• ئامراق ماشىنامنىڭ قەشقەردىكى پائالىيتىگە تورنى بىر ئالغان چولپانمۇ قاتنىشىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2020-01-10 10:08
  • ئامراق ماشىنامنىڭ قەشقەردىكى پائالىيتىگە تورنى بىر ئالغان چولپانمۇ قاتنىشىدۇ

    未标题-1.jpg


      ئەلكۈيى تورى مەخسۇس تېمىسى : يېقىنقى بىرقانچە كۈندىن بۇيان ئەلكۈيى تورى ۋە ھەرقايسى سالونلار ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان تورداشلار ئامراق ماشىنامنىڭ ئەزىزانە قەشقەر شەھىرىدە 1-ئاينىڭ 12-كۈنى كاتتا بىر مەيدان پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ ئالاھىدە تۆۋەن باھادا ماشىنا سېتىش پائالىيتى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلغانلىقىدىن خەۋەردار بولغان ھەم بۇ قېتىملىق پائالىيەت رايونىمىزدىكى باشلامچى تور بېكەت ئەلكۈيى تورى بىۋاستە تارقىتىش پروگراممىسىدا نەق مەيداندىن ۋىدىئولۇق شەكىلدە بىۋاستە تارقىتىلىدىغانلىقىدىن خەۋەردار بولغان ئىدى ، ئەلۋەتتە بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە مەخمۇت سۇلايمان ، ئابلەت ئابلىكىم ، مۆمىنجان ئابلىكىم ، ئابدۇسۇپۇر ئىسمايىل قاتارلىق داڭلىق چولپانلار بىلەن بىرگە قەشقەردە داڭ قازانغان ، خەلقىمىزنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن مۇتەللىپ ئەخەت ، مەردان ئابلىكىم ، مەمەتجان قاتارلىق چولپانلارمۇ قاتنىشىدىغانلىقىدىن خەۋەردار بولغان ئىدى .

      بۈگۈن چۈشتىن كىيىن ئەلكۈيى تورى مۇخبىرىنىڭ ئامراق ماشىنام ئورگان تەرەپتىن ئېرىشكەن يەنە بىر يېڭىلىقى بولسا ، 3-4 كۈندىن بۇيان پۈتۈن تور دۇنياسىنى بىر ئالغان لالا لە لى لې ناخشىسىنىڭ ، يىللاردىن بۇيان ئۆزىنىڭ شوخ، تىتىك ، چاققان ۋە جۇشقۇن ناخشىلىرى بىلەن ھەممەيلەننىڭ  چەمبىرەكلىرىدىن ئورۇن ئالغان ، دوۋيىن ۋە ئۈندىداردا ھەر كىمنىڭ قىزىق نوقتىسى بولغان داڭلىق چولپان مەمەتتۇرسۇن قۇربانمۇ بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ ، 1-ئاينىڭ 12-كۈنى مەمەتتۇرسۇن قۇربان قەشقەر شەھىرىدە ئامراق ماشىنامنىڭ پائالىيتىدە ئۆزىنىڭ يېڭىلىقلىرى بىلەن بىزنى خوشال قىلىدۇ ، قالغان تەپسىلاتلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز ئەلكۈيى تورىنىڭ بىۋاستە تارقىتىشىغا دىققەت قىلىڭ ، سىز ئويلىمىغان يېڭىلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ يەردە

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك