• 100مىڭ يۈەنلىك مۇكاپات، سىزنىڭ ئەسەر قاتناشتۇرىشىڭىزنى كۈتمەكتە

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • 100مىڭ يۈەنلىك مۇكاپات، سىزنىڭ ئەسەر قاتناشتۇرىشىڭىزنى كۈتمەكتە


    « بىرلىكتە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ ، بەختلىك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى» يېڭى تاراتقۇ تارقىتىش مۇسابىقىسى باشلاندى 


     ئەلكۈيى تورى تەرجىمىسى:بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئومۇميۈزلۈك ئاخىرلىشىدىغان يىل. ئاپتونوم رايونىمىزدا يەنە ئون ئېغىر نامرات ناھىيە بار بولۇپ، ئاساسلىقى قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا 42 مىڭ 100 ئائىلىلىك 165 مىڭ 800 نامرات ئاھالە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلايدۇ. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىش ، ياخشى جامائەت پىكرى كەيپىياتى يارىتىش ئۈچۈن، ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم تور ئۇچۇر ئىشخانىسى   2020-يىلى« بىرلىكتە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ ، بەختلىك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى» يېڭى تاراتقۇ تارقىتىش مۇسابىقىسىنى رەسمىي باشلىدى. پائالىيەت 4-ئايدىن 6-ئايغىچە يولغا قويۇلىدۇ.

    پائالىيەت تېمىسى

       پائالىيەتتە« بىرلىكتە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ ، بەختلىك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى» دىن ئىبارەت بۇ باش تېما زىچ چۆرىدىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلىرى« ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەن، ئۆزى شاھىت بولغان» نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى ئىللىق ھېكايىلەرنى ئىجاد قىلىشقا ۋە تارقىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ.

    يېڭى تاراتقۇلارنىڭ تارقىتىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامرات رايونلاردىكى نامرات ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش جەھەتتە يۈز بەرگەن خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى، شۇنداقلا كارخانا، جامائەت پاراۋانلىقى پىدائىيلىرى قاتارلىق جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كۈچلىرىنىڭ يۆلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە ياردەم بېرىش قاتارلىق ئىللىق ھېكايىلەرنى تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈنۈمىنى نامايان قىلىپ، بەختلىك، گۈزەل، ئىللىق شىنجاڭ ئوبرازىنى سۈرەتلەپ بېرىلىدۇ!

     

    پائالىيەت تەرتىپى

    4-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە: ئەسەر ئىجاد قىلىش، توپلاش، تەرجىمىھال تېرىش، توردا كۆرگەزمە قىلىش، توردا بېلەت تاللاش باسقۇچى؛

    6-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە: مۇتەخەسسىسلەر باھالاش باسقۇچى؛

    6-ئاينىڭ ئاخىرى« بىرلىكتە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ ، بەختلىك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى» يېڭى تاراتقۇدا مۇسابىقە تارقىتىش، مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ۋە شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇ زاتلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

     

    مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئوبيېكتلار

     

    1. شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى تۈرلۈك يېڭى تاراتقۇلار تېرمىنالى ياكى سۇپىسى

    2. ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى-سىرتىدىكى ھەر ساھە يېڭى تاراتقۇ خادىملىرى

    3. شىنجاڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى تور ئەھلى

    تور تېلېۋىزىيەسى، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى يېڭى تاراتقۇ خادىملىرى، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى تور ئەھلىنى ئاساسىي تېمىنى چۆرىدەپ ئەسەر ئىجاد قىلىش ۋە تەرجىمىھالىنى بېرىشكە ئىلھاملاندۇرىلىدۇ.

     ئەسەرنىڭ شەكلى كۆپ خىل بولۇپ، يېزىق، سۈرەت، قىسقا كۆرۈنۈش، ئاۋاز چاستوتىسى، H5، كارتون قاتارلىقلار بولسىمۇ، يېڭى تاراتقۇلارنىڭ تارقىتىش قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەسەر بولسىلا، قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ!

    كۆپچىلىكنىڭ يېڭىچە، كۆپ خىل ئىجادىيەت ئۇسۇلى ئارقىلىق، ھەر مىللەت تور ئەھلى ياخشى كۆرىدىغان يېڭى تاراتقۇ ئەسەرلىرىنى ئۈندىدار، مىكرو بىلوگ، تېڭشۈن خەۋىرى، ۋاڭيى خەۋىرى، بۈگۈنكى باش خەۋەر، دوۋيىن، ھىمالايا تېغى قاتارلىق تۈرلۈك سۇپىلاردا ھەر تەرەپلىمە تارقىتىپ، تورداشلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

    شىنلاڭ مىكرو بىلوگى، مىكرو سىن قاتارلىق سۇپىلاردا« بىرلىكتە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ ، بەختلىك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى» يېڭى تاراتقۇلار بىلەن بىللە مۇسابىقە تېمىسى تارقىتىلىدۇ.

    « بىرلىكتە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ ، بەختلىك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى» يېڭى تاراتقۇلار مۇسابىقە رىقابىتى ئېلان قىلىندى، كۆپچىلىك ئەسەر تارقىتىشتا تېما قوشۇپ قويسا بولىدۇ. پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇش جەريانىدا، ئورگان تەرەپ باش بولۇپ ، تورداشلار يوللىغان مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئۆز ۋاقتىدا كۆرسىتىدۇ ۋە تەشۋىق قىلىدۇ.

    شۇ تاپتا سىز، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە قانداق مۇكاپاتلار بار دەپ ئويلاۋاتامسىز؟  يۈز مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مۇكاپات پۇل سىزنى  ساقلاۋاتىدۇ.

     

    مۇكاپات تۈرلىرىنى تەسىس قىلىش

     

    ئەڭ مۇنەۋۋەر تارقىتىش مۇكاپاتى: بىر نەپەر، مۇكاپاتى 15 مىڭ يۈەن؛

    تارقىتىش مۇكاپاتى: توققۇز نەپەر ، مۇكاپات سوممىسى ھەر بىرى 1200 يۈەن؛

    ئەڭ مۇنەۋۋەر ئىجادىيەت مۇكاپاتى: بىرنەپەر، مۇكاپاتى 15 مىڭ يۈەن؛

    ئىجادىيەت مۇكاپاتى: توققۇز نەپەر، ھەر بىرى 1200 يۈەن؛

    ئەڭ يۇقىرى كۆرۈلۈش مۇكاپاتى: 1نەپەر، مۇكاپات سوممىسى 15 مىڭ يۈەن؛

    كۆرۈلۈش مۇكاپات سوممىسى:9 نەپەر ، مۇكاپات سوممىسى 1200 يۈەن؛

    ئەڭ زور تەسىرگە ئېگە مۇكاپاتى: بىر نەپەر ، مۇكاپات سوممىسى 15 مىڭ يۈەن؛

    تەسىرلەندۈرۈش مۇكاپاتى: توققۇز نەپەر، مۇكاپات سوممىسى ھەر بىرى 1200 يۈەن؛

    تەشكىللەش مۇكاپاتى:10 نەپەر

     

    مۇسابىقىگە قاتنىشىشتا بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار

     

    1. ئەسەر ئەسلى ئىجادىيەت بولۇشى، كۆچۈرۈلگەن ئەسەر بولسا بولمايدۇ، ئاساسىي تېمىسى روشەن، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئەۋج ئالدۇرۇلغان بولىشى ، ئاساسىي مېلودىيە ئەۋج ئالدۇرۇلغان، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىدىغان ئەسەر بولىشى كېرەك.

    2. ئەسەر تارقىتىش يولى، ئۇسۇلى، شەكلى چەكلەنمەيدۇ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى تۈرلۈك يېڭى تاراتقۇلار سۇپىسى، تېرمىنالىدا بولسا بولىدۇ؛

    3. ئەسەر يوللاش جەدۋىلىنى ئەينەن تولدۇرۇش ( ئەسلىي ئەسەر، تارقىتىش ئۇلانمىسى، ئەسەر تارقىتىش شەكلى، تارقىتىش ئۈنۈمى، تەپسىلىي سانلىق مەلۇمات قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.)

    4. مۇكاپات باھالاش نومۇر قىممىتى: ئەسەرنىڭ تارقىلىش ئۈنۈمى% 60 نى، تور بېلىتى تاللاش نەتىجىسى% 20 نى، باھالىغۇچىلارنىڭ باھالىشى% 20 نى ئىگىلەيدۇ؛

    5. باھالىغۇچىلار - ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ، مۇتەخەسسىسلەر ۋە تور ئەھلى ۋەكىللىرىدىن تەركىب تاپىدۇ.

    پائالىيەتنىڭ كونكرېت مەزمۇنى توغرىسىدا، ئورگان تەرەپ مەخسۇس كۆپچىلىك تارقىتىشقا قولايلىق بولغان ئۇزۇن سۈرەت، H5 ۋە قىسقا كۆرۈنمە چاستوتا تۈزۈپ چىققان، كۆپچىلىك ئۆزلىرىنىڭ سۇپىلىق ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ تارقاتسا ۋە ئۇلانما قىلسا بولىدۇ . 

    مۇسابىقىگە تىزىملىتىشنىڭ ئىككىلىك كود نومۇرىنى كۆپچىلىك سىكانىرلىغاندىن كېيىن تەلەپ بويىچە تىزىمغا ئالدۇرۇپ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.

    پائالىيەت مەسلىھەت سوراش تېلېفونى:

    0991-2384755

    13699999272

    15099619246

               

    6-ئاينىڭ ئاخىرىدا« بىرلىكتە ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ ، بەختلىك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقايلى» يېڭى تاراتقۇدا مۇسابىقە تارقىتىش، مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزىلىدۇ.


     ھەرمىللەت تور ئەھلى ۋە يېڭى تاراتقۇ سۇپىسىنىڭ قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز،شۇنداقلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش يولىدا كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان تېخىمۇ كۆپلىگەن شىنجاڭلىقلارنىڭ ئىللىق ھېكايىسىنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

    مەنبەسى :自治区党委网信办





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك