• ۋاندىك 2019-يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-08-30 01:19
  • ۋاندىك 2019-يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر پۇتبولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

    ئەلكۈيى تەنتەربىيە قانىلى خەۋىرى: بېيجىڭ ۋاقتى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى سەھەردە، 2019-2020 مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ چەك تارتىش مۇراسىمى ۋە ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا، لىۋېرپول ئارقا مۇداپىئەچىسى ۋاندېكىل مېسسى، رونالدونى ئارقىغا تاشلاپ، 2019-يىللىق ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ھەمدە  ئۇمۇ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۇنجى بېك بولۇپ قالدى. 

    C罗、梅西与范迪克

    ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئېنىقلىمىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ مۇكاپات ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ئەزا دۆلەتلەرگە قاراشلىق كۇلۇبلارغا تۆھپە قوشقان ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىغا بېرىلگەن.  مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ ئاساسى ئۇلارنىڭ بارلىق مۇسابىقىدىكى ئىپادىسىگە ئاساسەن ھۆكۈم قىلىنىدۇ، جۈملىدىن دۆلەت ئىچىدىكى بىرلەشمە ۋە خەلقئارالىق مۇسابىقە، شۇنداقلا پۈتۈن مۇسابىقە پەسلىدىكى كۇلۇب ۋە دۆلەت كوماندىلىرىدا جارى قىلدۇرۇلغان سەۋىيە.

      بۇ مۇكاپات 2017-يىلىدىن بۇرۇنقى« ياۋروپادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى» بولۇپ، 2017-يىلىدىن كېيىن« ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر ئەر تەنھەرىكەتچى» دېگەن نامغا ئۆزگەرتىلىپ، لىۋېرپول ئارقا مۇداپىئەچىسى ۋاندېك مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 2019-يىللىق ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىسى بولۇپ سايلاندى.

      ئۇ بۇ مۇكاپات تارىخىدا تۇنجى بولۇپ سايلانغان ئارقا بەل توپچىسى. 

    ۋاندىك 2018-19 مۇسابىقە پەسلىدە قالتىس ئىپادىسىنى جارى قىلدۇرغان بولۇپ، ئالدىنقى پەسىلدە ۋاندىك لىۋېرپولغا ۋاكالىتەن 50 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، 6 توپ + 4 ياردەمچى پاس بەرگەن. ۋاندىك لىۋېرپولغا ياردەملىشىپ ئۇزغۇنلۇقتا نۇرغۇن ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، 2018-19 پەسىللىك ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى، بۇمۇ لېۋېرپول كوماندىسى تارىخ-6 ئۇزغۇنلۇق چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋان دېك تۇرۇشلۇق لىۋېرپول 97 نومۇر بىلەن ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى بويىچە ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى، بۇ ھەم ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى تارىخىدىكى جۇغلانما نومۇرى ئەڭ يۇقىرى ئىككىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى.  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋاندېك گوللاندىيە دۆلەت كوماندىسىنى باشلاپ ياۋروپا دۆلەتلىرى بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى، گەرچە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە گوللاندىيە كوماندىسى پورتۇگالىيەگە تەڭ كېلەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ۋاندېك باشلامچى بولغان يېڭى گوللاندىيىلىك بىر ئەۋلاد كىشىلەرگە ئۈمىدنىڭ تاڭ نۇرىنى كۆرسەتتى. 

    بۇ قېتىملىق ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى باھالاشتا، ۋان دېك مېسسى بىلەن كىرىستىيانو رونالدونى مەغلۇپ قىلىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سايلانغان.

      مېسسى ئالدىنقى پەسىل بارسېلوناغا ۋاكالىتەن 50 قېتىم مەيدانغا چىقىپ، 51 توپ + 22 ياردەمچى پاس بەرگەن.  مېسسىمۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ۋە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىنىڭ قوش كىشىلىك ئالتۇن كەش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ بارسانىڭ ئىسپانىيە بىرلەشمىسى ۋە ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرىلار لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىشىگە ياردەم بەردى.  ئەمما ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسىدە مېسسى تۇرۇشلۇق بارسېلونا ۋان دېك تۇرۇشلۇق لىۋېرپولغا تەڭ كېلەلمەي، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىلا توختاپ قالدى.

      كىرىستىيانو رونالدو ئالدىنقى پەسىل يۇۋېنتۇس كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 43 قېتىم مەيدانغا چىقىپ، 28 توپ كىرگۈزۈپ 10 ياردەمچى پاس بەرگەن.  كىرىستىيانو رونالدو ئىتالىيە بىرلەشمىسى بىلەن ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشتى.  ئۇزغۇنلۇق 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، كىرىستىيانو رونالدو تۇرۇشلۇق يۇۋېنتۇس ئاجاكىس كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، سەككىز كۈچلۈكتە توختاپ قالدى.  دۆلەت كوماندىسى قاتلىمىدا، كىرىستىيانو رونالدو باشچىلىقىدىكى پورتۇگالىيە كوماندىسى ۋاندېك باشچىلىقىدىكى گوللاندىيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، تۇنجى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

      قوشۇمچە: ئۆتكەن نۆۋەتلىك ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى نامزاتى 2010-11 مېسسى (بارسېلونا) 

    2011-12 ئېنىستا (بارسېلونا)

     2012-13 رىبىرى (بايرىن مىيۇنخىن)

     2013-14 كىرىستىيانو رونالدو (خانلىق مادرىد) 

    2014-15 مېسسى (بارسېلونا)

     2015-16 كىرىستىيانو رونالدو (خانلىق مادرىد) 

    2016-17 كىرىستىيانپ رونالدو (خانلىق مادرىد)

     2017-18 مودرىچ (خانلىق مادرىد)

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك