• كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىنجاڭغا كىرىدۇ،قاتتىق قار ياغىدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈيى تورى
  • ئىنكاسلار :
  • كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمى شىنجاڭغا كىرىدۇ،قاتتىق قار ياغىدۇ

    4-ئاينىڭ 13-كۈنى مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، كۈچلۈك سوغۇق ھاۋا ئېقىمنىڭ تەسىرىدە، 4-ئاينىڭ 14-كۈنى كېچىدىن 4-ئاينىڭ 17-كۈنى كۈندۈزگىچە، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يامغۇر ياغىدىكەن، شىمالىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭنىڭ تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن ℃5 ~℃8 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق جايلاردا تېمپېراتۇرا ℃8~℃10قىچە تۆۋەنلەيدىكەن.

      بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇراھال يامغۇر، قاتتىق يامغۇر ياكى قار ياغىدىكەن، ئىلى ئوبلاستى، بورتالا ئوبلاستىنىڭ غەربىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستىنىڭ تاغلىق رايونى قاتارلىق قىسمەن رايونلاردا قارا يامغۇر ياغىدىكەن ياكى شىۋىرغان چىقىدىكەن.

       مۆلچەرلىنىشىچە، 4-ئاينىڭ 15-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن 4-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن بۇرۇنغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مەركىزىي شەھەر رايونى، مىچۈەن-دۇڭسەن رايونىدا قاتتىق يامغۇر ياكى قارا يامغۇر ياغىدىكەن، مىچۈەن-دۇڭسەن رايونىنىڭ تاغلىق رايونى، سەيۋوپونىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايوندا قارا يامغۇر ياغىدىكەن، قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدىكەن، شەھەر جەنۇبىي ۋە نەنسەن تاغلىق رايونىدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، كىيىن قارغا ئايلىنىدىكەن، بۇ رايونلاردا يەنە تۆت بال غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدىكەن، داۋانچىڭدا ئازراق يامغۇر ياكى ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدىكەن ئالتە بال غەرب شامىلى چىقىدىكەن، داۋانچىڭنىڭ تاغلىق رايونلىرىدا ئوتتۇراھال يامغۇر ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن.

    مەنبەسى :تيانشان تورى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • كىچىك چولپان سەفىيەدىن بايراملىق سوۋغا « قونچۇغۇم »

    1970-01-01 08:00

  • ما ئەپەندىم « قوش رەڭلىك توپ» ئۇيۇنىدا 260 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • مەردان مىجىتنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىك ناخشىسى«شەلىرىڭدە ئوينايلى» تارقىتىلدى

    1970-01-01 08:00

  • 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى ئالاھىدە لاتارىيە بېلىتى : «ئەتىرگۈل كېلىشىمى»

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ كۈرۈپ بېقىشن ئويلىغان لاتارىيەچى 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ئانا بۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئامەتلىك قىز 20 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • تەلەي سىناپ باقماقچى بولغان ئامەتلىك لاتارىيەچى بىر مىليون يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    1970-01-01 08:00

  • ياش ھەم كېلىشكەن قازاق يىگىتىگە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى

    1970-01-01 08:00

  • لاتارىيە سېتىۋالسا چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكىلى بولامدۇ-يوق؟ لى ئەپەندىم بۇ سوئالغا ياخشى جاۋاب بەردى

    1970-01-01 08:00

  • <قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش> ھەقىقەتەن خۇشاللىققا خۇشاللىق قۇشىدىغان ئۇيۇن!

    1970-01-01 08:00