• يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش مەزگىلىدە توك پۇلى تۈگەپ كەتسىمۇ توك توختىمايدىغان بولدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2020-01-27 05:50
  • يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش مەزگىلىدە توك پۇلى تۈگەپ كەتسىمۇ توك توختىمايدىغان بولدى

      ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى : دۆلەت ئېلېكتىر تورى ھۆكۈمەت تەرەپ بۈگۈن ئېلان قىلغان خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى:  

     بۈگۈن دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى پارتگۇرۇپپىسى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە توك بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتى كاپالىتى قوللايدىغان ئون تۈرلۈك تەدبىرنى تەتقىق قىلىپ ئېلان قىلدى، كونكرېت تۆۋەندىكىچە:

    1. ئالدىنقى مەزگىلدە خۇبېيغا 50 مىليون يۈەن ئىئانە قىلىندى.

      2. ماددىي بۇيۇم  60 مىليون 280 مىڭ يۈەن ئىئانە قىلىنىپ، ۋۇخەن شەھىرى جياڭشيا رايونى لېيشېن تېغى داۋالاش نۇقتىسى، سەيديەن رايونى خوشېن تېغى داۋالاش نۇقتىسى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلدى. 

    3. يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش نۇقتىلىق دوختۇرخانىلىرىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى.  خۇبېي ئۆلكىسىدە يېڭىدىن قۇرۇلغان 17 دوختۇرخانىغا قارىتا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى خادىم 900 ئادەم قېتىمغا، كابېل ياتقۇزۇش 17 كىلومېتىرغا، ساندۇقسىمان تىرانسفورموتور ئورنىتىلغان 48 گە يېتىپ، كېچە-كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي قۇرۇلۇش قىلىپ، قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تەلىپى بويىچە ۋاقىت بويىچە توك يەتكۈزدى. 

    4. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش نۇقتىلىق دوختۇرخانىلارنى توك بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئىشەنچىلىك بولۇشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىندى.

      17 مىڭ ئادەم نۆۋەتچىلىك قىلىپ، خۇبىيدىكى 114 نۇقتىلىق داۋالاش ئاپپاراتى، 554 قىزىش، ئامبولاتورىيە توك بىلەن تەمىنلەش ئەسلىھەلىرىدە يوشۇرۇن خەۋپنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىلىق كاپالەت لىنىيىسىدىكى« بىرىنچى سەپتە بىر دېلو» نى تۈزۈپ، نۇقتىلىق دوختۇرخانا، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش قوماندانلىق شىتابى قاتارلىق نۇقتىلىق ئابونتلارنى 24 سائەت توك بىلەن تەمىنلەشنى كۈزىتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، نۇقتىدا تۇرۇپ توك ساقلاش، ئالاھىدە چارلاش، توكلۇق مەشغۇلات قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، توك كاپالىتىنىڭ نۇقسانسىز بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

    5. خەلق تۇرمۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان توكقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەزگىلىدە، ئاھالىلەر ئىشلىتىدىغان توككا قارىتا ، ئاھالىلەر توكى قەرز بولۇپ قالسىمۇ ،  توكنى توختاتماسلىق تەدبىرىنى قوللاندى.

      6. جايلارنىڭ داۋالاش خادىملىرىنىڭ مېھمانخانىلاردا مەركەزلەشتۈرۈپ توك ئىشلىتىشىگە ياردەم بېرىشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىندى.

     « بىر ساراي، بىر سىياسەت» تۈزۈپ، توك ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش مۇلازىمەت ئۆمىكى 24 سائەت ئالاقىلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئابۇنىچىلارنىڭ توك ئىشلىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى كۆزىتىپ تەكشۈرۈشىگە ھەمكارلىشىپ، جىددىي ئەھۋالدا توك چىقىرىش ئاپتوموبىلى سەپلەپ، توك ئىشلىتىشنىڭ بىخەتەر، ئىشەنچلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

      7. نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش كاپالىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. 

    يۇقۇمدىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تېببىي دورىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئالاقىدار ماددىي ئەشيالارنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىۋېلىش-سېتىش نۇقتىلىق كارخانىلىرىنى زىيارەت قىلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى ۋە توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن توك بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. 

    8. شەھەر-يېزا ئاھالىسىنى توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش. 

    تىجارەت تور نۇقتىلىرى، ئاپتوماتىك ئۈسكۈنىلەرنى دېزىنفېكسىيە قىلىش قېتىم سانىنى كۆپەيتىش كېرەك.  خېرىدارلارنى توك ھەققى تاپشۇرۇش، توك پۇلىنى تەكشۈرۈش، كاشىلا كۆرۈلسە رېمونت قىلىش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرىشكە يېتەكلەپ، 95598 تېلېفون، تور دۆلەت تورى 7 24 سائەت توختىماي مۇلازىمەت قىلىپ، خېرىدارلارنى ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپ كەسىپ بېجىرىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جىددىي رېمونت قىلىش كۈچلىرىنى تەقسىملەشنى كۈچەيتىپ، جىددىي رېمونت قىلىش خىزمىتىنىڭ ۋاقتىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى. 

    9. توك بىلەن تەمىنلەشنى تەشكىللەش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. 

    ئېلېكتىر تورىنىڭ يۈرۈشۈشىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېلېكتىر تورىنى يۈرۈشتۈرۈش ئۇسۇلىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرا جۇڭگو رايونى خۇبېيغا كاپالەتلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىخەتەرلىكى بويىچە ئىشەنچلىك تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.  1-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن بۇيان، خۇبېي ئېلېكتىر تورىنىڭ توك ئىشلىتىش مىقدارى 27 مىليون 210 مىڭ كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 12.75 ئاشتى، نۆۋەتتە 34 مىليون كىلوۋات سائەت توك بىلەن تەمىنلەپ، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

    10. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

      خۇبېيدىكى 40 مىڭدىن ئارتۇق توك بىلەن تەمىنلەش تور مۇلازىمەت سىستېمىسىغا تايىنىپ، يېزىلاردا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش بويىچە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ يېزىلارغا يامرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

    مەنبە: 国家电网官网

    مەنبەسى :国家电网官网





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • رونالدو بىلەن ئىبراھىموۋىچنىڭ مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • رونالدو بىلەن ئىبراھىموۋىچنىڭ مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • بازار باھاسىنى ئۆرلىتىۋېلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • يېڭى تاجسىمان ئۆپكە ياللۇغى ئېنگلىزچە قىسقارتىلىپ « NCP» دىيىلىدىغان بولدى

    1970-01-01 08:00

  • رۇيدېسىۋېي دورىسى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلارغا بۈگۈن ئىشلىتىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • تۈركىيەنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى 3 پارچە بوپ كەتتى،3ئادەم ئۈلۈپ179ئادەم يارىلاندى

    1970-01-01 08:00

  • يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش مەزگىلىدە توك پۇلى تۈگەپ كەتسىمۇ توك توختىمايدىغان بولدى

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى تىجارەتچىلەرگە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭدا 2020 - يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش مەۋسۇمى كېچىكتۈرىلىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • قوش رەڭلىك توپ ئويۇنى 1 مىليارد يۈەنلىك كاتتا سوۋغاتنى ئېلىپ يولغا چىقتى

    1970-01-01 08:00