• شىنجاڭ بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى تىجارەتچىلەرگە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2020-01-27 04:20
  • شىنجاڭ بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى تىجارەتچىلەرگە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى

       ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى : يېقىندا، قىسمەن يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا مۇناسىۋەتلىك ماسكا قاتارلىق تاۋارلار كەمچىل بولۇش ۋە باھاسى ئۆسۈش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلدى، شىنجاڭ بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دورا ۋە داۋالاش بۇيۇملىرى تىجارەتچىلىرى ۋە ئالاقىدار ئورۇنلارغا« يېڭىچە تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدىكى باھا ھەرىكىتىنى ئەسكەرتىش كىتابى» نى تارقىتىپ، ھەر دەرىجىلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن باھانى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش ۋە ئەسكەرتىش، باھا قانۇنىغا خىلاپ مەسىلىلەرنى قانۇن بويىچە ۋاقتىدا قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى ھەمدە ئىناۋەت جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

      بازار باھاسى ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن،  يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك ماسكا، دورا، دېزىنفېكسىيە قىلىپ مىكروب ئۆلتۈرۈش بۇيۇملىرى قاتارلىق نۇقتىلىق تاۋارلارنىڭ باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك  ؛

     ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئىتى ۋە ياخشى باھا تەرتىپىنى قوغداش كېرەك .

     دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ« باھانى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئاگاھلاندۇرۇش چارىسى» گە ئاساسەن،  ھازىر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دورا ۋە داۋالاش بۇيۇملىرى تىجارەتچىلىرىگە ئالاقىدار ئورۇنلار مۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى: 

    بىرىنچى، « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ باھا قانۇنى» ، « باھا قانۇنىغا خىلاپ قىلمىشلارنى مەمۇرىي جەھەتتىن جازالاش بەلگىلىمىسى» ، « تاۋار ۋە مۇلازىمەتتە باھانى ئېنىق يېزىپ قويۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» ، « باھا ئالدامچىلىقى قىلمىشىنى مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە» قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا قاتتىق رىئايە قىلىش كېرەك.  ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ئاڭلىق كۈچەيتىش كېرەك.  باھانى باشقۇرۇش، كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.  باھا سەۋىيىسىنى مۇقىملاشتۇرۇش.

      ئىككىنچى، باھانى ئېنىق يېزىپ قويۇش تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە باھا قويۇش، باھا مۇندەرىجىسى تولۇق بولۇش، باھا مەزمۇنى ھەقىقىي ئېنىق، خەتلىرى ئېنىق بولۇش، مال ئىمزانىڭ ئورنى ئېنىق بولۇش، بەلگىسى كۆزگە تاشلىنىپ تۇرۇش كېرەك.  باھا قويغاندىن سىرت باھا قوشۇپ سېتىشقا، يېزىلمىغان ھەرقانداق خىراجەت ئېلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

      3. تىجارەتچىلەر سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بارغاندا، ئەسلى باھاسىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، ساختا ئېتىبارنى باھاغا سۇندۇرۇش، باھا ۋەدىسىگە ئەمەل قىلماسلىق قاتارلىق ساختا ياكى كىشىلەرگە خاتا چۈشەنچە بېرىدىغان باھا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، ئىستېمالچىلار ياكى باشقا تىجارەتچىلەر بىلەن سودىلاشسا بولمايدۇ. 

    4. ئۆزئارا تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، بازار باھاسىنى تىزگىنلىۋېلىپ، باشقا تىجارەتچىلەر ياكى ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.  رىقابەتنى چەتكە قاقىدىغان ۋە چەكلەيدىغان باھا مونوپوللۇقى بولسا بولمايدۇ.

      بەشىنچى، باھا ئۆسكەنلىك ئۇچۇرىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ ۋە تارقىتىپ، باھانى ھە-ھۇ بىلەن ئۆستۈرۈپ، تاۋار باھاسىنىڭ بەك يۇقىرى، بەك تېز ئۆرلەپ كېتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار باھاسى تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ.

      6. ئۆزى ئىشلەتكەندىن باشقا، نورمال ساقلاش مىقدارى ياكى ساقلاش دەۋرىيلىكىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، بازاردا تەمىنلەش قىس بولغان، باھادا بىنورمال داۋالغۇش يۈز بەرگەن تاۋارلارنى كۆپلەپ بېسىپ قويۇشقا بولمايدۇ.

      7. ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلار باھا تەلەپچانلىقىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە تىجارەت قىلىش، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيتىشى كېرەك.  ئىچكى باھا باشقۇرۇش مېخانىزمى ۋە خاتالىقنى تۈزىتىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باھا ماجىرالىرىنى ۋاقتىدا مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. 

    8. ھەرقايسى ساھەلەر  ياكى باشقا ئورۇنلارنىڭ ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ باھانى ئۆستۈرۈپ، بازار باھاسىنى تىزگىنلەشكە تەشكىللىشىگە يول قويۇلمايدۇ.  تىجارەتچىلەرنى قانۇنلۇق تىجارەت قىلىشقا پائال يېتەكلەپ، بازار باھاسى تەرتىپىنى ئورتاق قوغداش كېرەك. 

    جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ تىجارەتچىلەرنىڭ قانۇن، بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلىرىنى نازارەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز، 12315 ئەرز، پاش قىلىشنى ئاكتىپ قوبۇل قىلىمىز، تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ھامان، بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى قانۇن بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىپ، قىلمىشى قەبىھ بولغان تىپىك دېلولارنى ئېلان قىلىدۇ.

    مەنبە : تىيانشان تورى ، تەرجىمىدە ئەلكۈيى تورى 

    مەنبەسى :تيانشان تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك