• يىگىت بىر خىيالنى ئويلاپ بولغۇچە بىر ئاۋدى ماركىلىق ماشىنىغا ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈي تورى
  • ئىنكاسلار :
  • يىگىت بىر خىيالنى ئويلاپ بولغۇچە بىر ئاۋدى ماركىلىق ماشىنىغا ئېرىشتى

    ئەلكۈيى تورى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى تەرجىمىسى : 
    4 ـ ئايدا ئەمدىلا قۇياش نۇرى پارلاپ تۇرۇشىغا، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى پاراۋانلىق لاتارىيە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنىدىن غايەت زور خۇشاللىق كەلدى، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى ئەركىن ئەپەندىم ئامەتكە تايىنىپ، ئاسانلا« گېڭزى چاشقىنى» سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كاتتا مۇكاپاتى __ ئاۋدى Q5L ئاپتوموبىلىدىن بىرگە ئېرىشتى. كاتتا مۇكاپات خۇش خەۋىرىنىڭ ئېغىزدىن ـ ئېغىزغا تارقىلىشىغا ئەگىشىپ، ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى لاتارىيەچىلەرنىڭ پارۋانلىق لاتارىيە سېتىۋېلىش قىزغىنلىقى بىردىنلا جانلىنىپ كەتتى، شۇنداقلا ئەمدىلا يېتىپ كەلگەن 4 ـ ئاي كۆپچىلىكنىڭ قەلبىدىكى « بەخت ئېيى » غا ئايلاندى. 

    4 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىدىكى چارۋىچى ئەركىن ئەپەندىم بىر كۈن چارچاپ كەتكەن تېنىنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن، بىردىنبىر قىزىقىدىغان جاي __ موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى 65412601 پاراۋانلىق لاتارىيەسى پونكىتىغا كېلىپ، ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئويۇنىنى ئوينىماقچى بولدى. ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيەسى پونكىتىغا كىرگەندىن كېيىن بېلەت كۆرگەزمە ئىشكاپىدىكى تۈرى كۆپ بولغان قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش لاتارىيە بېلەتلىرىنى بىر نەچچە قېتىم كۆرۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا نەزىرىنى قىممىتى 20 يۈەنلىك «گېڭزى چاشقىنى» گە مەركەزلەشتۈردى، ئۇ بۇ بېلەت تۈرىنى تاللاشتا باشقا بېلەت تۈرلىرىگە قارىغاندا چوقۇم مۇكاپاتقا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، بەلكىم بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئاپتوموبىل ئۆزىنىڭ بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلىدى ئەركىن ئەپەندىم. بەش دانە« گېڭزى چاشقىنى» ناھايىتى تېزلا ئەركىننىڭ بارمىقىنىڭ ئۇچىدا« ھەقىقىي قىياپىتى» نى ئاشكارىلىدى، گەرچە ھوسۇل ناھايىتى ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا سەۋرچانلىق بىلەن ئالتىنچى پارچىسىنى ئالدى، بىر«ماشىنا» تۇيۇقسىز ئەركىننىڭ كۆز ئالدىدا پەيدا بولدى، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا كۆڭلىدە ئويلاپ مۇنداق دېدى: ئىشىنەلمەي قالدىم، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشتىن بۇرۇن كاللامدا يالت-يۇلت قىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن خىيال سەۋەبلىپ بىر ئاۋدىغا ئېرىشتىم! كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئېركېن مۇنىلارنى بىلدۈردى : بۇنداق ئامەتنى كۈتۈۋېلىشنى ھەقىقەتەن ئويلاپ باقماپتىمەن، ئەسلىدە كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئەركىن قويۇۋەتكەن ئىدىم، ئەمما تاسادىپىي ئاپتوموبىل كاتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشتىم !


    موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى 65412601 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىنىڭ ساتقۇچىسى بۇ ئىشنى تىلغا ئېلىپ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئەمدىلا ئەسلىگە كېلىشىگە پونكىتتىن چوڭ مۇكاپات چىقتى، بۇ ھەقىقەتەن ياخشى باشلىنىش! مەن ھەر كۈنى پونكىتنىڭ شامال ئۆتۈشتۈرۈش ۋە دىزىنپىكسىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، لاتارىيەچىلەرنىڭ بىخەتەر، ئىللىق بولغان لاتارىيە مۇھىتىدا تېخىمۇ كۆپ ئامەتكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن! »-دېدى. 

    باھار كېلىپ گۈللەر ئېچىلغان ياخشى پەسىلدە، سىزمۇ بۇنداق تەلەي بىلەن تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالماقچىمۇ؟ ئۇنداق بولسا بىر پارچە پارۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىڭ! ئامەت ۋە خۇشاللىق دەل شۇلارنىڭ ئىچىدە!

    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا ياشلىق باھارىمىزنى جۇلالاندۇرىمىز

    1970-01-01 08:00

  • ئەڭ قىممەتلىك ئوقۇش پۈتكۈزۈش سوۋغىسى، ئەڭ گۈزەل كىشىلىك ھايات ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى4542 تاكسى ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز توشۇيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نۇقتىسى،زاپاس مەيدان تەسىس قىلنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىروسنى تەكشۈرۈش ھەققىنى 160يۈەنگە تەڭشىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئامما بىلەن بىرگە يەپ ، بىرگە تۇرۇپ ، بىرگە ئەمگەك قىلىپ ئامما ئارىسىغا چۈكۈش

    1970-01-01 08:00

  • ﺑﻪزﯨﻠﻪر لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎزلا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ، بۇ قانداق ئىش؟

    1970-01-01 08:00

  • توغرا ! مەن ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلاي !

    1970-01-01 08:00

  • مەن ئىشىنىمەن ئىتتىپاقلىق كۈچ ، بىز يەنە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە بىزگە ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقلار

    1970-01-01 08:00