• بىرازىلىيە زۇڭتوى توردا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ ، مەن يۇقۇملانمىدىم دېدى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2020-03-14 12:23
  • بىرازىلىيە زۇڭتوى توردا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ ، مەن يۇقۇملانمىدىم دېدى

     ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى ،مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋىرى:بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى بوسونارو ئۆزىنىڭ توردىكى ئالاقە نومۇرى ئارقىلىق  ئۇچۇر ئېلان قىلىپ،ئۆزىنىڭ يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقىنى ئېيتتى،  ئۆزىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ  مەنپىي  چىققانلىقىنى بىلدۈردى. 


    بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى  بوسونارونىڭ ئوغلى، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئېدۋاردو بوسونارو ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ئاخبارات ۋاستىلىرى ھېسابات نومۇرىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: « نۇرغۇن يالغان گەپ ،  ئاز ئۇچۇر ، زۇڭتۇڭ بوسونارو بىلەن بىرگە ئامېرىكىغا بارغان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى تېخى چىقمىدى. ھامان بەزىلەر تاراتقۇلاردا  ئىغۋا تارقىتىپ يۈرىدۇ، ئەگەر بۇ خەۋەرلەر  كېيىن  راست بولسا، ئۇلار« مەن دېگەن! » دەيدۇ. ئەگەر يوق بولسا، يەنە بىر يالغان خەۋەر ،دېيىشىدۇ .

    بۇنىڭدىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بوسونالۇ يېڭى تاجىسىمان ۋېروسى تەكشۈرۈشتە مۇسبەت چىققان. نۆۋەتتە برازىلىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىتا ھۆكۈمەت تەرەپ ئىپادە بىلدۈرمىدى. 

    بوسونارو ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە ترامپ بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە بىللە كەچلىك تاماق يىگەن.

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك