• رونالدو بىلەن ئىبراھىموۋىچنىڭ مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتلىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2020-02-13 04:09
  • رونالدو بىلەن ئىبراھىموۋىچنىڭ مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتلىدۇ

    بۈگۈن كېچە  ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 1:45 مىنۇت ئۆتكەندە ، ئىتالىيە لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسىدا AC مىلان  كوماندىسى ساھىبخان مەيدانىدا يۇۋېنتۇس بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ، ئالاھىدە تەكىتلەشكە تىگىشلىكى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ، بىر ئەۋلاد ئەڭ قالتىس ئىككى ھۇجۇمچى ئوتتۇرىسىدىكى 9-قېتىملىق ئېلىشىش بولۇپ قالىدۇ.

    38 ياشلىق ئىبراھىموۋىچ 2015-يىلى 11-ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم 35 ياشلىق كىرىستىيانو رونالدو بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. ئەلكۈيى تورى بۈگۈنكى مۇسابىقىنى ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش قانىلى ئارقىلىق نەق مەيداندىن ئۇلاپ تارقىتىش شەكلىدە دەل ۋاقتىدا بىۋاستە تارقىتىدۇ.

     كەسپىي ھاياتىدا، بۇ ئىككى رىۋايەتلىك ھۇجۇمچى ئاللىقاچان كۇلۇبتا سەككىز قېتىم تۇتۇشقان بولۇپ، ئالتە مەيدان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق مۇسابىقىسى ۋە ئىككى مەيدان ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىدە مۇسابىقە ئوينىغان .  كىرىستىيانو رونالدو  سەل ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ، ئۈچ قېتىم غەلىبە قىلغان، ئېبراھىموۋىچ بولسا ئىككى قېتىم غەلىبە قىلغان، قالغان ئۈچ مەيدان تەڭلىشىش بىلەن بۇلارنىڭ مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقان.  بۇ 8 مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى ھۇجۇمچى ئاران 3 توپ كىرگۈزگەن.  گەرچە ئىتالىيە دۆلەت دېربى ئەسلىدىنلا قىزىقارلىق مۇسابىقە بولسىمۇ، لېكىن شەك-شۈبھىسىزكى، ئىبراھىموۋىچ بىلەن كىرىستىيانو رونالدونىڭ بۈگۈنكى كەسكىن جېڭى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ .

      21-ئەسىردە ئۇلارنىڭ كىرگۈزگەن توپ سانى 800 دىن ئېشىپ كەتكەن، ئەلۋەتتە بۇنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى كىرىستىيانو رونالدو كىرگۈزگەن توپلار .

    شان-شەرەپ جەھەتتە، كىرىستىيانو رونالدو بەش قېتىم ئۇزغۇنلۇقنى، بەش قېتىم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىنى قولغا كەلتۈرگەن، ئىبراھىم بولسا بۇ جەھەتتە ھېچنېمىگە ئېرىشەلمىگەن. 

    ئۇنداقتا 5 يىلدىن كىيىنكى بۇ ئىككى داڭلىق پۇتبول چولپىنىنىڭ بۈگۈنكى كەسكىن مۇسابىقىسىدە زادى كىم ئۇتۇپ چىقىدۇ ؟ پۇتبول دۇنياسىدىكى لۈكچەك دەپ نامى بار ئىبرھىموۋىچ بىلەن پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئەر دەپ نام ئالغان كىرىستىيانو رونالدودىن زادى كىم تەتۈر ئېشىپ ئۆزىنى ئىسپاتلاپ چىقالايدۇ؟ بۇنى يەنىلا بۈگۈنكى  يۈز تۇرانە بەسلىشىشتىن ئايرىپ چىققىلى بولىدۇ . بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى سەھەر سائەت 3:45تە ئۆتكۈزىلىدىغان   ئىتالىيە لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە،يۇۋېنتۇس ۋە ACمىلاننىڭ « مۇقەددەس دېربى» مۇسا بىقىسى بەلكىم يەنە يېڭى رىكورتنىڭ بارلىققا كېلىشىگە شاھىت بولۇشى مۇمكىن. بۇ قېتىمقى مۇسابىقە دەل ۋاقتىدا ئەلكۈيى تورى ئارقىلىق نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىلىدۇ ، تورداشلار ئىنكاس يېزىپ ئولتۇرۇپ ، ئۆز -ئارا پاراڭلىشىپ ،مۇسابىقىنى كۆرسە بولىدۇ .

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك