• كىشىلىك ھاياتتىكى بۇ 10 قائىدىنى چوقۇم چۈشىنىشىڭىز كېرەك

  • يوللىغۇچى : ئادىلە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-08-22 12:10
  • كىشىلىك ھاياتتىكى بۇ 10 قائىدىنى چوقۇم چۈشىنىشىڭىز كېرەك

    1. خىزمەت سىزنىڭ بارلىقىڭىز ئەمەس.

    خىزمەت سىزنىڭ بارلىقىڭىز ئەمەس، پەقەتلا تۇرمۇشنىڭ بىر قىسمى، مەيلى سىز دۇنياغا تەسىر كۆرسىتىدىغان چوڭ ئىشلارنى قىلىڭ، مەيلى ئۇششاق-كىچىك ئىشلارنى قىلىڭ، خىزمەت قىلىشتىكى مەقسەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك.

    2. پۇلغا سىز ئېرىشمەكچى بولغان بەختنى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ.

    پۇل پەقەتلا قورال. ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، ھەشەمەتلىك ئۆي، ئېسىل ماشىنا، چىرايلىق ئاياغ قاتارلىقلارنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ، ھەتتا بەزىدە سىزگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدۇ، لېكىن پۇل سىزگە بۇزۇلغان ھېسسىياتنى قايتۇرۇپ ئەكېلىپ بېرەلمەيدۇ، شۇنداقلا سىزنى تەنھالىقتىن قۇتۇلدۇرالمايدۇ، شۇڭا پۇل ئېلىپ كەلگەن «خۇشاللىق» كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۆتۈپ كېتىدۇ، لېكىن ئادەمنى ھەقىقىي بەختلىك قىلالمايدۇ.

    3. مۇھەببەت تۇيغۇ، تېخىمۇ مۇھىمى تاللاش

    بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قالىدىغان، ھەتتا يۈرەك-باغرىنى كاۋاپ قىلىۋېتىدىغان مۇھەببەت ۋە قايناق ھېسسىيات ئادەتتە ئۇزۇن داۋاملاشمايدۇ. مۇھەببەت بىر خىل تۇيغۇ بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى سىز ھەر كۈنى يۈزلىنىشكە توغرا كېلىدىغان تاللاشتۇر.

    مۇھەببەت ئۇ ياخشى كۆرۈش، ئىشىنىش، كەڭ قورساق بولۇش، چۈشىنىش دېمەكتۇر. لېكىن پۈتۈنلەي ھەممىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس. پەقەت ئۇزۇن يىللار داۋامىدا ئۆزگەرمەس چىن ئەقىدە بىلەن تىرىشىپ ياشىغاندىلا مۇھەببەتنى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.

    4. ئېسىلزادىلەرنىڭ «ياخشى» بولۇشى ناتايىن.

    تۇرمۇشتا، دوست يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ دېگەندەك، راست سۆزلەر يېقىمسىز، ياخشى دورا ئاچچىق بولىدۇ. بەزى كىشىلەر قارىماققا ئىنتايىن رەھىمسىز، يېقىنلىشىش تەستەك كۆرۈنىدۇ؛ بەزى كىشىلەر ئىنتايىن تەلەپچان، تىرناق ئاستىدىن كىر ئىزدەيدۇ. ئاخىرىغا بارمىغىچە سىز ئۇنىڭ جاپاسىنى ھېس قىلالمايسىز، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ بىلىپ يېتەلمەيسىز.

    5. بىلمەسلىك ئەيىب ئەمەس

    ھېچكىم ھەممىنى بىلىپ كەتمەيدۇ، ھەممە سوئالغا توغرا جاۋاب بېرەلەيدىغان ئادەم مەۋجۇت ئەمەس. شۇڭا بىر ئېغىز «مەن بىلمەيمەن» دېگەنگە ئادەمنىڭ يۈزى چۈشۈپ، ئابرويى تۆكۈلۈپ كەتمەيدۇ. يالغاندىن مۇكەممەل قىياپەتكە كىرىۋالغاندا ئۆزىنى ھەقىقىي مۇكەممەللەشتۈرگىلى بولمايدۇ، بەلكى ئەكسىچە مۇكەممەل كۆرۈنىدىغان ساختا ئوبرازنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى قاتتىق چارچىتىدۇ.

    ھەممە ئادەم خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ، ھەتتا بەزىدە ئىشنى بۇزۇپمۇ قويىدۇ. ئالغا ئىلگىرىلەش جەريانىدا ئۆگىنىش، مانا بۇ تۇرمۇش. ھېچكىم ھەممىنى بىلىدىغان «بىلەرمەن» نى ياخشى كۆرمەيدۇ. بەزى چوڭ زىيىنى يوق كىچىك كەمچىلىكلەر ئەكسىچە ئادەمنى تېخىمۇ يېقىملىق كۆرسىتىدۇ، بۇنداق ئادەم بىلەن تېخىمۇ ياخشى چىقىشىپ ئۆتكىلى بولىدۇ.

    6. باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرماڭ

    ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدىن ھوزۇرلىنىشنى بىلگەندىلا، ئاندىن ئەركىن-ئازادە ياشىغىلى بولىدۇ، شۇنداقلا بەختنىڭ كىرىش ئېغىزىنى تېخىمۇ ئاسان تاپقىلى بولىدۇ، ھاياتلىق ئۆزىڭىزنىڭ، تۇرمۇشمۇ ئۆزىڭىزنىڭ، بەك كۆپ ۋاقىتنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇشقا سەرپ قىلىۋەتمەڭ. ھەممە ئادەمنىڭ باشقىلار ھەۋەس قىلىدىغان نەرسىسى بولىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنى ئەپسۇسلىنىدىغان نەرسىسىمۇ بولىدۇ، ھەرگىزمۇ ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ.

    7. ھازىردىن باشلاپ ساغلاملىققا دىققەت قىلىڭ

    ئەقىل-پاراسەتنىڭ يېشى بەدەننىڭ يېشىدىن 10 ~ 15 يىل كېيىن بولىدۇ، سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىز ئويلىغىنىڭىزدىنمۇ تېز كېتىپ قېلىشى مۇمكىن، تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولغىنى بۇنىڭغا ئۆزىڭىز دەل ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ كېتەلمەيسىز، ئۇنىڭ يۈز بېرىشىنى خالىمىغان ئىكەنسىز، ھازىردىن باشلاپ ۋاقتىدا ئارام ئېلىڭ، ساغلام يېمەكلىكلەرنى يەڭ، كۆپرەك ھەرىكەت قىلىڭ.

    8. خۇشاللىقىڭىزنى قوغداڭ

    خۇشاللىق بىر خىل ئىقتىدار، سىزنىڭ خۇشال بولۇش-بولالماسلىقىڭىز پۈتۈنلەي سىزنىڭ كەيپىياتىڭىزغا، قىسقىسى ئۆزىڭىزنىڭ ھېس قىلىشىغا باغلىق. ھەر قانداق ئادەمدە باش قېتىقچىلىقى بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس، مۇھىمى باش قېتىقچىلىقىنى سېزىش ۋە ۋاقتىدا ئۇنى بىر تەرەپ قىلىپ، خۇشال كەيپىياتنى ساقلاش. كىشىلىك ھاياتتا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش خۇشال ياشىغانغا يەتمەيدۇ، يۇقىرى مائاشمۇ خۇشاللىققا يەتمەيدۇ، چۈنكى خۇشاللىق ئىنسانلارنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدىغان ئەسلى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچتۇر.

    9. ياخشى مۇئامىلە قىلمىغانلارنى ئەپۇ قىلىڭ

    باشقىلارنى ئەپۇ قىلىش ئۆزىڭىزگە قىلغان سوۋغىتىڭىز. چۈنكى ئەپۇ قىلىش ئاداۋەتنى تۈگىتىپ، ئۆتمۈشتىكى كۆڭۈلسىزلىكنى ئۇنتۇپ، دىققىتىڭىزنى گۈزەل كەلگۈسىگە مەركەزلەشتۈرۈشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ، ئۆتمۈشتىكى بارلىق ئىشلارنى ئەپۇ قىلغاندىلا، ئاندىن كەلگۈسىدىكى يوشۇرۇن كۈچنى بايقىغىلى بولىدۇ.

    ئەپۇ قىلىشنى بىلمىسە، يارا ئېغىزى مەڭگۈ ساقايمايدۇ، ئۇنداقتا ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولمايدۇ. مەيلى ئىلگىرى نېمە ئىش يۈز بەرگەن بولسۇن، ھەممىسى كىشىلىك ھاياتنىڭ مەلۇم بىر بېتى. ھاياتلىق كىتابىنى بىراقلا يېپىۋەتمەستىن، پەقەت ئۇ بەتلەردىن ئۆتۈپ كەتسىڭىزلا بولىدۇ.

    10. دائىم كۈلۈمسىرەڭ

    ھاياتلىقنىڭ ھەر بىر كۈنى كىشىلىك ھايات يولىدىكى بىر سەھىپە. ھاياتلىق توختاپلا قالمىسا، مەڭگۈ پۇرسەت بولىدۇ.

    ئۆتمۈش ئۈچۈن ياش تۆكمەڭ، بەلكى تۈنۈگۈنكى ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ كېتىشىڭىزنى تىلەڭ.

    زورىغا كۈلۈپ، ئازابنى ئىچىڭىزگە ئېلىۋالماڭ؛ ھەقىقىي كۈلۈپ تۇرۇپ يارا ئېغىزىنى ساقايتىش كېرەك.

    دائىم كىشىلىك ھاياتتىكى ئازاب-ئوقۇبەت، غەم-قايغۇنىلا ئويلىۋالماستىن سىزنى ئەگىپ يۈرۈۋاتقان گۈزەللىكلەرنى ئويلاڭ.

    مەنبەسى :nur.cn





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك