• CBA دائىملىق مۇسابىقىسى 21-ئايلانمىسىدىن قىسقىچە خۇلاسە

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • CBA دائىملىق مۇسابىقىسى 21-ئايلانمىسىدىن قىسقىچە خۇلاسە

    بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 26-كۈنى، 2019-2020 پەسىللىك CBA دائىملىق مۇسابىقىسى 21-ئايلانمىسى ئاساسەن ئاخىرلاشتى (سىچۈەن كوماندىسى بىلەن فۇجيەن كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسى 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى ئوينىلىدۇ)، شىنجاڭ، گۇاڭدوڭ ۋە لياۋنىڭ قاتارلىق كۈچلۈك كوماندىلار غەلبە قىلدى، لېكىن شىنجاڭ كوماندىسىدىكى ئابدۇسالام يارىلاندى.

    بۇ ئايلانمىدا شەندوڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا 132-115 نەتىجىدە تيەنجىن كوماندىسىنى، لياۋنىڭ مېھمان مەيداندا 114-111 نەتىجىدە گۇاڭشا كوماندىسىنى، چىڭداۋ كوماندىسى مېھمان مەيداندا 118-108 نەتىجىدە جىلىن كوماندىسىنى، جېجياڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 119-107 نەتىجىدە گۇاڭجۇ كوماندىسىنى، شېنجېن كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 109-102 نەتىجىدە جياڭسۇ كوماندىسىنى، شىنجاڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا 88-87 نەتىجىدە بېيجىڭ كوماندىسىنى، شەنشى كوماندىسى مېھمان مەيداندا 89-80 نەتىجىدە 1-ئاۋغۇست كوماندىسىنى، بېيكوڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا 111-97 نەتىجىدە توڭشى كوماندىسىنى، گۇاڭدوڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا 120-90 نەتىجىدە شاڭخەي كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.

    12-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى 22-ئايلانما مۇسابىقىدە، گۇاڭجۇ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا گۇاڭشا كوماندىسى بىلەن، جېجياڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا شېنجېن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. 12-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى مۇسابىقىدە توڭشى كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا بېيجىڭ كوماندىسى بىلەن، 1-ئاۋغۇست كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا بېيكوڭ كوماندىسى بىلەن، جىلىن كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا شەندوڭ كوماندىسى بىلەن، تيەنجىن كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا فۇجيەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. 12-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى مۇسابىقىدە، لياۋنىڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا شەنشى كوماندىسى بىلەن، چىڭداۋ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن، گۇاڭدوڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا جياڭسۇ كوماندىسى بىلەن، شاڭخەي كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا سىچۈەن كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.

    مەنبەسى :نۇر تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ھىندىستان دۇنيا گۈزىلى ئاشۋارىيە ۋە قىزىغىمۇ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلدى

    1970-01-01 08:00

  • پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا ياشلىق باھارىمىزنى جۇلالاندۇرىمىز

    1970-01-01 08:00

  • ئەڭ قىممەتلىك ئوقۇش پۈتكۈزۈش سوۋغىسى، ئەڭ گۈزەل كىشىلىك ھايات ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى4542 تاكسى ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز توشۇيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نۇقتىسى،زاپاس مەيدان تەسىس قىلنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىروسنى تەكشۈرۈش ھەققىنى 160يۈەنگە تەڭشىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئامما بىلەن بىرگە يەپ ، بىرگە تۇرۇپ ، بىرگە ئەمگەك قىلىپ ئامما ئارىسىغا چۈكۈش

    1970-01-01 08:00

  • ﺑﻪزﯨﻠﻪر لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎزلا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ، بۇ قانداق ئىش؟

    1970-01-01 08:00

  • توغرا ! مەن ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلاي !

    1970-01-01 08:00

  • مەن ئىشىنىمەن ئىتتىپاقلىق كۈچ ، بىز يەنە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز

    1970-01-01 08:00