• بۈگۈر ناھىيىسى 90-يىللاردا تۇغۇلغان يىگىت ئويلىمىغان يەردىن ئاۋدى ماشىنىسىغا ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈي تورى
  • ئىنكاسلار :
  • بۈگۈر ناھىيىسى 90-يىللاردا تۇغۇلغان يىگىت ئويلىمىغان يەردىن ئاۋدى ماشىنىسىغا ئېرىشتى

    ئەلكۈيى تورى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى تەرجىمىسى : 
    «ئەگەر مال ساتقۇچى پۈتۈن كۈچى بىلەن "گېڭزى چاشقىنى" نى تەۋسىيە قىلىپ يەنە بەش تالنى كۆپرەك قىرىشقا دەۋەت قىلمىغان بولسا مەن بۇ كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشمىگەن بۇلاتتىم. بۇنىڭ ھەممىسى تەلەي، تەلەي! »-دېدى 3 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى « گېڭزى چاشقىنى» نىڭ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇكاپاتى ئاۋدى 5 نى ئالغان بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر ناھىيەسىدىكى لاتارىيەچى جاڭ ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا. ئۇنىڭ ياش چىرايىدىن ئىشەنچ ۋە مەردانىلىك چىقىپ تۇراتتى، خۇشاللىق ئىچىدە يەنە بىر ئاز تەمكىنلىك چىقىپ تۇراتتى. 
    جاڭ ئەپەندى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا ئەزەلدىن« مۇكاپات چىقسا خۇشال بولۇش، چىقمىسا مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش» تەك روھىي ھالەتنى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، لاتارىيە سېتىۋېلىشتا بىرقەدەر پىرىنسىپ بار ئىدى، ھەر قېتىم كېلىپ ئوينىغاندا مەيلى مۇكاپات چىقسۇن ياكى چىقمىسۇن 100 يۈەن چىقىرىپ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىش فوندى قىلاتتى. 3-ئاينىڭ 27-كۈنى، جاڭ ئەپەندى بىر نەچچە دوستى بىلەن بۈگۈر ناھىيەلىك يولۇچى توشۇش بېكىتى ئەتراپىغا كەلگەندە ئىختىيارسىز بىر پاراۋانلىق لاتارىيەسى پونكىتىدا كىشىلەرنىڭ ناھايىتى ئاۋات ئىكەنلىكىنى، كەيپىياتنىڭ ناھايىتى قىزىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى، جاڭ ئەپەندىمۇ بۇنىڭدىن تەسىرلىنىپ، دوستلىرى بىلەن بىللە بېرىپ تەلەي سىناپ بېقىشنى قارار قىلدى. 
    جاڭ ئەپەندى لاتارىيە قۇتىسى ئىچىدىكى سانى ئانچە كۆپ بولمىغان« گېڭزى چاشقىنى» گە قاراپ تۇرۇپ: « ماڭا بۇنداق بېلەتتىن بەشنى بېرىڭ، مەن ئىلگىرى بىر نەچچە قېتىم قىرىپ باققان، چوڭ مۇكاپاتقىمۇ ئېرىشەلمىدىم، ئاپتوموبىل تۇرماق، 20 يۈەنلىك كىچىك مۇكاپات بولسىمۇ مەيلى» دېدى. ئۇ بەش تال لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ، ئەڭ ئاخىرقى بىر تال بېلەتنىمۇ قىرىپ تۈگەتتى، ئويلىمىغان يەردىن ھېچنېمە چىقمىدى. جاڭ ئەپەندى قوشۇمىسىنى تۈرۈپ ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭماقچى بولدى، ساتقۇچى خادىم ئۇنىڭغا  بىرمۇ مۇكاپات چىقمىغانلىقىنى كۈرۈپ كۆڭلىدە ئۇنىڭ ئۈچۈن تىت ـ تىت بولۇپ: «سىز يەنە بەش پارچە قىرىڭ، بۇ لاتارىيە بېلىتىدىن بىر نەچچە پارچىلا قالدى، چوڭ مۇكاپات بۇنىڭ ئىچىدە بولۇشى مۇمكىن! » دېدى. 

    جاڭ ئەپەندى ساتقۇچى خادىمنىڭ تەكلىپىنى ئاڭلاپ، ئەڭ ئاخىرقى بەش پارچە« گېڭزى چاشقىنى» نى سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى. ئارقىدىنلا، كومېدىيەلىك بىر كۆرۈنۈش يۈز بەردى، جاڭ ئەپەندى ئۈچىنچى پارچىسىنى قېرىۋاتقاندا، بىر« ئاپتوموبىل» رەسىمى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى. ئۇ مۇكاپات چىققانلىقىنى بىلەلمەي تۇرۇپلا مال ساتقۇچى خادىم سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇكاپاتىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى بايقاپ ھاياجانلانغان ھالدا: « شياۋجاڭ! سىزگە ئاۋدى 5 چىقتى! جاڭ ئەپەندى قولىدىكى لاتارىيە بېلىتىگە قاراپ خۇشال بولۇپ كۈلۈپ كەتتى، ئۇ خۇشاللىقىدا مۇنداق دېدى: « مەن تېخى بىر تالمۇ كىرىم قىلالماسمىكىن دەپتىمەن، ئويلىمىغان يەردىن سېتىشنى تېزلىتىش پائالىيىتىنىڭ خۇشاللىقى مېنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ ئەمەسمۇ، بۇ قېتىم ئېسىل ئاپتوموبىلنى ھەيدىيەلەيدىغان بولدۇم! نېمە دېگەن ياخشى ھە! » دېدى.



    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا ياشلىق باھارىمىزنى جۇلالاندۇرىمىز

    1970-01-01 08:00

  • ئەڭ قىممەتلىك ئوقۇش پۈتكۈزۈش سوۋغىسى، ئەڭ گۈزەل كىشىلىك ھايات ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى4542 تاكسى ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز توشۇيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نۇقتىسى،زاپاس مەيدان تەسىس قىلنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىروسنى تەكشۈرۈش ھەققىنى 160يۈەنگە تەڭشىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئامما بىلەن بىرگە يەپ ، بىرگە تۇرۇپ ، بىرگە ئەمگەك قىلىپ ئامما ئارىسىغا چۈكۈش

    1970-01-01 08:00

  • ﺑﻪزﯨﻠﻪر لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎزلا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ، بۇ قانداق ئىش؟

    1970-01-01 08:00

  • توغرا ! مەن ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلاي !

    1970-01-01 08:00

  • مەن ئىشىنىمەن ئىتتىپاقلىق كۈچ ، بىز يەنە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە بىزگە ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقلار

    1970-01-01 08:00