• «دۆلەت بايرىمى» مەزگىلىدە شىنجاڭ ئىچى ئايروپىلان بېلەت باھاسى تۆۋەن بولىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-09-27 02:40
  • «دۆلەت بايرىمى» مەزگىلىدە شىنجاڭ ئىچى ئايروپىلان بېلەت باھاسى تۆۋەن بولىدۇ

    تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ مىن خەۋىرى): جۇڭچيۇ بايرىمى ئەمدىلا ئۆتۈپ كېتىشىگە، «دۆلەت بايرىمى» ئالتۇن ھەپتىلىكى يېتىپ كەلدى، دەم ئېلىش مەزگىلىنىڭ يېقىنلاپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، «دۆلەت بايرىمى»دا ساياھەت قىلىش نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلدى. گەرچە «دۆلەت بايرىمى»لىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە كىشىنى جەلپ قىلىدىغان ساياھەت يۆنىلىشلىرىگە قاتنايدىغان ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسى بىر ئاز ئۆسسىمۇ، ئەمما شىنجاڭ ئىچى ئايروپىلان بېلەت باھاسىدا يەنىلا خېلىلا ئېتىبار قىلىنىدۇ.

      مۇخبىرنىڭ 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ھەر قايسى چوڭ ئايروپىلان بېلىتى سېتىش APP دېتاللىرىدىن سۈرۈشتۈرۈپ ئىگىلىشىچە، «دۆلەت بايرىمى» ئالتۇن ھەپتىلىكىدە ئۈرۈمچىدىن شىنجاڭنىڭ ئىچىدىكى ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەرگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلەت باھاسىدا ئەڭ كۆپ بولغاندا %90تىن باشلاپ ئېتىبار قىلىنىدىكەن، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلەت باھاسى بىردەك 1000 يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن، خەلقئارا ساياھەت لىنىيەلىرىدىمۇ 1000 يۈەندىن باشلانغان ئايروپىلان بېلەتلىرى بار ئىكەن.

      ئايروپىلان بېلىتى ئېتىبارى جەھەتتە، 10-ئاينىڭ 3- ۋە 4-كۈنى (دۆلەت بايرىمى)نىڭ ئالدى-كەينىدە سەپەرگە چىققاندا باھا مۇۋاپىق بولىدىكەن، شىنجاڭدىن دۆلەت ئىچىدىكى ھەر قايسى چوڭ ئاساسلىق شەھەرلەرگە ئۇچقاندا 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى بېلەت باھاسى 10-ئاينىڭ 3-ۋە 4-كۈنىگە سېلىشتۇرغاندا ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى بولىدىكەن، ئەمما يەنە نۇرغۇن لىنىيەلەرنىڭ بېلەت باھاسىدا %70لىك ئېتىبار يولغا قويۇلىدىكەن، ئايروپىلان بېلەت باھاسىدا «بايراملىق دەم ئېلىشنىڭ بېشى ۋە ئاخىرىدا يۇقىرى، ئوتتۇرىسىدا تۆۋەن» بولۇشتەك ۋەزىيەت شەكىللىنىدىكەن.

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك