• « يۇقۇملۇق كېسەل»نىڭ ئالدىنى ئېلىش مەزگىلىدىكى« قوش رەڭلىك توپ» نىڭ 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈي تورى
  • ئىنكاسلار :
  • « يۇقۇملۇق كېسەل»نىڭ ئالدىنى ئېلىش مەزگىلىدىكى« قوش رەڭلىك توپ» نىڭ 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتى

    ئەلكۈيى تورى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى تەرجىمىسى : 
    2020- يىلى باھار ھەممە ئادەمگە نىسبەتەن ئالاھىدە بىر يىل بولدى، ھېلىمۇ ياخشى ئەتىياز ئۆز قەرەلىدە يېتىپ كېلىپ، يۇقۇم ئەھۋالى ئاستا-ئاستا يوقاپ، تۇرمۇشىمىز تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى. پاراۋانلىق لاتارىيەسىمۇ تارىختىكى ئەڭ ئۇزۇن دەم ئېلىش مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن مۇشۇ باھاردا ھاياتىي كۈچكە تولدى! 
    « باھاردا كېچىكىپ قالمايدۇ، كاتتا مۇكاپاتمۇ كەم بولمايدۇ »-دېدى « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنى 2020013-قاراردا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن چىن ئەپەندى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە. 
    چىن ئەپەندى سودىگەر بولۇپ، ئادەتتە ھېچقانداق قىزىقىشى يوق ئىدى، ئۇ لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشقا ئامراق ئىدى، بولۇپمۇ« قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىغا ئامراق بولۇپ، ھەر قاراردا كەم قالماي لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالاتتى. چىن ئەپەندىمنىڭ تەلىي خېلى ياخشى بۇلۇپ ئادەتتە نەچچە يۈز، نەچچە مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقىش چىن ئەپەندىمگە نىسبەتەن ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس ئىدى. 
    بۇ قېتىمقى لاتارىيە سېتىۋېلىش ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشىش جەريانىنى تىلغا ئالغاندا، چىن ئەپەندى ئۆزىنى تولىمۇ تەلەيلىك ھېس قىلدى. شۇ كۈنى ئۇ تىجارەت ئىشى ئۈچۈن ئىككى دوستى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىشىنى تۈگىتىپ قايتىپ كەلدى. فۇكاڭ كوچىسىدىن ئۆتكەندە، ئۇ 65010825 پاراۋانلىق لاتارىيەسى پونكىتىنىڭ يەنىلا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا كىرىپ تەبىئىيلا« قوش رەڭلىك توپ» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى. يۇقۇمدىن ساقلىنىش ئالاھىدە مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقانلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇ بۇ يەردە كۆپ تۇرمايلا قايتىپ كەتتى. 
    « ئەينى چاغدا ماشىنىدا ئاپتوماتىك تاللىغان، شۇڭا دىققەت قىلماپتىمەن، شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتسىمۇ ئېسىمگە ئالالمىدىم. » چىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ سومكىسىنىڭ ئارىسىدىن بۇ لاتارىيە بېلىتىنى بايقىغان چاغدا، مۇكاپات ئېچىلغان كۈندىن توپتوغرا ئىككى ھەپتە ئۈتۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. « مەن يېقىن ئەتراپتىكى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا بېرىپ كۆرۈپ باقتىم، ئەسلىدە ماشىنا تاللىغان بېلەتكە چوقۇم مۇكاپات چىقمايدۇ دەپ ئويلىغانىدىم، لىكىن ئويلىمىغان يەردىن ساتقۇچى خادىم ماڭا 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا چىققانلىقىنى ئېيتىپ بەردى، ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم! »-دېدى ، چىن ئەپەندى تۇيۇقسىز خۇشال بولغانلىقىنى، ساتقۇچى خادىم بىلەن قايتا ـ قايتا جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن بىر ئىشىنىپ بىر ئىشەنمەي ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. 

    67938 يۈەن مۇكاپات پۇلىنى نەقلەشتۈرگەندىن كېيىن، چىن ئەپەندى يەنىلا قەلبىدىكى ھاياجىنىنى باسالماي، لاتارىيە سېتىۋالغىنىغا شۇنچە يىل بولغان بولسىمۇ، پەقەت خۇشال بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، مۇكاپاتقا ئېرىشىشتە پەقەت ئويلاپلا قۇيدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ شۇنچە تەلىيى بارلىقىنى ھېس قىلمىغانلىقىنى، بۇ قېتىم گەرچە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات بىلەن سۈركىلىپ ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتتىن ناھايىتى رازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.



    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا ياشلىق باھارىمىزنى جۇلالاندۇرىمىز

    1970-01-01 08:00

  • ئەڭ قىممەتلىك ئوقۇش پۈتكۈزۈش سوۋغىسى، ئەڭ گۈزەل كىشىلىك ھايات ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى4542 تاكسى ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز توشۇيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نۇقتىسى،زاپاس مەيدان تەسىس قىلنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىروسنى تەكشۈرۈش ھەققىنى 160يۈەنگە تەڭشىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئامما بىلەن بىرگە يەپ ، بىرگە تۇرۇپ ، بىرگە ئەمگەك قىلىپ ئامما ئارىسىغا چۈكۈش

    1970-01-01 08:00

  • ﺑﻪزﯨﻠﻪر لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎزلا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ، بۇ قانداق ئىش؟

    1970-01-01 08:00

  • توغرا ! مەن ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلاي !

    1970-01-01 08:00

  • مەن ئىشىنىمەن ئىتتىپاقلىق كۈچ ، بىز يەنە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە بىزگە ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقلار

    1970-01-01 08:00