• بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى مەخسۇس تېمىلىق پائالىيەتنى قانات يايدۇردى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈي تورى
  • ئىنكاسلار :
  • بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى مەخسۇس تېمىلىق پائالىيەتنى قانات يايدۇردى

    ئەلكۈيى تورى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى تەرجىمىسى : 


    يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھەممەيلەن تەڭ كۈچ چىقىرايلى 

    __ بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى 32 ـ قېتىملىق« ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ئېيى» باش تېمىسىدىكى پائالىيەتنى قانات يايدۇردى 

    2020 ـ يىلى 4 ـ ئاي 32 ـ قېتىملىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ئېيى بولۇپ،« 32 ـ قېتىملىق ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ئېيى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېڭى تاج ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىگە كۈچ قوشۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىقىدىن ھەممە كىشى نەپ ئالىدىغان، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتە ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولىدىغان ياخشى كەيپىيات شەكىللەندۈرۈپ، رەتلىك، گۈزەل، ساغلام، ئىناق ئىشخانا مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك. 4 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى« يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھەممەيلەن تەڭ كۈچ چىقىرايلى» باش تېمىسىدىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ئېيى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

     مۇھىت تازىلىقىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. 

    بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى خىزمەتچى خادىملارنى ۋە ھەرقايسى تارماق رايوندىكى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتلىرىدىكى ساتقۇچىلارنى كەڭ كۆلەمدە سەپەرۋەر قىلىپ، مەركەزنىڭ خىزمەت سورۇنى ۋە مەبلەغ سېلىش پونكىتى ئىچىدىكى ئاممىۋى رايون، ئىشىك تۇتقۇچى، كارىدورنىڭ يەر يۈزى ۋە تازىلىق ئۆيى قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك دېزىنفېكسىيە قىلدى. كۆپچىلىك جاپادىن، ھېرىپ ـ چارچاشتىن، مەينەتچىلىكتىن قورقماسلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، بەس ـ بەستە سۈپۈرگىنى ئېلىپ، تازىلىق رايونى ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلەر، كۆكەرتىش بەلبېغىدىكى ئەخلەت، ئاق بۇلغىما، دۆۋىلەنگەن نەرسىلەرنى ئۈزۈل ـ كېسىل تازىلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، چاشقان ۋە چىۋىن يوقىتىش، پاشا ۋە چىۋىن يوقىتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرۇپ، ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئازايتىش كېرەك. 


    سۈرەتتە: بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىدىكى خىزمەتچىلەر چوڭ تازىلىق قىلماقتا. 


    ساقلىق ساقلاش، ساغلام تۇرمۇش ئىدىيەسىنى پائال تارقىتىش كېرەك 
    بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى مۇھىت تازىلىقىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى كۈچەيتكەندىن باشقا، يەنە يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش بىلىملىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، خىزمەتچى خادىملار ۋە پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىكى ساتقۇچىلارنى كېسەلنى توغرا تونۇش، ئۆزىنى ئىلمىي قوغداشقا يېتەكلىدى، كۆپچىلىكنى ئىشنى ئۆزىدىن، ئەتراپىدىكى كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، ناچار تۇرمۇش ئۇسۇلىنى چۆرۈپ تاشلاپ، مۇۋاپىق غىزالىنىش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، تاماكا تاشلاش، ھاراقنى چەكلەش، پىسخىكىلىق تەڭپۇڭلۇقنى تەشەببۇس قىلىپ، مەدەنىي، ساغلام، يېشىل، مۇھىت ئاسرايدىغان تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە مۇراجىئەت قىلدى. 

    بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ پائال قاتنىشىشى بىلەن، بۇ قېتىمقى تازىلىق تۈزەش پائالىيىتى ئەتراپتىكى مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ساغلام تۇرمۇش ئىدىيەسىنى ئومۇملاشتۇردى. بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزى مۇھىتنى مەركەزلىك تۈزەشنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش، دائىملاشتۇرۇشنى داۋاملىق تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېشىل، پاكىز، مەدەنىي بايىنغولىن ئوبلاستى قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىدۇ. 


    سۈرەتتە: بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ئېيى مەخسۇس تېمىلىق يىغىنى ئېچىلماقتا 


    سۈرەتتە: بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ھەر قايسى رايون باشقۇرغۇچىلىرى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتلىرىدىكى ساتقۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك تازىلىق ئېيى مەخسۇس سىن يىغىنى ئاچماقتا 


    سۈرەتتە: بايىنغولىن ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىلىرى مۇھىت تۈزەشكە قاتناشماقتا


    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا ياشلىق باھارىمىزنى جۇلالاندۇرىمىز

    1970-01-01 08:00

  • ئەڭ قىممەتلىك ئوقۇش پۈتكۈزۈش سوۋغىسى، ئەڭ گۈزەل كىشىلىك ھايات ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى4542 تاكسى ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز توشۇيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نۇقتىسى،زاپاس مەيدان تەسىس قىلنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىروسنى تەكشۈرۈش ھەققىنى 160يۈەنگە تەڭشىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئامما بىلەن بىرگە يەپ ، بىرگە تۇرۇپ ، بىرگە ئەمگەك قىلىپ ئامما ئارىسىغا چۈكۈش

    1970-01-01 08:00

  • ﺑﻪزﯨﻠﻪر لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎزلا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ، بۇ قانداق ئىش؟

    1970-01-01 08:00

  • توغرا ! مەن ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلاي !

    1970-01-01 08:00

  • مەن ئىشىنىمەن ئىتتىپاقلىق كۈچ ، بىز يەنە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە بىزگە ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقلار

    1970-01-01 08:00