• تىزىڭىزنى كاردىن چىقارماي دېسىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى ياخشى قىلىڭ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • تىزىڭىزنى كاردىن چىقارماي دېسىڭىز بۇ ئۈچ ئىشنى ياخشى قىلىڭ

    كىشىلەر ياشىنىپ قالغاندىن كېيىن ئاسانلا تىزى ئاغرىپ، يول مېڭىشىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ، بۇ خىزمەت ۋە تۇرمۇشقا پايدىسىز. ئىنچىكە كۆزەتسىڭىز ئەتراپىڭىزدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ 40 ياشتىلا تىزى ئاغرىشقا باشلىغانلىقىنى بايقايسىز، بۇ بىر خىل مۇددەتتىن بۇرۇن قېرىش ئەھۋالى ھېسابلىنىدۇ. مۇددەتتىن بۇرۇن قېرىشنى ئويلىمىسىڭىز، ئۇنداقتا چوقۇم بالدۇر ئاسراش كېرەك، ئادەتتە ئۈچ ئىشنى ياخشى قىلىش كېرەك، ھەتتا بىر ئىشنى ياخشى قىلغان تەقدىردىمۇ ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.

    ھازىر نېمىشقا كۆپلىگەن ياشانغان كىشىلەرنىڭ تىزى ئاغرىيدۇ؟

    ئادەم يول ماڭغاندا سۈركىلىش سەۋەبىدىن تىز ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ بوغۇمنىڭ قېرىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، لېكىن بۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، ئادەتتە ياخشى ئارام ئالسىلا ھەمدە تىزىنى ياخشى ئاسرىسىلا بۇنداق ئەھۋال يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ھازىر كۆپ قىسىم كىشىلەردە تىز ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلۈۋاتىدۇ، چۈنكى بەزى «ئۇششاق تاش» لار زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ، ئادەتتە ئازراق شورپا ياكى گۆشلۈك يېمەكلىكلەرنى يېگەندە، ئوزۇقلۇق ماددىلار بەدەندە ۋاقتىدا ئالمىشالماي ئۇششاق تاش پەيدا بولىدۇ، شۇ خىل يېمەكلىكلەرنى قانچە كۆپ يېسە، تاشمۇ شۇنچە كۆپىيىدۇ، نەتىجىدە نۇرغۇن كىشىلەردە تىز ئاغرىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.

    بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ «ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات بەرگۈچى» دېگەن لەقىمى بار، يامغۇر ياغسىلا تىزىنىڭ ئاغرىقى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئادەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ، ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتقا قارىمايلا يامغۇر ياغىدىغان-ياغمايدىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە تىزى ئاغرىغان ئادەم سوغۇقتىن قورقىدۇ، ئازراق سوغۇق ھاۋاغا يولۇقسىلا بىئارام بولىدۇ، شۇڭا ئادەتتىكى تۇرمۇشتا تىز ئاغرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىش كېرەك.

    تىز ئاغرىشنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

    ھاۋا سوغۇق چاغدا، ۋاقتىدا قېلىن كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىپ، شامالداپ سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. كۈزلۈك ئىشتاننى ۋاقتىدا كىيسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، يىرتىق پادىچىلار ئىشتىنى كىيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلارنىڭ بۇ نوقتىغا دىققەت قىلىشىنى ئەسكەرتىمىز، ھاۋا سوغۇق چاغدا كىيمەڭ، تىزىڭىز ئاغرىپ كەتمىسۇن، ياشلار يىرتىق ئىشتاننى ئاز كىيىشى كېرەك. بەزى ياشانغانلار ھاۋا سوغۇق چاغلاردا تىزىنى ئاشراشقا ئەھمىيەت بېرىش، ئەڭ ياخشىسى تىزلىق كىيىۋېلىشى كېرەك.

    ئۆلچەملىك بەل ئايلانمىسىنى ساقلىغاندا، تىزىغا بولغان تەسىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. ھازىر نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ كۆرۈلۈشى قورساق سېلىش تىپىدىكى سېمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك، تىز ئاغرىشمۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى. شۇڭا بەل ئايلانمىسىنى ياخشى كونترول قىلىپ، ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش ساغلام، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق. ئەرلەرنىڭ بەل ئايلانمىسى 85 سانتىمېتىردىن تۆۋەن، ئاياللارنىڭ بەل ئايلانمىسى 80 سانتىمېتىردىن تۆۋەن بولسا بولىدۇ، بۇ ئۆلچەملىك ساغلاملىق ھالىتى بولۇپ، بەدەن شەكلىمۇ بىر قەدەر تەكشى بولىدۇ. شۇڭا بەل ئايلانمىسىنى ياخشى كونترول قىلىش تىزنىڭ بېسىمىنى ئازايتىشتىمۇ ئىنتايىن مۇھىم.

    تۆۋەن سىجىللىقتىكى ھەرىكەتنى تاللاپ بەدەن چېنىقتۇرۇش كېرەك، ھەرىكەت سۆڭەك ئىقتىدارىنى ياخشىلايدۇ، بۇ نۇرغۇن كىشىلەر بىر قەدەر ئېتىراپ قىلىدىغان بەدەن ساغلاملاشتۇرۇش ئۇسۇلى. ئەمما، ياشانغانلار تۆۋەن سىجىللىقتىكى ھەرىكەتكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، مەسىلەن، سەيلە قىلىش، يۈگۈرۈش، تېز مېڭىش قاتارلىقلار.

    مەنبەسى :خەلق تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ھىندىستان دۇنيا گۈزىلى ئاشۋارىيە ۋە قىزىغىمۇ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلدى

    1970-01-01 08:00

  • پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا ياشلىق باھارىمىزنى جۇلالاندۇرىمىز

    1970-01-01 08:00

  • ئەڭ قىممەتلىك ئوقۇش پۈتكۈزۈش سوۋغىسى، ئەڭ گۈزەل كىشىلىك ھايات ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى4542 تاكسى ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز توشۇيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نۇقتىسى،زاپاس مەيدان تەسىس قىلنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىروسنى تەكشۈرۈش ھەققىنى 160يۈەنگە تەڭشىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئامما بىلەن بىرگە يەپ ، بىرگە تۇرۇپ ، بىرگە ئەمگەك قىلىپ ئامما ئارىسىغا چۈكۈش

    1970-01-01 08:00

  • ﺑﻪزﯨﻠﻪر لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎزلا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ، بۇ قانداق ئىش؟

    1970-01-01 08:00

  • توغرا ! مەن ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلاي !

    1970-01-01 08:00

  • مەن ئىشىنىمەن ئىتتىپاقلىق كۈچ ، بىز يەنە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز

    1970-01-01 08:00