• پۇرسەتنى چىڭ تۇتالىسىڭىز سىزگىمۇ مۇكاپات چىقىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يوللانغان ۋاقتى : : 2020-03-20 04:27
  • پۇرسەتنى چىڭ تۇتالىسىڭىز سىزگىمۇ مۇكاپات چىقىدۇ

    ئالتاي ۋىلايىتى بېيدۈن بازىرىدا تۇرۇشلۇق لىيۈ ئەپەندىم بولسا كونا پاراۋانلىق لاتارىيەچى ، مەيلى «قوش رەڭلىك توپ» ، «25تىن 7نى تاللاش» ، 3D ئۇيۇنى ياكى مۇكاپات سوممىسى يۇقىرى بولغان «دائىملىق لاتارىيە» ئۇيۇنى بولسۇن ، لىيۈ ئەپەندىم ھەممىسىنى ئويناشقا ئامراق . ھەرخىل ئۇيۇنلارنىڭ ئىچىدە ئۇ ھەممىدىن «دائىملىق لاتارىيە» ئۇيۇنىنى ئويناشقا ئامراق ئىدى ، «دائىملىق لاتارىيە» ئۇيۇنىنىڭ ھەرخىل ئويناش ئۇسۇلى ۋە دو تىكىش ئۇسۇللىرى لىيۈ ئەپەندىمنى ئۇزىگە قاراتقان ئىدى . 
    14-ئېيون، تاماق يەپ بولغان لىيۈ ئەپەندىم سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كىرمەكچى بۇلۇپ ، بېيدۈن بازىرىدىكى 65454304 لاتارىيە سېتىش نۇقتىسىغا كەلدى ، ۋە بىر نەچچە قارار لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالماقچى بولدى . بىر كۈن ئالدىراش يۈرگەن لىيۈ ئەپەندىمگە نىسبەتەن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش ئەڭ ياخشى دەم ئېلىش ئىدى . لىيۈ ئەپەندىم سېتىش نۇقتىسىغا كىرىپ يۆلىنىش جەدېۋىلىنى كۆزەتتى ، ۋە تەۋسىيە نۇمۇرىنى كۆردى ، ۋە قايسى نۇمۇرغا دو تىكىش ئۈچۈن ئۇزۇن ئويلاشتى . 10 مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن ئۆ يەنىلا نۇمۇر مۇقۇملاشتۇرمىغان ئىدى ، بۇنى كۆرگەن سېتىش خادىمى :« ئىككىلىنىپ قالغان بولسىڭىز ، كۆپ قارار دو تىكىپ سىناپ باقسىڭىز بۇلىدۇ .» ، سېتىش خادىمىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ لىيۈ ئەپەندىم «7-8-9-9-9» غا 25 قارار بەش يۇلتۇز تەكشە تاللاشقا دو تىكتى ۋە لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپلا ئۆيىگە قايتتى . 
    ئىككىنچى كۈنى ، لىيۈ ئەپەندىم تېلفۇنىدا مۇكاپات نۇمۇرىنى تەكشۈردى ، لىيۈ ئەپەندىمگە مۇكاپات چىققان ئىدى ، «دائىملىق لاتارىيە» 2017061483 قاراردا مۇكاپات چىققان ئىدى ، مۇكاپات سوممىسى 32480 يۈۋەن . لىيۈ مۇكاپاتنى قولىغا ئالغاندىن كىيىن مۇنداق دېدى :« بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئامىتىمنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ، لىكىن سىز ياخشى كۆزەتسىڭىز ۋە دو تىكىش پۇرسىتىنى تۇتۇۋالسىڭىز ، سىزگىمۇ چۇقۇم كاتتا مۇكاپات چىقىدۇ .»

    مەنبەسى :ئەلكۈيى تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك