• ئورگان باياناتى:يۇقۇم سەۋەبىدىن يۇۋېنتۇس قاتارلىق كوماندىلار مۇسابىقىسى كېچىكتۈرۈلدى

  • يوللىغۇچى : مەمەتجان
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2020-02-29 07:44
  • ئورگان باياناتى:يۇقۇم سەۋەبىدىن يۇۋېنتۇس قاتارلىق كوماندىلار مۇسابىقىسى كېچىكتۈرۈلدى


      ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى :  2020-يىلى 2-ئاينىڭ 29-كۈنى ئىتالىيە بىرلەشمىسى ئورگان تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ نۆۋەتلىك ئىتالىيە ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدىكى  يۇۋېنتۇس  vsخەلقئارا مىلان مۇسابىقىسى ، AC مىلان vs گېنويامۇسابىقىسى  قاتارلىق 5 مەيدان مۇسابىقە يۇقۇم ئەھۋالى سەۋەبىدىن 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.  


    بۇ نۆۋەتلىك يۇقۇم ئەھۋالى كىچىكلىتىلگەن مۇسابىقىلەر:
    يۇۋېنتۇس vs خەلقئارا مىلان مۇسابىقىسى 
    AC مىلان vs گېنويامۇسابىقىسى
     پارما vs سىپال مۇسابىقىسى 
    ئۇدىنىس vsفىلورىنسا مۇسابىقىسى 
    ساسولو vs برېسىيە كوماندىسى مۇسابىقىسى
     ئىتالىيە بىرلەشمىسى ئورگان تەرەپنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، بۇ مۇسابىقىلەر 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ئىتالىيە لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىمۇ 5-ئاينىڭ 20-كۈنىگە ماس ھالدا كېچىكتۈرۈلىدىكەن. 

     بۇندىن بۇرۇنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يوۋېنتۇس كوماندىسى خەلقئارا مىلان كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىنى تاماششىبىن كىرگۈزمەي ئېلىپ بارىدىغان بىكىتكەن بولسىمۇ ، ئەمما بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئىتالىيەدىكى  يۇقۇم دەرىجىسى داۋاملىق ئۆرلىگەچكە، ئىتالىيە بىرلەشمىسى تەرەپ ئاخىرى مۇسابىقىنى كېچىكتۈرۈش قارارىنى چىقارغان.  يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە ئىتالىيەدە يۇقۇم ئەھۋالى ئەۋج ئالدى، ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى نۇرغۇن چوڭ رايونلار قامال قىلىندى، قامال قىلىنغان  رايوندىكى بارلىق مۇسابىقىلەر قۇرۇق مەيداندا ئۆتكۈزۈلىشى كېرەك.



    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك