• CBA دائىملىق مۇسابىقىسى 21-ئايلانما: بېيجىڭ 88:87 شىنجاڭ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-12-27 05:53
  • CBA دائىملىق مۇسابىقىسى 21-ئايلانما: بېيجىڭ 88:87 شىنجاڭ

    جىبوبا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

    بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى 19:35تىكى 2019-2020 پەسىللىك CBA دائىملىق مۇسابىقىسى 21-ئايلانمىسىدا، شىنجاڭ كوماندىسى مېھمان مەيداندا بېيجىڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. شىنجاڭ كوماندىسىدىن ئابدۇسالام مۇسابىقە باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي يارىلىنىپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتتى. بىر مەيدان كەسكىن مۇسابىقىدىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسى 88-87 نەتىجىدە غەلبە قىلىپ، ئۇدا تۆت مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.

    بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسىدىن جوۋ چى 23 نومۇر، 13 گاردىن قايتقان ئېلىپ، بىر ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە بىر قېتىم توپ قېقىۋەتتى؛ فېلدېر 16 نومۇر، ئىككى گاردىن قايتقان ئېلىپ، تۆت ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە بىر قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ ئېرىك مىكا 20 نومۇر، 13 گاردىن قايتقان ئېلىپ، بىر ياردەمچى پاس بەردى؛ يۈ چاڭدوڭ 14 نومۇر، بەش گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ قىرانبېك سەككىز نومۇر، تۆت گاردىن قايتقان ئېلىپ، بىر ياردەمچى پاس بەردى؛ شىرئەلىجان ئىككى گاردىن قايتقان ئېلىپ، بىر ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە بىر قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ زېڭ لىڭشۇ يەتتە نومۇر، ئۈچ گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، سەككىز ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدى.

    بېيجىڭ كوماندىسىدىن لىن شۇخاۋ 21 نومۇر، تۆت گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بەش ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە تۆت قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ جەي شياۋچۈەن 15 نومۇر، بەش گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر ياردەمچى پاس بەردى، ھەمدە ئىككى قېتىم توپ تارتىۋالدى؛ ئۇدو 27 نومۇر، 12 گاردىن قايتقان توپ ئالدى، ھەمدە تۆت قېتىم توپ قېقىۋەتتى؛ جۇ يەنشى تۆت نومۇر، ئۈچ گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر ياردەمچى پاس بەردى؛ فاڭ شو 14 نومۇر، تۆت ياردەمچى پاس بېرىپ، ئىككى ياردەمچى پاس بەردى؛ ليۇ شياۋيۈ ئىككى نومۇر، بىر گاردىن قايتقان توپ ئېلىپ، بىر ياردەمچى پاس بەردى.

    مەنبەسى :نۇر تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك