• شاھرۇھ خاننىڭ كىشىلەر بىلمەيدىغان نام قازىنىش ھېكايىسى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • شاھرۇھ خاننىڭ كىشىلەر بىلمەيدىغان نام قازىنىش ھېكايىسى

    ئامىر خان ئېھتىمال جۇڭگولۇقلارغا ئەڭ تونۇشلۇق ھىندىستان چولپىنى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ھىندىستان ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئەڭ داڭلىق ھىندىستان چولپىنى ئامىرخان ئەمەس بەلكى شاھرۇھ خان. شاھرۇھ خان «بوللىۋود پادىشاھى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ھىندىستاندىكى ئەڭ داڭلىق چولپان، 90-يىللاردىن ھازىرغىچە ھىندى تىلى كىنو چەمبىرىكىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلمەكتە. ئۇ يەنە بوللىۋودتىكى 100 يىللىق تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم ئۈچ چوڭ گىگانت چولپاننىڭ بىرى.

    بوللىۋود تارىخىدىكى ئۈچ چوڭ گىگانت چولپان: دىلىپ كۇمار، ئامىتاب باچچان ۋە شاھرۇھ خان

    شاھرۇھ خاننىڭ بۈگۈنكىدەك نەتىجىگە ئېرىشىشىدە، ئۇنىڭ كامالەتكە يەتكەن رول ئېلىش ماھارىتى، تالانتى ۋە تىرىشچانلىقىدىن باشقا، يەنە ئۆزىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش ھېكايىسىمۇ بار. كىنوچىلىق جەمەتىدىن چىقمىغان، ئاتا–ئانىسىدىن بالدۇرلار ئايرىلىپ قالغان ئۇ ھازىر ھىندىستاندىكى ئەڭ داڭلىق ۋە باي چولپان بولۇپلا قالماي ئائىلىسىمۇ ناھايىتى بەختلىك.

    شاھرۇھ خان ماگىستىر ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئۇ ئالدى بىلەن تېلېۋىزىيە چەمبىرىكىگە كىرىپ ئارتىس بولغان، بىر نەچچە تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى سۈرەتكە ئالغاندىن كېيىن كىنوغا يۆتكەلگەن، لېكىن ئەينى يىلى ئۇ ئوتتۇرىغا چىققاندا ئانچە كۆزگە چېلىقمىغان، چۈنكى ئۇنىڭ سالاپەتلىك تاشقى قىياپىتى يوق، سەنئەتكاردىن كېلىپ چىقمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئارتىسى بولۇشتىن كىنو ئىشلەشكە ئۆتكەن، بۇلارنىڭ بىرىلا بىر ئارتىسنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارىلايدۇ لېكىن شاھرۇھ خاندا ھەممىسى قوشۇلۇپ كەلگەن.

    شاھرۇھ خاننىڭ كېيىنكى رىقابەتچىسى ئامىر خان بىلەن سالمان خان 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدىلا بوللىۋودقا كىرگەن بولۇپ، شاھرۇھ خان بوللىۋودقا ئەمدى كىرگەندە، ئۇ ئىككىسى ئاللىقاچان بوللىۋودتىكى يېڭى چولپانلاردىن ئىدى، بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەينى يىللاردا ناھايىتى داڭق چىقارغان لېكىن كېيىنچە سەپتىن چۈشۈپ قالغان باشقا ئارتىسلارمۇ بار. ئەينى چاغدا ئەر ئارتسىلار تولۇقتەك قىلغان بولۇپ، ناھايىتى تەبىئىيلا شاھرۇھ خان باشقا ئارتىسلاردىن ئېشىپ قالغان كىنولارنى ئىشلىگەن، بۇ نۇقتىنى ئۇ ئۆزىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ. ئۆزىنى باشقىلاردىن ئاشقان فىلىمگە تايىنىپ داڭق چىقارغان دەيدۇ. ئەينى يىللاردىكى شاھرۇھ خاننىڭ داڭق چىقىرىشىغا سەۋەب بولۇپ قالغان ئارتىسلار ئارىسىدا ئامىر خان ۋە سالمان خاندەك گىگانت چولپانلار ھەر ھالدا يامان ئەمەس، گەرچە ئۇلار ياراتمىغان روللار شاھرۇھ خانغا ياردەم قىلىپ، قاراپ تۇرۇپ ئۇلارغا كۈچلۈك رىقابەتچى تېپىپ بەرگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇلار ئۆزىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقى ئۈچۈن كۆڭلى ئۇنچە بىئارام بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى، ئەينى يىللىرى قارىماققا ناھايىتى داڭلىقتەك كۆرۈنگىنى بىلەن، رولنى شاھخانغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، شاھرۇھ خاننىڭ داڭقىنى چىقىرىپ قويغان ئارتسىلار بولسا ئۆزى سەپتىن چۈشۈپ قالغان.

    باشلاپ مۇشۇ خىل ئەھۋال شاھرۇھ خاننىڭ بوللىۋودتىكى تۇنجى ئەسىرى «تەلۋە» (1992) دىن باشلانغان. بۇ كىنودىكى رول ئەسلىدە شۇ ۋاقىتتا ناھايىتى داڭلىق ئارمان كوخلىغا بېرىلگەن، لېكىن نېمە سەۋەبتىنكىن ئۇ بۇ كىنونى رەت قىلغان، ئاندىن شاھرۇھ خاننىڭ قولىغا تەگكەن. بىر رولنى قولدىن چىقىرىپ قويۇش بەك ئەپسۇسلىنارلىق بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن مۇھىمى ئەينى يىللاردا ئارمان كوخلى بەك داڭلىقتەك قىلسمۇ لېكىن كېيىنكى ۋاقىتتا كەسپىي ھاياتى ئوڭۇشىسز بولغان، كىنو ئىشلەپ ئىزچىل نەتىجە كۆرۈنمىگەنلىكتىن، كېيىنچە تېلېۋىزىيە ساھەسىگە يۈرۈش قىلغان، لېكىن تېلېۋىزىيە تىياتىرىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان. بىر قانچە يىل بۇرۇن بىر چاكىنا ئۇنىۋېرسال سەنئەت پروگراممىسىغا قاتنىشىپ ئاندىن مەۋجۇتلۇقىنى ئانچە–مۇنچە نامايان قىلغان. ئايال ئارتىس بىلەن مۇھەببەتلەشكەنلىك توغرۇلۇق خەۋەرنى تارقىتىپ خەۋەر باش بېتىگە چىققان بولسىمۇ لېكىن تېزلا ئاقار يۇلتۇزدەك ئۆچۈپ كەتكەن.

    شاھرۇھ خان خېلى مىننەتدارلىقنى بىلىدىغان ئادەم، ئۇ ئۆزىمۇ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ ئارمان كوخلىدىن باشلانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن. ئارمان كوخلىنىڭ بوللىۋود شاھىنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ، كۆڭلىدە زادى نېمىنى ئويلىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. تەقدىرنىڭ ئادەمنى ئەخمەق قىلغىنى شۇ. ئەينى يىلى ئۇ قارىماققا بەك داڭلىقتەك قىلغان بىلەن، ئەمما ئۇ ياراتمىغان رول ئۇلارنىڭ دەۋرىدىكى چولپاننىڭ ئەڭ چوڭ سەكرەش تاختىسى بولۇپ قالغان. ئەگەر بۇ كىنو بولمىغان بولسا، شاھرۇھ خان ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كىنولاردا ئۇششاق رول ئېلىپ يۈرەتتى. بىراق، كىشىلىك ھاياتتىكى بەزى پۇرسەتلەر پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ، قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان بولسا كەتكەن بويىچە، پۇشايمان قىلغاننىڭ پايدىسى يوق.

    بىراق، شاھرۇھ خاننىڭ تۇنجى ئەسىرىنى بەك مۇۋەپپەقىيەتلىك دېگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭغا بوللىۋودنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپ بەردى، خالاس. بوللىۋودقا مۇۋەپپەقىيەتلىك كىرگەندىن كېيىن، ئۇ كىنودا سەلبىي رول ئېلىپ، ئەمەلىي كۈچلۈك ئارتىس يولىدا ماڭغان. لېكىن تېخىمۇ ئېسىل پۇرسەت ئالدىدا، پەقەت باشقا بىر كەسىپدىشىنىڭ ياردىمىلا كۇپايە. شاھرۇھ خان 1994-يىلى «سۆيگۈ قەلەندىرى» ناملىق كىنودا باش رول ئالغان، ئۇ كىنودا سەلبىي رول ئالغان، بۇ كىنو ئەينى يىلى ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان، بېلەت كىرىمى ۋە باھادا قوش ھوسۇل ئالغان. ھازىرغىچە شاھرۇھ خاننىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئەڭ ياخشى كىنولارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيىتى شۇكى، بۇ كىنو بىلەن شاھرۇھ خان بوللىۋودتىكى چوڭ رېژىسسور ياش چوپرا بىلەن تونۇشقان ھەمدە ياش چوپرا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان، بۇ جەمەت شاھرۇھ خانىڭ كەسپىي ھاياتىدا ناھايىتى مۇھىم.

    ئەينى يىلى بۇ كىنومۇ شۇ ۋاقىتتىكى ئازراقلا نامى بار ئارتىسلارنىڭ ھەممىسى تەرىپىدىن دېگۈدەك رەت قىلىنغان ئىكەن. بۇ ئەينى يىللاردا «ئاشىق»نى ئىشلەپ تازا نام چىقارغان راھۇل روينى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئېيتىلىشىچە، رېژىسسور بۇ ئەسەرنى ئۇنى كاللىسىغا كەلتۈرۈپ يازغان. راھۇل روي يېقىندا زىيارەت جەريانىدا بۇ كىنونى رەت قىلغانلىقىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى، ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا تۇيۇقسىز نام چىقىرىپ، كىنو تەكلىپى يوپۇرۇلۇپ كەلگەن، بىراقلا 49 سېنارىيەنى تاپشۇرۇۋالغان. بەلكىم بەك مەغرۇرلىنىپ كەتكەنلىكتىن ھەمدە سەلبىي رولغا چىقىشنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، سېنارىيەنى تاللىغاندا خاتا ھۆكۈم قىلىپ، ئەسلىگە ئۆزىگە تەۋە «سۆيگۈ قەلەندرى» نى قولدىن چىقىرىپ قويغان، شۇنداقلا جوپرا جەمەتىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغان. ئۇ قىسقىغىنا بىر مەزگىل دەۋر سۈرگەندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە چۈشكۈنلىشىپ كەتكەن، ھازىر ئاخبارات ۋاستىلىرى 90-يىللاردىكى كىلاسسىك كىنولارنى ئەسلىگەندىلا، ئاندىن ئۇنى ئاندا-ساندا تىلغا ئېلىپ قويىدۇ.

    بۇ باسقۇچقا كەلگەندە، شاھرۇھ خان ئاساسەن كىنو مەستانىلىرى بىلەن تونۇيدىغان ئارتىسلار قاتارىغا ئۆتكەن، لېكىن چولپان ھېسابلانمايتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇمۇ داڭلىق چولپان بولۇشنى ئويلاپ باقمىغان ياكى ئويلاشقا جۈرئەت قىلالمىغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن «مال تونۇمايدىغان» كەسىپداشلىرى ئۇنىڭ جىمجىت ھالدا ئاددىي ئارتىس بولۇشىغا زادى يول قويمىدى. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان چوڭ رېژىسسور ياش چوپرانىڭ ئوغلى ئادىتيا چوپرا بىر سېنارىيە يازغان، ئۇ بولسىمۇ داڭدار كلاسسىك فىلىم «كېلىن يۆتكەش»، بۇ رومانتىك مۇھەببەت فىلىمى ھازىر بىزنىڭ بوللىۋود كىنولىرىغا بولغان ئۆلۈك تەسىراتىمىزغا ناھايىتى ماس كېلىدۇ، يەنى ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناش، ئەر–ئايال باش پېرسوناژ تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قېلىپ، تېز سۈرئەتتە مۇھەببەت دېڭىزىغا غەرق بولۇش، لېكىن شۇنى بىلىش كېرەككى، بۇ كېيىنكى سانسىزلىغان بوللىۋودچە رومانتىك مۇھەببەت فىلىمىلىرىگە تەسىر قىلغان فىلىم بولۇپ، بىر قوللۇق بوللىۋودنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچقان. لېكىن ئەينى يىلى بۇ سېنارىيە تاماملانغاندا كىشىلەر ئانچە قوبۇل قىلالمىغان. ئەينى چاغدا بىرىنچى، ئىككىنچى سەپتىكى ئەر ئارتىسلار بۇ كىنونى رەت قىلغان، بۇ كىنودىكى رولنى بەك رومانتىك، ئەينى چاغدىكى ئاساسىي ئېقىمدىكى ئەزىمەت ئۇسلۇبىغا ئانچە ماس كەلمەيدۇ دەپ قارىغان. ئۇنىڭ ئىچىدە ئامىر خانمۇ بار ئىدى، ئەمما ئۇ چوپرا جەمەتى بىلەن ھەمكارلاشقان ئالدىنقى فىلىمدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت پەيدا بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن كىنونى رەت قىلغان.

    ئەينى چاغدا چوپرالارنىڭ ئەڭ زور ئۈمىد كۈتكىنى ئەمەلىيەتتە ياش سويما سەيف ئەلى خان ئىدى. سەيف ئەل خان كېلىشكەن، جەلپكار، بۇ كىنونىڭ تەلىپىگە تازا چۈشەتتى، لېكىن نېمە ئۈچۈندۇر ئۇ رولنى رەت قىلغان. شۇندىلا بۇ كىنو ئەمدى 2،3- سەپلەردە تىپىرلاپ يۈرگەن شاھرۇھ خاننىڭ قولىغا تەگكەن، ئەمما ئەينى چاغدا ئۇمۇ بۇ كىنونى بەك رومانتىك دەپ تازا خالىمىغان، لېكىن بەلكىم چوڭ رېژىسسورنى خاپا قىلىپ قويماسلىقنى ئۈمىد قىلغانلىقى ئۈچۈنمۇ ئەيتاۋۇر ئاخىرىدا يەنىلا كىنونى قوبۇل قىلغان. ئەمەلىيەتتە ئەينى چاغدىكى ياش رېژىسسور ئادىتيا چوپرامۇ شاھرۇھ خاندىن ئانچە رازى بولمىغان، لېكىن مۇۋاپىق ئارتىس تاپالماي، زورمۇزور كىنو ئىشلىگەن. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى رازى بولماي تۇرۇپ ئىشلىگەن بولسىمۇ لېكىن كىنو ئويلىمىغان يەردىن ناھايىتى ياخشى چىققان، ئويلىمىغان يەردىن ناھايىتى داڭق چىقارغان، ھادىسە دەرىجىسىدىكىدەك مۇۋەپپەقىيەت قازانغان. ئەينى يىلىدىكى بېلەت كىرىمى چېمپىيونى بولۇپ قالماستىن يەنە شۇنداقلا ھىندىستان تارىخىدىكى بېلەت كىرىمى ئەڭ يۇقىرى كىنولارنىڭ بىرىگە ئايلانغان، بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ خاتىرىسگە ئايلانغان. ئۇ بوللىۋود تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم كىنولارنىڭ بىرى بولۇپ، بوللىۋودتا دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە. شاھرۇھ خانمۇ تېزلىكتە داڭق چىقارغان. ئۈچىنچى سەپتىن بىۋاسىتە بىرىنچى سەپكە ئۆتۈپ، ئوخشاش بىر ئەۋلاد كىشىلەردىن ئۈزۈپ چىقىپ، 90-، 2000-يىللاردىكى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە چولپانغا ئايلانغان. بۇنى ئەينى يىلى مەيلى كىم بولسۇن ئويلىمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەينى چاغدا شاھرۇھ خاننىڭ شارائىتى ئەڭ ناچار بولسىمۇ لېكىن مۇشۇنداق ھالدا كەسىپداشلىرىنىڭ بىلىپ-بىلمەي قىلغان «غەمخورلۇقى» سەۋەبلىك ئۆز دەۋردىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان چولپانغا ئايلانغان. ئەلۋەتتە، بۇنى ئۇنىڭ تالانتى ۋە ئىقتىدارىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. لېكىن ھەممىمىزگە مەلۇمكى، تاماشا چەمبىرىكى مۇرەككەپ بولۇپ، بەزىدە مۇھىم رول ئوينايدىغىنى تىرىشىش ئەمەس بەلكى تەقدىر، پۇرسەتنى بايقاشقا ماھىر ئۆتكۈر كۆز.


    مەنبەسى :نۇر تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • كىچىك چولپان سەفىيەدىن بايراملىق سوۋغا « قونچۇغۇم »

    1970-01-01 08:00

  • ما ئەپەندىم « قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنىدا 260 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • مەردان مىجىتنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىك ناخشىسى«شەلىرىڭدە ئوينايلى» تارقىتىلدى

    1970-01-01 08:00

  • 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى ئالاھىدە لاتارىيە بېلىتى : «ئەتىرگۈل كېلىشىمى»

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ كۈرۈپ بېقىشن ئويلىغان لاتارىيەچى 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئانا بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئامەتلىك قىز 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • تەلەي سىناپ باقماقچى بولغان ئامەتلىك لاتارىيەچى بىر مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ياش ھەم كېلىشكەن قازاق يىگىتىگە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى

    1970-01-01 08:00

  • لاتارىيە سېتىۋالسا چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولامدۇ-يوق؟ لى ئەپەندىم بۇ سوئالغا ياخشى جاۋاب بەردى

    1970-01-01 08:00

  • <قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش> ھەقىقەتەن خۇشاللىققا خۇشاللىق قۇشىدىغان ئۇيۇن!

    1970-01-01 08:00