• «يەرشارىنىڭ ئۆپكىسى» شىددەت بىلەن كۆيمەكتە

  • يوللىغۇچى : قەيسەر
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-08-23 01:17
  • «يەرشارىنىڭ ئۆپكىسى» شىددەت بىلەن كۆيمەكتە

    چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا «يەرشارىنىڭ ئۆپكىسى» دەپ نام ئالغان ئامازون يامغۇرلۇق ئورمىنى شىددەت بىلەن كۆيۈۋاتقان بولۇپ، ئىس-تۈتەك 3000 كىلومېتىر نېرىسىدىكى شەھەرلەرگىچە يېتىپ بارغان. نەچچە مىڭلىغان دەرەخلەر، ئىسسىق بەلباغ ئۆسۈملۈكلىرى ۋە ھايۋانلار كۈلگە ئايلىنىپ كەتكەن. 8-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇيان بىرازىلىيەدە 9500 قېتىمدىن ئارتۇق ئورمانلىق ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن بولۇپ كۆپىنچىسى ئامازوندا يۈز بەرگەن.

    ئامازون يامغۇرلۇق ئورمىنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يامغۇرلۇق ئورمان بولۇپ، غايەت زور كاربون تۆت ئوكسدنى سۈمۈرۈپ كىلىماتنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنى توسىدۇ. ئورماندا مول ئۆسۈملۈك، ھايۋانلار بار بولۇپ تۈرى ئۈچ مىليوندىن ئاشىدۇ. بۇ يەردە يەنە بىر مىليونغا يېقىن ئاھالىلەر بار.

    ھازىرغىچە ئالىملار بىرازىلىيەدە 74 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ئوت ئاپىتىنى خاتىرىلىگەن. بۇ 2018-يىلىدىكى 40 مىڭ قېتىملىق ئوت ئاپىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە يېقىن. بىرازىلىيە دۆلەتلىك بوشلۇق تەتقىقات ئورنىنىڭ دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ سانلىق مەلۇماتلار بۇ يىلقى ئوت ئاپىتىنىڭ 2018-يىلىدىكىدىن %83 ئاشقانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن. بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا بىرازىلىيەدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئامازون ئىشتاتى جىددىي ھالەتكە كىرگەن.

    ئامېرىكا دۆلەتلىك دېڭىز-ئوكيان ۋە ئاتموسفىرا باشقۇرۇش ئىدارىسى(NOAA)نىڭ بىر پارچە سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىدە كۆرسىتىلىشىچە 8-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامازوننىڭ غەربىي قىسىمىدىكى يامغۇرلۇق ئورماندا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. بىرازىلىيە دۆلەتلىك بوشلۇق تەتقىقات ئورنى 2013-يىلى ئىز قوغلاپ خاتىرىلەشنى باشلىغاندىن بۇيان 2019-يىلى ئوت ئاپىتى ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن رايون بولۇپ قالغان ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەھۋال تۆت ئايدىن ئاشقان.

    دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يامغۇرلۇق ئورمان ئامازون يەرشارىدىكى كاربون تۆت ئوكسىدنى تىزگىنلەشتە مۇھىم رولغا ئىگە. ھەرقايسى يېشىل ئۆسۈملۈكلەر فوتوسېنتىز ئېلىپ بېرىش داۋامىدا كاربون تۆت ئوكسىدنى سۈمۈرۈپ ئوكسىگىن قويۇپ بېرىدۇ. شۇ سەۋەبلىك بەش مىليون كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ ئورمان يەرشارىنىڭ ئۆپكىسى دەپ ئاتالغان. بۇ ئورمانلىق يەرشارى ئاتموسفىراسىدىكى %20 ئوكسىگىننى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

    ئادەتتە ئامازوننىڭ قۇرغاقچىلىق پەسلى 7-ئايدىن 10-ئايغىچە داۋاملىشىدۇ. 9-ئاينىڭ ئاخىرىدا يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ. بىر يىلنىڭ باشقا ۋاقتلىرىدا نەم ھاۋا ئوت ئاپىتى خەۋپىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. بىراق قۇرغاقچىلىق پەسلىدە ئوت ئاپىتى تەبىئىي سەۋەبلەر تۈپەيلى يۈز بېرىدۇ، مەسىلەن چاقماق دېگەندەك. دېھقان ۋە دەرەخ كەسكۈچىلەرمۇ يەرنى سانائەت ۋە يېزا-ئىگىلىككە ئىشلىتىش ئۈچۈن ئوت قويىدۇ. ئامازوندىكى ئوت بىرازىلىيەنىڭ باشقا رايونلىرىغىمۇ كېڭەيگەن. ئوت ئاپىتىدىن چىققان ئىس-تۈتەك يېقىن ئەتراپتىكى پالا ئىشتاتى ۋە ماتوگرۇس ئىشتاتىغا يامراپ 30