• دۇنيا بويىچە ئاز دېگەندە 82 نەپەر داڭلىق سەنئەتكار يۇقۇملاندى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • دۇنيا بويىچە ئاز دېگەندە 82 نەپەر داڭلىق سەنئەتكار يۇقۇملاندى

    قازا قىلىش نىسبىتى يۇقىرى

    كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى داڭلىق كىشىلەردىن ئاز دېگەندە 82 ئادەم يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىپ، ئاز دېگەندە 36 كىشى قازا قىلغان. دىياگنوز قويۇلغانلارنىڭ يېشى جەھەتتە، يېشى ئەڭ چوڭى 94 ياش، ئەڭ كىچىكى 17 ياش بولۇپ، ئوتتۇرىچە يېشى تەخمىنەن 70 ياش. ئامېرىكىدا 40 ئادەمگە دىياگنوز قويۇلۇپ، ئاز دېگەندە دۆلەتنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى 20 داڭلىق شەخسلەرگە دىياگنوز قويۇلغان.

    «دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندا، ئۆزۈمنى ئۆلۈمگە ئىنتايىن يېقىن دەپ ھېس قىلدىم!»

    مۇشۇ ھەپتە، ئەمدىلا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئەنگلىيەلىك 61 ياشلىق مودېل ۋە قوشۇمچە ئارتىس لىندا لۇسادى «خەيرلىك سەھەر ئەنگلىيە» پىروگراممىسىدا يۇقۇم بىلەن كۈرەش قىلغان كۈنلەرنى ئەسلەپ ياش تۆككەن. بەختسىزلىك ئىچىدىكى بەختكە يارىشا، ئۇ ئاخىرى يۇقۇم جېڭىدە يېڭىپ، ساقىيىپ چىققان.

    لىندا لۇسادى

    بەزىلەر كېسەل ئۈستىدىن غالىب كەلگەن، لېكىن بەزىلەر كېتىپ قالغان. تام خەنكىس ۋە ج.ك.روۋلىڭ، «بوند قىز» ئولگا كۇرىلاننىڭ ساقىيىشى ۋە دوختۇرخانىدىن چىققانلىقى توغرىسىدىكى خۇشخەۋەر بىلەن بىللە، ياپونىيەنىڭ داڭلىق كومېدىيە ئارتىسى شىمۇرا كېن ۋە ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق روك مۇزىكانتى ئالان مېررىل، بۈگۈنكى ئامېرىكا درامما ساھەسىدىكى «ئىبسېن» تېرېنس مەكناللىنىڭ ۋە 20-ئەسىردىكى ئىتالىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق كومپوزىتورى مارىئانونىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلىقىدەك شۇم خەۋەرمۇ يېتىپ كەلگەن.

    يۇقۇم ئەھۋالى تەرەققىي قىلىپ نۆۋەتتە كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئايلانغان. ئامېرىكا جونس خوپكىنس داشۆسىنىڭ رېئال ۋاقىتلىق ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاپرېل سائەت ئالتىدىن 59 مىنۇت ئۆتكىچە، يەر شارى بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلار 1 مىليون 500 مىڭدىن ئاشقان، قازا قىلغانلار 88 مىڭدىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە دۇنياغا تونۇشلۇق مەشھۇر ئەربابلارنىڭ ئىسمى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، قازا قىلىش نىسبىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا سىياسىي، تەنتەربىيە ساھەلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، ۋىرۇس روشەنكى ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەرگە قاتتىق قوللۇق قىلغان.

    ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ قازا قىلىش نىسبىتى %44كە يەتكەن.

    تولۇقسىز ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 4-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە يەر شارى بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان داڭلىق شەخسلەر سانى 400دىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە ئاز دېگەندە 82 ئادەم يۇقۇملانغان، 36 ئادەم قازا قىلغان بولۇپ، قازا قىلىش نىسبىتى %44كە يەتكەن، سىياسىي ساھەدىكى زاتلار 2-ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، %37 (يۇقۇملانغان ئادەم 214، قازا قىلغان ئادەم 79)نى ئىگىلىگەن، تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەر %4 (يۇقۇملانغان ئادەم سانى 126، قازا قىلغان ئادەم سانى بەش)نى ئىگىلىگەن.

    ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى «قازا قىلغانلار قارا تىزىملىكى»دە، ئۆز ساھەسىدە خېلى كۆپ تۆھپە قوشقان داڭلىق شەخسلەر بار.

    مەسىلەن، ياپونىيەنىڭ داڭلىق كومېدىيە ئارتىسى شىمۇرا كېن:

    «ياپونىيە كومېدىيە شاھى» دەپ ئاتالغان شىمۇرا كېن 29-مارت 70 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ 3-ئاينىڭ 19-كۈنى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىپ، توكيودىكى دوختۇرخانىدا داۋالانغان. لېكىن دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن شىمۇرا كېننىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتكەن، دوختۇر ئۇنىڭغا سۈنئىي يۈرەك-ئۆپكە قۇرۇلمىسى (ECMO)نى ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى ئېيتقان، كېيىن ئۇ 24-مارت يېڭى ياتاق رايونىدىكى دوختۇرخانىغا يۆتكىلىپ، ئېغىر كېسەللەر ياتىقىغا كىرگەن، لېكىن ئەڭ ئاخىرىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئالەمدىن ئۆتكەن.

    3-ئاينىڭ 30-كۈنى ياپونىيە كومېدىيە پېشۋاسى شىمۇرا كېن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى سەۋەبلىك تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتۈپ ياپونىيەنى زىلزىلىگە سالغان.

    ئەنگلىيەدىكى داڭلىق روك مۇزىكا ئوركېستىرى «Arrows»نىڭ ئەزاسى ئالان مېررىل؛

    ئالان مېررىلمۇ 29-مارت يۇقۇم سەۋەبىدىن 69 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ مۇزىكانت ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئاتا-ئانىسى جاز مۇزىكانتى، ئالان 14 يېشىدا ناخشىچىلىق ھاياتىنى باشلىغان، 1975-يىلىدىكى «I Love Rock N Roll» ناملىق ناخشىسى پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان. ئۇنىڭ قىزى لاۋرا 29-چېسلا تاراتقۇلاردا دادىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىك خەۋىرىنى جەزملەشتۈرگەن ھەمدە باشقىلارنى «ئۆيدە» تۇرۇپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى توسۇشقا دەۋەت قىلغان، ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن سىلەرنىڭ بۇ ئىشتىن ساۋاق ئېلىپ، ۋىرۇسقا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن.»

    بۈگۈنكى ئامېرىكا درامما ساھەسىدىكى «ئىبسېن» تېرېنس مەكناللى

    تۇنجى بولۇپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ۋاپات بولغان ھوللىۋودتىكى داڭلىق دراماتورگ تېرېنس مەكناللى 3-ئاينىڭ 24-كۈنى 81 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ بوۋاي بەلكىم ناتونۇش بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئامېرىكىدا ئۇ تىياتىر ساھەسىدە داڭق چىقارغان شەخس. ئۇ ئۆمرىدە 40 پارچە دراما، 10 پارچە مۇزىكىلىق تىياتىر ئىجاد قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە «ئۆمۈچۈك قىزنىڭ سۆيۈشى»، «ئۇستازلار سىنىپى»، «راگتايم» قاتارلىق كلاسسىك تىياتىرلىرى بار، ئۇ 2019-يىلى ئامېرىكا دراما ۋە مۇزىكىلىق تىياتىر ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات بولغان تونىي مۇكاپاتىنىڭ ئۆمۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

    بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا تولغىما ئۇسسۇل ناخشىچىسى ئادام شلېسسىنگېر، «شەپەرەڭ پالۋان»دىكى ئەر چولپان جېي بېنىدىكت، ئامېرىكا جاز مۇزىكا ئۇستازى ۋاللاس رونى، «پىلانېتلار ئۇرۇشى»دىكى ئاندىرىۋ جېك، ئىتالىيە كىنو چولپىنى لۇسىيە پوسېئىن قاتارلىقلار... دۇنيادىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى ئاز دېگەندە 36 نەپەر داڭلىق شەخس «يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن قازا قىلغان قارا تىزىملىك»نىڭ بىر ئەزاسى بولۇپ قالغان.

    قارىماققا، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى «ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەر»نى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغاندەك قىلىدۇ، لېكىن بۇ بەلكىم بۇ ئۇچۇر يۈكسەك تەرەققىي قىلغان دەۋر بىزگە ئېلىپ كەلگەن ساختا كۆرۈنۈش بولۇشى مۇمكىن.

    ئالدى بىلەن، ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى يۇقىرى كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى كىشىلەردە يۇقىرى يۇقۇملىنىش نىسبىتى پەيدا بولغاندەك تۇيغۇ بەرگەن. دۇنيا بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ سانى ناھايىتى ئاز ھېسابلىنىدۇ. ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ Instagram، Facebook، Twitters قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا نۇرغۇن مەستانىلىرى توپلانغان، بۇ خەۋەر ئېلان قىلىنسىلا، مەستانىلەرنىڭ كۆپلەپ تارقىتىشى بىلەن، ھەممەيلەننىڭ قۇلىقىغا يېتىدۇ. «پۇراش سېزىمى ئۆتكۈر» ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇنداق پارتلاش خاراكتېرلىك خەۋەرلەرنى تېخىمۇ قولدىن بېرىپ قويمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن جامائەت پىكىرى يەنىمۇ ئەۋج ئېلىپ، ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى داڭلىق كىشىلەرنىڭ خەۋەرلىرى ئۇچۇر دېڭىزىدا ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، تېخىمۇ ئاسان ئاشكارىلىنىدۇ.

    ئىككىنچىدىن، ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى داڭلىق كىشىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن خېلىلا كەڭرى. يۇقۇمنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئانچە كۆڭۈل بۆلمىدى. كونسېرتلار نورمال ئېچىلدى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر نورمال تەشكىللەندى. ئەدەبىيات-سەنئەت چەمبىرىكىدىكى داڭلىق شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن قاتناشقان بەزى ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر مۇقەررەر ھالدا يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

    ئادەتتىكى پۇقرالارغا سېلىشتۇرغاندا، غەرب دۆلەتلىرىدە داڭلىق كىشىلەر ئالدىن تەكشۈرۈش ۋە داۋالاشقا تېخىمۇ ئاسان ئېرىشەلەيدۇ. پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا يۇقۇم تارقالغاندا «تەكشۈرتۈش قىيىن بولۇش» يۈز بەردى، نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ چەكلىك بايلىقى «يۇقىرى دەرىجىلىك زاتلار»نىڭ قولىدا بولىدۇ. 3-ئاينىڭ 18-كۈنى «نېمە ئۈچۈن كېسەللىك ئالامىتى يوق كەسپىي تەنھەرىكەتچىلەر ئالدىن تەكشۈرتەلەيدۇ» دېگەن سوئالغا قارىتا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ «بەلكىم بۇ كىشىلىك ھايات بولۇشى مۇمكىن» دەپ جاۋاب بەرگەن.

    ئامېرىكا سۆھبەت پىروگراممىسىنىڭ خانىشى ئوپرا ئالما تېلېۋىزىيە قانىلىدىكى «COVID-19» ناملىق بىر مەيدان پىروگراممىدا بۇ پاكىتنى ئاشكارىلىغان: نەچچە مىليون ئادەم تەكشۈرۈشكە ئېرىشەلمىگەن ۋاقىتتا، بىر قىسىم بايلار ھەق تاپشۇرۇپ تەكشۈرۈشكە ئېرىشەلەيدۇ.

    ئۇنداقتا ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان قازا قىلىش نىسبىتى زادى قانداق يۈز بەرگەن؟

    چوڭقۇر دېڭىز رايونىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى 82 يۇقۇملانغۇچى ئىچىدە يېشى ئەڭ چوڭى 94 ياش، ئەڭ كىچىكى 17 ياش بولۇپ، ئوتتۇرىچە يېشى تەخمىنەن 70 ياش ئىكەن. قازا قىلغانلارنىڭ 36سى ئىچىدە يېشى ئەڭ چوڭى 94 ياش، ئەڭ كىچىكى 50 ياش بولۇپ، بۇلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 71 ياش. بۇ غەرب دۆلەتلىرى ئېلان قىلغان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن قازا قىلغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ماس كەلگەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياشانغانلار توپىغا مەركەزلەشكەن (ئامېرىكىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە قازا قىلىش يېشى 80 ياش، گېرمانىيەدە 82 ياش، ئىتالىيەدە 81 ياش).

    ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلار ۋە ئالەمدىن ئۆتكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئابرويلۇق «پېشقەدەملەر»لا بولۇپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش ئاساسىي ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ.

    قازا قىلىش سەۋەبى جەھەتتە، گەرچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش بىۋاسىتە سەۋەب بولسىمۇ، ئەمما ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى ياشىنىپ قالغان كىشىلەردە ئەسلىدىنلا ھەر خىل سوزۇلما كېسەللىكلەر ئەگىشىپ كېلىدۇ. ياشىنىپ قالغان، كېسەلچان، تېنى ئاجىز ياشانغانلار توپى دەل يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدىغان خەتەرلىك كىشىلەر توپى.

    مەسىلەن، يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئامېرىكا تىياتىر ساھەسىدىكى 81 ياشلىق گىگانت تېرېنس مەكناللى. بوۋاينىڭ ياردەمچىسى «ھوللىۋودتىكى خەۋەر بەرگۈچى»نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، 1990-يىلىدىن بۇيان تېرېنس مەكناللىنىڭ ئىزچىل ئۆپكە راكى بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئىككى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلدۇرغانلىقىنى، بۇ كېسەلنىڭ ئۇنىڭ ئۆپكىسىنىڭ قىسمەن ئىقتىدارىنى يوقاتقانلىقىنى، شۇنىڭدىن كېيىن ئىزچىل ئاستا خاراكتېرلىك توسۇلۇشچان ئۆپكە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئېيتقان. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنىڭ ھۇجۇم قىلىشى ئۇنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىدىن بولغان.

    «ھوللىۋودتىكى خەۋەر بەرگۈچى» تېرېنس مەكناللىنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ۋاپات بولغانلىقى توغرىسىدا بەرگەن خەۋىرىنىڭ كەسمە سۈرىتى.

    بۇنىڭدىن تەنتەربىيە ساھەسىدىكى تۆۋەن قازا قىلىش نىسبىتىنى مەلۇم دەرىجىدە چۈشەندۈرۈپ بەرگىلى بولىدۇ. تەنتەربىيە ساھەسىدىكى 126 يۇقۇملانغۇچىنىڭ كۆپىنچىسى تەنھەرىكەتچى بولۇپ، يېشى ۋە بەدەن ساپاسى جەھەتتە ئەۋزەللىككە ئىگە. ھالبۇكى، تەنتەربىيە ساھەسىدە قازا قىلغان بەش بىمارنىڭ ھەممىسى ياشانغان زاتلار: خانلىق مادرىدنىڭ سابىق رەئىسى لورېنزو سانس (76 ياش)، مارسېل كۇلۇبىنىڭ سابىق رەئىسى پاپ دىيۇف (68 ياش)، ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ مەشقاۋۇلى بېنىتو (85 ياش)، باربادوس چامباشچىسى پېرسون جوردان (69 ياش)، ئىسپانىيە خان جەمەتى مادرىد چولپىنى گويو بېنىتو (73 ياش).

    ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەر «يۇقۇم ئېغىر بولغان رايون» بولۇپ قالغان

    ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتلاردىن يەنە شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ قېتىمقى دۇنيا ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى يۇقۇم «ئېغىر ئاپەت رايونى» ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىدە.

    ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغان 82 نەپەر يۇقۇملانغۇچى ئايرىم-ئايرىم ھالدا يەر شارىدىكى 20 دۆلەتتىن كەلگەن، ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرى مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلىگەن (جەمئىي 65 ئادەم يۇقۇملانغان)، بۇنىڭ ئىچىدە 40 ئادەم ئامېرىكىلىق، 25 ئادەم ياۋروپالىق (بۇنىڭ ئىچىدە ئەنگلىيەدىن 11 ئادەم، ئىتالىيەدىن تۆت ئادەم، شۋېتسىيەدىن ئۈچ ئادەم، گېرمانىيەدىن ئىككى ئادەم، ئىسپانىيە، فرانسىيە، نورۋېگىيە، دانىيە، بېلارۇسىيىدىن ھەرقايسىسىدىن بىردىن ئادەم يۇقۇملانغان).

    بۇنداق ۋەزىيەت چەت ئەلدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن بىردەك بولغان. 4-ئاينىڭ 8-كۈنىگىچە ئامېرىكا، ئىسپانىيە، ئىتالىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيەدىكى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ سانى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى 5-ئورۇنغا ئۆتكەن. ھالبۇكى، يۇقۇملانغۇچىلار ھەر ساھە، ھەر كەسىپلەرگە تارقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكىلەرمۇ كەم بولمايدۇ، ئەلۋەتتە.

    دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كىنو، تېلېۋىزىيە، دراما ۋە مۇزىكا قاتارلىق ساھەلەردە دۇنيانى يېتەكلەۋاتقان ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ئەسلىدىنلا مەدەنىيەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش كەسپى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر. بۇ تەبىئىيلا ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى زور بىر تۈركۈم داڭلىق شەخسلەرنى جەلپ قىلغان. ناۋادا مەلۇم بىر داڭلىق شەخس بەختسىزلىككە ئۇچراپ قالسا، پۈتۈن دۇنيانىڭ نەزىرى بۇ يەرگە چۈشىدۇ. شۇڭا، ياۋروپا ۋە ئامېرىكا ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى «ئېغىر ئاپەت رايونى» بولۇپ قالدى.

    داڭلىق شەخسلەرنىڭ يۇقۇملانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر ۋە مۇسىبەت خەۋەرلىرى ئاممىغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى چالدى. «نيۇيوركلۇق مېھمان» مۇنداق قارىدى: داڭلىق شەخسلەر بۇ دەۋردە ئۆزىنىڭ تەجرىبىسى ۋە سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، توغرا ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ، ئىجابىي يېتەكچىلىك قىلالايدۇ.

    يەر شارى مىقياسىدا يۇقۇم پارتلىغاندىن كېيىن، ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى نۇرغۇن مەشھۇر ئەربابلار «ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىش»نى باشلاپ، ئىجتىمائىي ئالاقە ئاكونتىدا ئاممىغا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، مۇھەببەت ۋە ئاكتىپ ئېنېرگىيە يەتكۈزدى. مەسىلەن، لەيدى گاگا كۆپچىلىكنى ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن يۇۋاشلىق بىلەن ئۆيدە ئولتۇرۇشقا دەۋەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئەمەلدارى تان دېساينىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تەقدىرلىشىگە نائىل بولدى؛ «سىرلىق ئايال پالۋان» گال گادوت بىر توپ چولپانلار بىلەن بىللە جون لېنوننىڭ «Imagine» ناملىق ناخشىسى ئېيتىش ئارقىلىق مۇھەببەتنى يەتكۈزدى؛ ئامېرىكا نيۇيورك ئىشتاتىنىڭ باشلىقى كۇمو رىھاننا خەير-ساخاۋەت فوندىنىڭ شەھەر ئۈچۈن شەخسىي قوغداش ئەسلىھەلىرى ئىئانە قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى...

    ئەمەلىيەتتە، مەيلى داڭلىق شەخسلەرنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە مۇنبەردە مۇراجىئەت قىلىشى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشى بولسۇن، ياكى لۇسادىدەك بۇ خىل «ئۆلۈم» گىردابىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ياش تۆكۈپ تۇرۇپ «ئۆز كەچۈرمىشىنى مىسال قىلىپ سۆزلەش»لەر بولسۇن، ھەممىسى ئۆزىنىڭ «داڭلىق شەخس ئېففېكتى» ئارقىلىق غەربلىكلەرگە مۇنۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان: ۋىرۇس قورقۇنچلۇق، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش تولىمۇ زۆرۈر، يۇقۇم ئەھۋالى ئالدىدا بىز ھەممىمىز ئاڭلىق بولۇپ، ۋىرۇس ئۈستىدىن غالىب كېلىشىمىز كېرەك.

    مەنبەسى :نۇر تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك