• ئامەتلىك لاتارىيەچى ئون مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈي تورى
  • ئىنكاسلار :
  • ئامەتلىك لاتارىيەچى ئون مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    ئەلكۈيى تورى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى تەرجىمىسى : 
    «لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقىلى شۇنچە يىل بولدى، ئەزەلدىن بۇنداق بېلەتنى كۆرۈپ باقمىغان، بېلەت ئىسمى جىسمىغا لايىق "دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي" ئىكەن، مەن چوقۇم سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرىمەن»-دېدى ئامەتلىك لاتارىيەچى لى ئەپەندىم ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرگەندە لى ئەپەندىنىڭ ھاياجانلىق ھېسسىياتى چىرايىدىن ئىپادىلىنىپ تۇراتتى. 
    «دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» بولسا پاراۋانلىق لاتارىيەسى «قىرقپ خۇشاللىق ئىزدەش» نىڭ تۇنجى 50 يۈەنلىك بېلەت تۈرى بولۇپ، بازارغا سېلىنىشى بىلەن يەنە بىر قېتىم لاتارىيەچىلەرنىڭ ياقتۇرشىغا ۋە ياخشى باھالىرىغا ئېرىشتى ۋە شۇنداقلا بىر دولقۇن كۆتۈرۈلدى ، «قىرقپ خۇشاللىق ئىزدەش» نى ياخشى كۆرىدىغان لى ئەپەندى بۇ دولقۇنىغا يېتىشىۋېلىپلا قالماي، يەنە بۇ دولقۇندىكى تەلەيلىك كىشىگە ئايلىنىپ، باشلامچىلىق بىلەن 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. 
    مۇكاپاتقا ئېرىشىش كەچۈرمىشىنى تىلغا ئالغاندا، لى ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا تونۇشتۇرۇپ كەتتى. 4 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى چۈشتە، ئۇ ئۈرۈمچى شەھىرى مىچۈەن ـ كۆكتاغ رايونى 65010331 پاراۋانلىق لاتارىيەسى  پونكىتىغا كەلدى ، ئەسلىدە لى ئەپەندىم پەقەت « قوش رەڭلىك توپ » سېتىۋالماقچى ئىدى، تۇيۇقسىز ئۇنى  كۆرگەزمە ئىشكاپىدىكى «قىرقپ خۇشاللىق ئىزدەش» دىكى «دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» لاتارىيە بېلىتى دىققىنى تارتتى. لى ئەپەندى مۇنداق دېدى: «دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» گەرچە رەڭ ئەنئەنىۋى بولسىمۇ، ئەمما توغرىسىغا ئىشلەنگەن نۇسخىسى ناھايىتى يېڭى، « 1000000» دېگەن خەت كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرىدۇ، بۇ ئۇنىڭغا سىناپ باققۇدەك تۇيغۇ بەردى، لېكىن 50 يۈەنلىكىنى بىلگەندىن كىيىن ۋاز كەچمەكچى بولدى . ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا قىزىقىش سەۋەبىدىن ئۇ بۇ لاتارىيە بېلىتىنى سېتىۋالدى، 50 يۈەن لاتارىيە بېلىتىنى ئېلىپ قىرىۋەتكەندىكى تۇيغۇنى ھېس قىلماقچى بولدى، ئەمما بېلەتنى ئېلىپ قىرغاندىن كىيىن لى ئەپەندى چۆچۈپ كەتتى ، ئۇنىڭ بۇ لاتارىيە بېلىتى «مۇكاپاتقا ئېرىشىش بەلگىسى» گە تولغان! ئۇ دەرھال ئويۇن قائىدىسىگە ئاساسەن بىرمۇبىر ھېسابلاپ چىقتى، نەتىجىدە بۇ «دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» ئۇنىڭ ئۈچۈن جەمئىي 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات ئېلىپ كەلدى. 

    مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگەندە لى ئەپەندى مۇنداق دېدى-«كۆزىگە لىق تولغان مۇكاپات چېرتىيوژىنىڭ ھەممىسى مۇكاپات بولۇپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم! ھېسابلاپمۇ ھېسابلىيالمىدىم، ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا ساتقۇچى خادىم ھېسابلىغۇچنى ئېلىپ ماڭا ھېسابلاپ بەردى! بۇ تۇيغۇ بەك سىرلىق ئىكەن! ».



    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا ياشلىق باھارىمىزنى جۇلالاندۇرىمىز

    1970-01-01 08:00

  • ئەڭ قىممەتلىك ئوقۇش پۈتكۈزۈش سوۋغىسى، ئەڭ گۈزەل كىشىلىك ھايات ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى4542 تاكسى ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز توشۇيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نۇقتىسى،زاپاس مەيدان تەسىس قىلنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىروسنى تەكشۈرۈش ھەققىنى 160يۈەنگە تەڭشىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئامما بىلەن بىرگە يەپ ، بىرگە تۇرۇپ ، بىرگە ئەمگەك قىلىپ ئامما ئارىسىغا چۈكۈش

    1970-01-01 08:00

  • ﺑﻪزﯨﻠﻪر لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎزلا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ، بۇ قانداق ئىش؟

    1970-01-01 08:00

  • توغرا ! مەن ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلاي !

    1970-01-01 08:00

  • مەن ئىشىنىمەن ئىتتىپاقلىق كۈچ ، بىز يەنە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە بىزگە ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقلار

    1970-01-01 08:00