• ياخشى ئاياللار نېمىشقا داشقال ئەرلەرگە ئۇچرايدۇ؟

  • يوللىغۇچى : ئەقىدە
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-10-03 02:23
  • ياخشى ئاياللار نېمىشقا داشقال ئەرلەرگە ئۇچرايدۇ؟

    مەن بىر قىزنى تونۇيمەن، ئۇ ناھايىتى ئوبدان، ئاتا-ئانىسىغىمۇ ناھايىتى ۋاپادار، ئادەتتە خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا تاماق ئېتىشنى ئۆگىنىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق ئوبدان قىزنى چوقۇم قەدىرلەشنى بىلىدىغان ئەرگە ئۇچرايدۇ دەپ ئويلىغانىدى، ئەمما ئەمەلىيەت ئۇنداق بولماي قالدى. ئۇ ئىككى قېتىم مۇھەببەتلەشتى، بەختكە قارشى ئىككىلا قېتىمقى ئوغۇل بالا داشقال چىقتى.

    ئۇ ئىككى ئوغۇل بالىنىڭ ئېغىزىدىكى گېپى ناھايىتى يېقىملىق، ئەمما ئەزەلدىن بۇ قىز ئۈچۈن بەدەل تۆلەپ باقمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار بىر تەرەپتىن بۇ قىزنىڭ ياخشىلىقىدىن ھۇزۇرلانسا، يەنە بىر تەرەپتىن باشقا ئاياللار بىلەن قويۇق ئالاقىسىنى ئۈزمىگەن.

    مۇھەببەتلىشىشتە كۆپىنچە ھالدا بىر ياخشى قىز ئومۇمەن ياخشى ئوغۇل بىلەن ئۇچرىشالمايدۇ. شۇڭا ياخشى قىزنىڭ داشقال ئەرگە يولۇقۇشى بىر خىل ناھايىتى ئومۇملاشقان ھادىسىگە ئايلانغان. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل سەۋەبى بار:

    1. كۆڭلىنىڭ ساددىلىقى، ئاسان ئالدىنىدىغانلىقى

    ياخشى قىزلارنىڭ جەمئىيەت بىلەن ئۇچرىشىشى، بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىشلىرى ئانچە كۆپ بولمايدۇ، مىجەزى پاسسىپ بولىدۇ، ھېسسىيات جەھەتتىمۇ كەچۈرمىشى كۆپ بولمايدۇ. بۇنداق قىزلارنىڭ مۇھەببەتلىشىشكە نىسبەتەن تەلپۈنۈشى ناھايىتى كۈچلۈك بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەپەككۇرىمۇ ناھايىتى ئاددىي كېلىدۇ.

    داشقال ئەرلەر مۇشۇنداق ئاددىي-ساددا قىزلارنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇنداق قىزلارنى قوغلىشىش ئاسان دەپ ئويلايدۇ. داشقال ئەرلەر بۇنداق قىزلارنى قوغلاشقاندا، بەك كۆپ ۋاقتى ۋە بەك كۆپ پۇلىنى خەجلىمەي، بىر قانچە ئېغىز شېرىن سۆز قىلىپلا قولغا چۈشۈرىدۇ. ئۇلار مۇشۇنداق ئاسان ئالدىنىدىغان قىزلارنى ياخشى كۆرىدۇ، لېكىن ئۇلار بۇنداق قىزلار بىلەن توي قىلىشنى، بۇنداق قىزلار بىلەن بەك ئۇزۇن مۇھەببەتلىشىشنى خالىمايدۇ.

    2. كۆڭلىنىڭ ياخشىلىقى، بەدەل تۆلەشكە ئامراقلىقى

    داشقال ئەرلەر ياخشى قىزلارنىڭ كۆڭلىنىڭ ياخشىلىقى، بىر ئەرنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشى بىلەن بارلىقىنى بۇ ئەرگە بېغىشلاشتىن يانمايدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ياخشى قىزلارنىڭ بۇنداق خاسلىقى داشقال ئەرلەرنىڭ ئوي-خىيالى بىلەن ناھايىتى ماسلاشقان بولۇپ، داشقال ئەرلەر كۆپ بەدەل تۆلەشنى خالىمايدۇ، پەقەت مۇھەببەتتە تېزراق ھوسۇل يىغىشقىلا ئالدىرايدۇ. شۇڭا ئۇلار ياخشى قىزلارنىڭ ياخشىلىقىدىن پايدىلىنىپ، ناھايىتى ئاسانلا ئۇلارغا ئېرىشىدۇ. ئۇلار بىر ياخشى قىزنى تاللىغاندا ياسالمىلىق قىلىپ ئىشلارنى ناھايىتى ئەتراپلىق ئويلايدىغان، قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئايايدىغان، كۆڭلىنى ئۇتالايدىغان قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، قىزلارنى قايمۇقتۇرىدۇ، قىزلارنىڭ ئازراقلا كۆڭلى چۈشۈپ قالسا، ئۇلار مەقسىتىگە يېتىپ، قىزلارنىڭ ياخشىلىقىدىن ھوزۇرلىنىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا قىزلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن بۇ داشقال ئەرگە بارلىقىنى بېغىشلايدۇ، ئەمما بۇ داشقال ئەر يېڭى نىشاننى كۆڭلىگە پۈكۈشكە باشلايدۇ.

    3. كۆڭلىنىڭ يۇمشاقلىقى، تۆۋەن چېكىنىڭ يوقلۇقى

    يامان ئاياللار ئەرلەرنىڭ ھىيلىسىنى ئاسانلا بىلىۋالالايدۇ، ئۇلار ئەرلەرنىڭ يامان نىيىتىنى بايقىغان ھامان ئۇ ئەرگە دەرھال تېگىشلىك جاۋابىنى بېرىدۇ، ھەرگىز بۇ ئەرگە يۇمشاق قوللۇق قىلمايدۇ ھەم بۇنداق ئەرگە كۆڭۈل ساقلاپ، ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق بىرگە ئۆتۈشنى ئويلىمايدۇ. داشقال ئەرلەر يامان ئاياللاردىن ئەزەلدىن نەپكە ئېرىشكەن ئەمەس، شۇڭا داشقال ئەرلەر يامان ئاياللارنىڭ ئاسانلىقچە چىشىغا تەگمەيدۇ.

    داشقال ئەرلەر ياخشى ئاياللارنىڭ كۆڭلىنىڭ يۇمشاقلىقى، ئاسانلا مەجنۇن بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، ياخشى كۆرۈپ قالغان ھامان ھېچقانداق پىرىنسىپ، تۆۋەن چەككە بويسۇنماستىن، ھېسسىياتنىڭ قۇلى بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. ياخشى قىزلارنىڭ كۆڭلىنىڭ يۇمشاقلىقى داشقال ئەرلەرگە نىسبەتەن بىر پۇرسەت، داشقال ئەرلەر مۇشۇنداق ئاسانلىقچە ئايرىلمايدىغان قىزلارنى ياخشى كۆرىدۇ.

    ئاياللارنىڭ ئاق كۆڭۈل بولۇشى، كۆڭلىنىڭ يۇمشاق بولۇشى، مىجەزىنىڭ ياخشى بولۇشى خاتا ئەمەس. ئەمما ئاياللار بۇ ياخشىلىقىغا پاراسەتنى ھەمراھ قىلىشى، ياخشىلىقىنىڭ داشقال ئەرلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. ئاياللار ياخشى ئادەم بولۇشى، ئەمما ھەرگىز بەك ساددا بولماسلىقى، ھەممىگە ھېسداشلىق قىلماسلىقى، كۆڭلى بەك يۇمشاق بولماسلىقى كېرەك. ياخشىچاق بولماسلىقى، ئەمما ياخشىچاقلىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلىشى، چىن كۆڭۈل بىلەن ساختا ھېسسىياتنى ئايرىيالىشى، يېنىدىكى ئەرلەرنى پەرقلەندۈرەلىشى كېرەك.

    ھەي قىز، بىر ئەرنىڭ سىزنى ياخشى كۆرىمەن دېگىنىگە ئاسانلىقچە ئىشەنمەڭ، قانداق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى سورىماي تۇرۇپ بىر ئەرگە بەك يېقىنلىشىپ كەتمەڭ، ھەمىشە بىر ئەر ئۈچۈن ئۆزىڭىزنىڭ تۆۋەن چېكىنى تۆۋەنلەتمەڭ، مەيلى قايسى ۋاقىت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىدىن مۇھىمى ئۆزىڭىزگە ياخشى مۇئامىلە قىلىڭ.

    مەنبەسى :نۇر تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك