرمۇش دېگەن ئۆزئارا رىقابەتلىشىدىغان سورۇن، ھەر بىر ئادەم كېيىنچە سىزنىڭ رەقىبىڭىز بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

    شۇڭا سىز بىلەن ھەرقانچە يېقىن دوست بولسىمۇ، قارشى تەرەپكە ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي تۇرمۇش ھېسسىياتىنى ئاشكارىلىماسلىقىڭىز كېرەك. قارشى تەرەپ سىزگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى قانچە كۆپ بىلسە، ئۇنىڭدا سىزگە مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلارمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ-دە، سىز ئۇنىڭ ئالدىدا شۇنچە ئاسان مەغلۇپ بولىسىز.

    3. كونكرېت ئائىلە ئەھۋالى

    ھەر بىر ئادەم بىر ئائىلىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىشىنى ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان، ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان ئىشلارنى قارشى تەرەپتىن مەخپىي تۇتۇشى كېرەك.

    لېكىن، قېرىشقاندەك نۇرغۇن كىشىلەر بۇ نۇقتىنى ھېس قىلالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىپ كەتسە، ئاسانلا ئاغزىنى باشقۇرالمايدۇ-دە، ھەمىشە ئۆيىدىكى بەزى سەتچىلىكنى باشقىلارغا دەپ سالىدۇ. باشقىلارنىڭ تەسىراتى ۋە كەيپىياتىنى قىلچە ئويلاشمايدۇ.

    شۇنىڭ بىلەن بۇ سەتچىلىك باشقا كىشىلەر ئارىسىدا سۆز-چۆچەكلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇنداق بولغاندا ئۆزىنىڭ يۈزىنى تۆكۈپلا قالماي، يەنە مۇشۇ ئىش تۈپەيلى ناھايىتى ئاسانلا ئائىلە ئەزالىرى بىلەن تالاش-تارتىش قىلىپ قالىدۇ، بۇ ئەھۋال ئۆزىگىمۇ، ئائىلىسىگىمۇ پايدىسىز.

    شۇڭا، ئائىلىدىكى سەتچىلىكنى خالىغانچە تارقىتىپ يۈرۈشكە بولمايدۇ، بولمىسا ئاسانلا ئائىلىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

    4. ئىلگىرىكى كۆڭۈلسىز كەچۈرمىشلەر

    ھەر بىر ئادەمنىڭ بۇرۇنقى كۆڭۈلسىز كەچۈرمىشى بولىدۇ. بۇ كەچۈرمىشنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگەندە، ئاسانلا باشقىلارنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچرايدۇ، ھەتتا باشقىلار كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

    ئاشكارا ئوقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئاسان، يوشۇرۇن ئوقتىن ساقلىنىش تەس دېگەن سۆز بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، ئادەم ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى ناچار تەرىپىنى ئاسانلىقچە باشقىلارغا ئېيتماسلىق كېرەك.

    چۈنكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئەينى ۋاقىتتا سىز بۇ ئىشلارنى ئېيتىپ بەرگەن ھېلىقى ئادەم باشقىلارغىمۇ ئېيتىپ بېرىشى مۇمكىن، شۇنىڭ بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئەيىبىنى ئۆزىڭىز ئاچقان بولىسىز.

    ھېچكىم باشقىلارنىڭ ئۆز كەينىدىن تاققا-تۇققا گەپ قىلىنىپ يۈرۈشىنى خالىمايدۇ، قانداقلا بولمىسۇن بۇنداق گەپ-سۆزلەر ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدۇ.

    شۇڭا ئۆزىمىزنىڭ بۇنداق قىسمەتلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىشىمىز كېرەككى، ھەرگىز باشقىلارغا دەپ يۈرسەك بولمايدۇ.

    مەنبەسى :nur.cn





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك