• قازاقىستاننىڭ چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلانىدا قازا قىلغانلار 15 كە يەتتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2019-12-27 05:47
  • قازاقىستاننىڭ چۈشۈپ كەتكەن ئايروپىلانىدا قازا قىلغانلار 15 كە يەتتى

    رۇسىيە تاس ئاگېنتلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 27-دېكابىر سەھەردە قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسىدە قازا قىلغان كىشىلەرنىڭ سانى 15 كە يەتكەن.

    خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، قازاقىستان Bek Air ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ 100 ئادەم ئولتۇرغان بىر ئايروپىلانى 27-دېكابىر سەھەردە ئالمۇتا ئايرودرومىدا يەرگە چۈشۈپ كەتكەن، ئايروپىلاندا 95 نەپەر يولۇچى، بەش نەپەر ئايروپىلان خادىمى بار ئىدى. ھازىر ھادىسىنىڭ سەۋەبى تەكشۈرۈلمەكتە ھەمدە قۇتقۇزۇش خىزمىتى جىددىي ئىشلەنمەكتە.

    خەۋەردە ئېيتىلىشچە، 14 ئادەم نەق مەيداندا قازا قىلغان، بىر ئەر دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان.

    مەنبەسى :تېڭشۈن





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك