• ئىتالىيە بارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى كىلەر ئاينىڭ3-كۈنىگىچە توختاتتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2020-03-10 03:58
  • ئىتالىيە بارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى كىلەر ئاينىڭ3-كۈنىگىچە توختاتتى

    بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەردە، ئىتالىيە زۇڭلىسى كونتې مەملىكەت بويىچە بارلىق تەنتەربىيە پائالىيىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىش پەرمانىغا رەسمىي ئىمزا قويدى، ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى شۇ يەر ۋاقتى 3-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ ۋاقتىنچە توختىتىلدى.

    ئىتالىيە ئولىمپىك كومىتېتى شۇ جاي ۋاقتى 9-مارت بارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى تاكى 4-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە توختىتىشقا بىردەك قوشۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئىتالىيە ھۆكۈمىتى تېخىمۇ يۇقىرى كۈچكە ئىگە قانۇن كېلىشىمى ئىمزالىغاندىن كېيىن، ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىمۇ توختىتىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىنغان، ئارقىدىن ئىتالىيە زۇڭلىسى كونتې مەملىكەت بويىچە بارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا ئالاقىدار پەرمانلارغا رەسمىي ئىمزا قويدى، ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىمۇ شۇنىڭ بىلەن رەسمىي ھالدا ۋاقتىنچە توختىتىلدى.

    ئىتالىيە زۇڭلىسى كونتې بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

    «ۋاقىت قالمىدى، يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى بىزگە ھازىر ناھايىتى خەتەرلىك ھالەتتە ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈردى. بىز بەزى ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشىمىز، ئىتالىيەنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بەزى نەرسىلەرنى قۇربان قىلىشىمىز، كەلگۈسىدە بەزى قاتتىق بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشىمىز كېرەك. يەنە تەنتەربىيە تۈرىگە مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەر بار، ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى ۋە بارلىق تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى دەرھال توختىتىلىدۇ، بارلىق مەستانىلەر بۇ قارارنى قوبۇل قىلىشى كېرەك، نۆۋەتتە ئىتالىيەدە يۇقۇملانغان ئامما داۋاملىق كۆپىيىۋاتىدۇ، بىز چوقۇم تېخىمۇ قاتتىق قائىدە تۈزۈپ، يۇقۇمنىڭ يامراپ كېتىشىنى توسۇشىمىز كېرەك، ساغلاملىق بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ھازىر ئىتالىيەنىڭ پۈتۈن زېمىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئېھتىيات ھالىتىدە تۇرماقتا. مەن بەزى يېڭى پەرمانلارنى ئىمزالايمەن، قوغداشقا تېگىشلىك ئىتالىيە ئۈچۈن ھەممەيلەن كۈچ چىقىرىشى كېرەك.»

    ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىمۇ ئورگان تورى ئارقىلىق، يۇقۇم تەسىرى تۈپەيلى بۇ مۇسابىقە پەسلى زاپاس كوماندىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئېشىپ قالغان بارلىق مۇسابىقىلىرىنى توختاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

    ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرى ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى يۇقۇم تەسىرىدىن 26-ئايلانمىدىكى 6 مەيدان كېچىكتۈرۈلگەن مۇسابىقىنى ئۆتكۈزگەن، بىراق بۈگۈن فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ يىغىنىدا ئىتالىيە كەسپىي ئىتتىپاقى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مۇسابىقىنى 4-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلدى، ئەمما نۆۋەتتە ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسى ئورگان تورىنىڭ باياناتىدا بۇ مۇسابىقە پەسلى ئېشىپ قالغان زاپاس كوماندا بىرلەشمە مۇسابىقىسى ۋاقتىنچە توختىتىلغانلىقىنى جاكارلىدى، ئەسلىگە كېلىش ۋاقتى بېكىتىلمىدى.

    ئىتالىيە ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان پەرماندا، ئىتالىيە دۆلەت ئىچىدىكى بارلىق تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىنىڭ ۋاقتىنچە توختىتىلىشىنىڭ ياۋروپا بىرلەشمىسىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقى، ياۋروپا بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىنىڭ قۇرۇق مەيداندا مۇسابىقە ئوينايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، نۆۋەتتە ئىتالىيە كوماندىلىرى ئىچىدە ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە مۇسابىقىگە قاتنىشىۋاتقان كوماندىلاردىن يۇۋېنتۇس، ئاتلانتا ۋە ناپولى كوماندىلىرى بار، ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىۋاتقان كوماندىلاردىن رىم ۋە خەلقئارا مىلان كوماندىلىرى بار.

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك