• تىرامپنىڭ كىچىك ئوغلىغا مۇناسىۋەتلىك 10 ئىش

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • تىرامپنىڭ كىچىك ئوغلىغا مۇناسىۋەتلىك 10 ئىش

    دونالد تىرامپنىڭ چوڭ ئوغۇللىرىنى ھەممە كىشى دېگۈدەك بىلىدۇ. لېكىن ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى باروننىڭ ئۇنىڭ مېلانىيا بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن تۇغۇلغانلىقىنى كۆپ ئادەملەر بىلمەيدۇ. ئامېرىكىنىڭ 45-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭىنىڭ ئەڭ كىچىك بالىسى سايلام كېچىسىدە ئالدى بىلەن ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان، ئۇ دادىسىنىڭ كەينىدىكى سەھنىدە تۇرغان. لېكىن بىز باروننى قانچىلىك چۈشىنىمىز؟

    1. بارون تىرامپ ۋە مېلانىيانىڭ يالغۇز ئوغلى

    ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ئۈچ قېتىملىق توي تۇرمۇشى ۋە بەش بالىسى بار. بارون تىرامپ ۋە ئۇنىڭ ئۈچىنچى ئايالى مېلانىيانىڭ يالغۇز ئوغلى. ئۇ 2006-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇغۇلغان.

    تىرامپ، مېلانىيا ۋە ئوغلى بارون

    2. مېلانىيا ئوغلى ئۈچۈن زۇڭتۇڭ تۇرالغۇسىغا كۆچۈپ بېرىشنى رەت قىلغان.

    تىرامپ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى خانىمى ۋە ئۇنىڭ ئوغلى دەرھال ئاقسارايغا بېرىپ ئولتۇراقلاشمىغان. مېلانىيا ئوغلىنىڭ داڭلىق كولومبىيە گرامماتىكا مەكتىپىدە ئوقۇشىنى تاماملىشىنى ئۈمىد قىلغان.

    تىرامپنىڭ ئوغلى بارون

    3. زۇڭتۇڭنىڭ ئوغلى بولۇش سۈپىتى بىلەن بارون ئۈچۈن ئېيتقاندا بەك تەس

    ساۋاقداشلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى بالىسىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ، بالىلىرىنىڭ بارونغا بەك يېقىنلىشىپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار تىرامپنىڭ ھەممىلا يەردە دۈشمىنى بارلىقىنى بىلىدۇ.

    4. ئۇ ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان تۇنجى بولۇپ ئاقسارايدا تۇرغان بالا.

    بارون ۋاشىنگتونغا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىن، ئۇ 60 يىلدىن بۇيان زۇڭتۇڭ سارىيىدا تۇنجى بولۇپ تۇرمۇش كەچۈرگەن بالا بولۇپ قالدى. ئالدىنقىسى جون كېننېدىنىڭ ئوغلى جون فىتسگېراد كېننېدى بولۇپ، ئۇ 1961-يىلى كۆچۈپ كەتكەن.

    5. ئۇ تەنتەربىيە ئىشتىنى كىيىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ.

    بارون ئۈچ يېشىدىن باشلاپلا، سودا كىيىمى كىيىشنى ۋە گالىستۇك تاقاشنى ياخشى كۆرىدۇ، خۇددى ئۇنىڭ دادىسىغا ئوخشاش.

    6. ئۇ ئىككى خىل تىلنى پىششىق بىلىدۇ.

    بۇ بالا ئىنگلىز تىلى ۋە سلوۋېنىيە تىلىنى پىششىق بىلىدۇ.

    7. ئۇ قىممەت نەملىك ساقلاش مەلھىمى ئىشلىتىدۇ.

    بىر نەچچە يىل ئىلگىرى، ئاپىسى ئۇنىڭ كەچتە يۇيۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، نەملىك ساقلاش مەلھىمى ۋە قارا بېلىق تۇخۇمى قىيامى بىلەن تېرىسىنى سۈرتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇ بېلىق تۇخۇمى قىيامى ئۇنىڭ تېرىسىنى تېخىمۇ ياخشىلايدۇ دەپ قارايدۇ.

    8. ئۇ تىرامپنىڭ كىچىك نۇسخىسى.

    مېلانىيا دائىم ئوغلىنى «كىچىك دونالد» دەپ ئاتايدۇ. ئۇ ئوغلىنى بەك مۇستەقىل، ئۆزىگە بەك ئىشىنىدۇ، بۇ جەھەتتە خۇددى دادىسى دونالدقا ئوخشايدۇ، دەپ قارايدۇ.

    9. تىرامپ ئوغلىنىڭ زاكىسىنى ئەزەلدىن ئالماشتۇرۇپ باقمىغان.

    مېلانىيا دونالدنىڭ ئەزەلدىن مەينەت نەرسىلەرنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئەزەلدىن بالىنىڭ زاكىسىنى ئالماشتۇرۇپ باقمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. مېلانىيا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ ئۇنىڭ ئەسكى دادا ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. دونالد ۋە بارون بىللە گولف توپ ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىللە تاماق يەيدۇ، ئائىلە دەم ئېلىش مەزگىلىدە نۇرغۇن باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق خۇشاللىققا ئېرىشىدۇ.

    10. بۇ بالا پادىشاھقا ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

    نيۇيوركتىكى ئۆيدە باروننىڭ ياتاق ئۆيى بار بولۇپ، ئويۇنچۇقلار قويۇلغان، ئۇ تامغا خالىغانچە رەسىم سىزسا بولىدۇ. ئاقسارايدا 100دىن ئارتۇق ئۇ ياقتۇرىدىغان ۋە ياقتۇرمايدىغان ئادەملەر ئۇنىڭغا مۇلازىمەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئانىسى دادىسىنىڭ بىر كۈنى ئۇنىڭغا بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ئاز سوممىلىق قەرز بېرىپ، ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

    تىرامپ بۇ ئوغلىغا بەك ئامراق! ئوغلى 700 مىليونلۇق داچىدا گولف توپ ئوينايدۇ، بالا مۇشۇنداق ئائىلىدە تۇغۇلسا، مۇنەۋۋەر بولمايمەن دېسىمۇ ئامالى بولمايدۇ.

    مەنبەسى :تېڭشۈن





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • كىچىك چولپان سەفىيەدىن بايراملىق سوۋغا « قونچۇغۇم »

    1970-01-01 08:00

  • ما ئەپەندىم « قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنىدا 260 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • مەردان مىجىتنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىك ناخشىسى«شەلىرىڭدە ئوينايلى» تارقىتىلدى

    1970-01-01 08:00

  • 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى ئالاھىدە لاتارىيە بېلىتى : «ئەتىرگۈل كېلىشىمى»

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ كۈرۈپ بېقىشن ئويلىغان لاتارىيەچى 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئانا بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئامەتلىك قىز 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • تەلەي سىناپ باقماقچى بولغان ئامەتلىك لاتارىيەچى بىر مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ياش ھەم كېلىشكەن قازاق يىگىتىگە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى

    1970-01-01 08:00

  • لاتارىيە سېتىۋالسا چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولامدۇ-يوق؟ لى ئەپەندىم بۇ سوئالغا ياخشى جاۋاب بەردى

    1970-01-01 08:00

  • <قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش> ھەقىقەتەن خۇشاللىققا خۇشاللىق قۇشىدىغان ئۇيۇن!

    1970-01-01 08:00