• ئانار گۈللىرى ناملىق مۇزىكىلىق تىياتىر 10-ئاينىڭ2-كۈنىدىن باشلاپ قويۇلىدىكەن

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-09-26 06:55
  • ئانار گۈللىرى ناملىق مۇزىكىلىق تىياتىر 10-ئاينىڭ2-كۈنىدىن باشلاپ قويۇلىدىكەن


         ئەلكۈيى تورى ، ئەلكۈيى سالونى مەخسۇس خەۋىرى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئولتۇراق رايونىدا، كۆپچىلىك ئەتىگەندە چېنىقىۋاتاتتى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ 1- شۇجىسى جاڭ جيەنگو دەم ئېلىشىنى تۈگىتىپ كەنتكە قايتىپ كەلدى، قىزى دادىسىدىن ئايرىلغۇسى كەلمىدى، ھېكايە ئەنە شۇنداق باشلاندى...

       مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكىدىن ئىگىلىشىچە، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋەقەلىك قىلىنغان «ئانار گۈللىرى»ناملىق مۇزىكىلىق تىياتىر 10- ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ  تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدىكەن.


      «2014- يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار تىيانشاننىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىغا، دېھقان- چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقى، خەلقنىڭ بەختلىك ۋە ئامان- ئېسەنلىكى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. «ئانار گۈللىرى » دېگەن ھېكايە دەل مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە بارلىققا كەلگەن، كەڭ <ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش> بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا تەقدىم قىلىنغان تىياتىر.» دېدى شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئۆپېرا ئۆمىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى.

      ئىگىلىنىشىچە، «ئانار گۈللىرى» بۇ يىل ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى نۇقتىلىق بەرپا قىلغان، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيدىغان ئويۇن بولۇپ، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىپ تاماملانغان.

      پۈتۈن تىياتىر «ئىتتىپاقلىق مەھەللىسى»، «1- شۇجى»، «بەختلىك يۇرت- ماكان»، «ئانار قىزاردى» قاتارلىق تۆت بۆلەككە بۆلۈنگەن، تىياتىردا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ 1- شۇجىسى جاڭ جيەنگونىڭ دەم ئېلىشنى تۈگىتىپ كەنتكە قايتىپ كەلگەندە، 80 نەچچە ياشلىق يالغۇز تۇرىدىغان رەھىمىخان ئانىنىڭ تۇيۇقسىز كېسىلى قوزغىلىپ قالىدۇ، جاڭ جيەنگو بۇ ياشانغان ئايالغا دوختۇرخانا ئالاقىلىشىش ئىشى بىلەن ئالدىراش يۈرگىنىدە، ئويلىمىغان يەردىن ئايالىمۇ كېسەل سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا كىرىپ قالىدۇ، بۇ ئىككى قىيىنچىلىق ئوتتۇرىسىدا قانداق قىلىشنى بىلەلمىگەن پەيتتە، ئايالى ۋە قىزىنىڭ توغرا چۈشىنىشى ئۇنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدۇ. كەنتتە تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، كەنت ئاھالىلىرى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ياردىمىدە، ياخشى ھوسۇل ئالىدۇ، جاڭ جيەنگو كەنت ئاھالىلىرىنى باشلاپ، مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىنىپ، دېھقانلارنىڭ مول ھوسۇل بايرىمىنى كۈتۈۋالىدۇ.



      ئىگىلىنىشىچە، بۇ تىياتىر مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئويۇن قويۇش شەكلىدە شىنجاڭ سەنئەت يۇرتىدا ئۇدا قۇيۇلىدىكەن. ئويۇن قويۇش ۋاقتى 2019-يىلى 10- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن 5- كۈنىگىچە، ھەر كۈنى كەچ سائەت 20:30 دا قويۇلىدىكەن.



    تۆۋەندىكى ئادرېسنى چەكسىڭىز بېلەت سېتىۋېلىش سىستىمىسىغا كىرەلەيسىز ۋە توردا تورۇپلا بۇ ئويۇننىڭ بېلىتىنى سېتىۋېلىپ شۇ كۈنى ئويۇن قويۇش نەق مەيدانىدىن بېلەتنى ئېلىپلا ئويۇنغا كېرەلەيسىز.

    http://m.0991piao.com/Item/Info/17746?from=singlemessage

        ئويۇن قويۇش ۋاقتى : 2019 - يىلى 10 - ئاينىڭ 2 / 3 / 4 / 5 / 6 / 21-كۈنلىرى
        تىياتىرخانا : شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ( يەنئەن يولى 793 - نومۇر )
        ئويۇن بېلىتى : 80 - 50 يۈەن
        تېلېفوندا مەسلىھەت بېرىش : 0991 - 4885891

        ئورۇن تاللاپ بېلەت سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىككىلىك كودنى ياكى تور بەت ئادرېسىنى ئاچسىڭىز توردا بېلەت ئالالايسىز.


        بېلەت ئېلىش ئۇسۇلى : شۇ كۈنى ئويۇن قويۇش نەق مەيدانىغا مۇددەتتىن 40 مىنۇت بۇرۇن بارسىڭىز توردىن سېتىۋالغان بېلەتنى ئالالايسىز.



    演出剧目:庆祝新中国成立七十周年优秀剧目惠民演出●情景剧《石榴花开》

    演出时间:2019年10月2/3/4/5/6日    21:00

    演出剧院:新疆艺术剧院(延安路793号)

    演出票价:80-50元

    演出团队:新疆艺术剧院歌剧团

    电话咨询:0991-4885891

    选座购票:m.0991piao.com

    取票方式:演出当天演出现场提前40分钟剧院一楼大厅取票


    【演出介绍】


    情景音乐剧《石榴花开》分《团结小区》、《第一书记》、《幸福家园》、《石榴红了》四个篇章。在某民族团结小区,大家正在晨练,一派喜气祥和景象,工作队第一书记张建国就要结束休假返回村里了,女儿怪他回来休假还在忙工作没有好好陪她,不想让爸爸走,在大家的鼓励下,张建国回到村里,村民都在村头等他,问起他去县里办事情况,张建国告诉乡亲们到县里为群众脱贫致富联系并为80多岁的孤寡老人热依法汗奶奶联系医院的事,众村民述说工作队来后村里发生的变生,感谢党、感谢工作队带来的变化,让群众脱贫致富过上好日子,要给工作队送锦旗,张建国说村里的变化是大家共同努力取得的,感谢群众给工作队的帮助和支持,就在这时张建国父亲来电话说张建国妻子因病住院了,张建国处在回家照顾妻子还是继续留在村里照看80多岁的孤寡老人热依法汗奶奶的两难取舍之中,妻子、女儿都理解张建国在基层工作不容易,让其放心在基层工作,不要为他们担心


    农民丰收节到了,村民在工作队帮助下,取得了好收成,村里要举办庆祝丰收联欢会,张建国请热依汗为一对新人当证婚人,热依汗感谢工作队及时送医救了她,大家共同唱着《我和我的祖国》歌曲去参加联欢会。金秋时节,张建国带着村里的群众到团结小区开展民族民族团结一家亲活动,受到小区居民的热情欢迎,在团结小区,结满红红石榴果的石

    榴树下,大家共叙民族团结友情,畅谈今后发展计划,照下一张民族团结的全家福,共同庆祝中华人民共和国成立70周年。

    【温馨提示】


    票品一旦售出不退不换不补;此演出一人一票制(大人孩子都要票)。

    选座时灰色代表已售,有颜色的代表未售。

    购票下单成功后需在25分钟内完成支付,未支付成功的订单,将在下单25分钟后系统自动取消,所选价位将自动释放后重新点亮,大家可及时刷新购票页面进行购买。

    温馨提示:请提前15分钟入场,禁止携带液体食品;一人一票,请您演出全程妥善保管门票。


    【购票指南】

    【演出座位图】


    来源:爱酷艺网

    监制:麦麦提江

    审稿:阿迪拉




    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك