• شىنجاڭدىكى سەككىز ئاپتوموبىل يوللۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا قاتناش باشلىنىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-09-27 02:13
  • شىنجاڭدىكى سەككىز ئاپتوموبىل يوللۇق يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا قاتناش باشلىنىدۇ

    ئۈرۈمچى ـ كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، تۇرپان ـ ئۈرۈمچى ـ داخۇاڭشەن شىمالىي لىنىيەسىدە قاتناش باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول قاتناش ساقچىلىرى قاتناش ئۆزگىرىشىنى ئالدىن بىلىۋېلىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلدى.


    ئۈرۈمچى ـ كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، تۇرپان ـ ئۈرۈمچى ـ داخۇاڭشەن شىمالىي لىنىيەسىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك سەككىز ئاپتوموبىل يولىدا پات ئارىدا پۈتۈن لىنىيەدە قاتناش باشلىنىدۇ. ئىلگىرىكى قوش يۆنىلىشلىك تۆت ئاپتوموبىل يولى بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولغا سېلىشتۇرغاندا، قوش يۆنىلىشلىك سەككىز ئاپتوموبىل يولى بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ يوللىرى تېخىمۇ كەڭ، سەپەرگە چىقىش تېخىمۇ قولايلىق، ئەمما يۈرۈش ئۇسۇلىدا ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا بىر قەدەر چوڭ ئۆزگىرىش بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتى شوپۇرلارغا يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللارنىڭ يېڭى يول يۈرۈش ئۆزگىرىشىنى ئالدىن ئېنىقلاپ بەردى. قوش يۆنىلىشلىك سەككىز ئاپتوموبىل يولى بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ئاپتوموبىل يولىغا ئايرىپ يۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ئوتتۇرا مەركىزىي ئايرىش رېشاتكىسىدىن باشلاپ، سول تەرەپتىكى 1 ـ، 2ـ ئاپتوموبىل يولى كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللار يولى قىلىنىپ، كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ تېز يۈرۈشىگە تەمىنلىنىدۇ؛ 3 ـ، 4ـ ئاپتوموبىل يولى يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ۋە يۈك ئاپتوموبىللىرى يولى بولىدۇ؛ چوڭ تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرى ۋە يۈك ئاپتوموبىللىرى بۇ ئىككى يولىدا ماڭسا بولىدۇ.

    يۈرۈش پىرىنسىپى مۇنداق: كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللار تۆت ئاپتوموبىل يولىنىڭ ھەممىسىدە يول يۈرسە بولىدۇ، چوڭ يولۇچىلار ئاپتوبۇسلىرى، يۈك ئاپتوموبىللىرى پەقەت ئۈچۇنچى، تۆتىنچى ئاپتوموبىل يولىدىلا يول يۈرىدۇ. ئۈرۈمچى ـ كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ كۈيتۈن بۆلىكىدىكى كۆپ قىسىم يول بۆلەكلىرىدە كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىللار يولى بىلەن يولۇچىلار ئاپتوبۇسلىرى، يۈك ئاپتوموبىللىرى يولىنى ئايرىش لايىھىسى قوللىنىلغان بولۇپ، شوپۇرلارنىڭ ئاپتوموبىل تىپى بويىچە يول يۈرۈشنى تاللىشىنى سورايمىز.

    قوش يۆنىلىشتىكى 8 ئاپتوموبىل يۈرۈش يولى بار يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا يول ئايرىمىسى بويىچە سۈرئەتكە چەك قويۇش ئۇسۇلى قوللىنىلغان. كۆپ قىسىم يول بۆلەكلىرى ئوتتۇرا مەركىزىي ئايرىش رېشاتكىسىدىن باشلىنىپ، سول تەرەپتىكى بىرىنجى ئاپتوموبىل يولىدا يۇقىرى سۈرئەت سائىتىگە 120 كىلومېتىر، تۆۋەن سۈرئەت سائىتىگە 100 كىلومېتىر؛ ئىككىنچى، ئۈچىنچى ئاپتوموبىل يولىنىڭ سۈرئەت چەكلىمىسى يۇقىرسى سائىتىگە 100 كىلومېتىر، تۆۋىنى سائىتىگە 80 كىلومېتىر؛ تۆتىنچى ئاپتوموبىل يولىنىڭ يۇقىرى سۈرئەت چەكلىمىسى سائىتىگە 80 كىلومېتىر، تۆۋەن سۈرئەت سائىتىگە 60 كىلومېتىر قىلىپ بېكىتىلدى. سۈرئەت چەكلەش بەلگىسىدىكى سۈرئەتكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ ئاپتوموبىل ھەيدەڭ.

    ئۈرۈمچى ـ كۈيتۈن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى، تۇرپان ـ ئۈرۈمچى ـ داخۇاڭشەن شىمالىي لىنىيىسىنىڭ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدە تارقاقلاشتۇرۇش يولى تەسىس قىلىندى. ئاپتوموبىللار ئاساسىي لىنىيەدىن ئۆتۈشمە كۆۋرۈككە كىرىشتىن بۇرۇن، كۆرسىتىش بەلگە تاختىسى بويىچە ئاپتوموبىل يولىنى ئۆزگەرتىپ تارقاقلاشتۇرۇش يولىغا كىرىپ، ئۆتۈشمە كۆۋرۈككە كىرگەن ئاپتوموبىللار بىلەن ئاساسىي لىنىيەدىن ئۇدۇل ئۆتىدىغان ئاپتوموبىللارنى ئايرىۋېتىپ، تارقاقلاشتۇرۇش يولىنىڭ چىقىش ئېغىزىنى قولدىن بېرىپ قويۇپ، ئاپتوموبىللارنى كەينىگە ياندۇرۇشقا ياكى قارشى يۆنىلىشتە مېڭىشقا يول قويۇلمايدۇ، ئاپتوموبىللار ئۇدۇل مېڭىپ كېيىنكى چىقىش ئېغىزىدىن چىقىپ ئايلىنىپ مېڭىشى كېرەك.

    تۇرپان ـ ئۈرۈمچى ـ داخۇاڭشەن شىمالىي لىنىيەسىنىڭ چىقىش ئېغىزىدا ئەمەلىي سىزىق تۆت ئاپتوموبىل يولىنى ئايرىپ تۇرىدۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنىڭ چىقىش ئېغىزىدا ئەڭ سول تەرەپتىكى ئاپتوموبىل يولىدىن ئۆتۈپ، ئۈچ ئاپتوموبىل يولىنى كېسىپ مېڭىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىن چىقىش قاتتىق مەنى قىلىنىدۇ. چىقىش ئېغىزىدىن ئىككى كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دەرۋازا شەكىللىك جازىنىڭ ھەممىسىگە چىقىش ئېغىزى ئەسكەرتىش بەلگە تاختىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، يەر يۈزى بەلگە سىزىقىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، ئەڭ سول تەرەپتىكى ئاپتوموبىل يولى ئۈزۈك سىزىقىنىڭ ئورنىدىن باشلاپ ئىككىنچى ئاپتوموبىل يولىغا يول ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىدۇ، ئاندىن تەدرىجىي ئۈچىنچى ئاپتوموبىل يولىغا يول ئۆزگەرتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا چىقىش ئېغىزىغا يېقىنلاشقاندا، تۆتىنچى ئاپتوموبىل يولىغا يول ئۆزگەرتىپ، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدىن چىقىپ كەتسە بولىدۇ، ئەمەلىي سىزىق رايونىغا كىرگەندە ئاپتوموبىل يولىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك