• لاتارىيە سېتىۋېلىشتا ياخشى روھىي ھالەت بولۇشى كېرەك، قارىغۇلارچە دو تىكىشكە بولمايدۇ

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈي تورى
  • ئىنكاسلار :
  • لاتارىيە سېتىۋېلىشتا ياخشى روھىي ھالەت بولۇشى كېرەك، قارىغۇلارچە دو تىكىشكە بولمايدۇ

    ئەلكۈيى تورى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى تەرجىمىسى : 
    « ئەگەر سىز بەخت لاتارىيەسى 3D ئويۇنىنى چۈشەنسىڭىز، ئۇنداقتا يېشىڭىزنى ئاشكارىلاپ قويۇشىڭىز مۇمكىن»، بۇ بىر چاقچاق، ئەمما بۇ چاقچاق 3D ئويۇنىنىڭ پاراۋانلىق لاتارىيەسى ساھەسىدىكى« ئاكا» لىق ئورنىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. كۈندە مۇكاپات تارقىتىلىدۇ، ئويناش ئۇسۇلى ئاددىي، مۇكاپات چىقىش نىسبىتى يۇقىرى ... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى 3D ئۇيۇنىنىڭ« ئىسىم كارتىسى» غا تەۋە. ئەمما ئەزەلدىن« سالماق، پىشقان» ئويۇنلارنىڭمۇ« بىردىنلا ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان» چاغلىرى بولىدۇ. 

    4 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دۆلەت قۇرۇش يولى 10 ـ نومۇرغا جايلاشقان 65010593 پاراۋانلىق لاتارىيەسى پونكىتى «كۈچلۈك ماتېرىيال» نى ئاشكارىلىدى، 65 دو يەككە تاللاش مۇكاپاتى لاتارىيە لى ئەپەندىم تەرىپىدىن بىر قېتىمدىلا قولغا چۈشتى ، ئۇ بەختكە يارىشا 67 مىڭ 600 يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى! ليۇ ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇ 3D ئويۇنى بازارغا سېلىنىشتىن باشلاپلا سېتىۋېلىشقا باشلىغان، تاماقتىن كېيىن يۆنىلىش خەرىتىسىنى تەتقىق قىلىپ بېقىشمۇ ئۆزىنىڭ ھەر كۈنى كەم بولسا بولمايدىغان بىر تۈرلۈك« ئەقلىي ئەمگەك» ى ئىكەن. بۇ جەرياندا لى ئەپەندىم دەسلەپتىكى«كىچىك بالا»دىن ھازىرقى«مۇتەخەسسىس» كە ئۆزگەردى، ئۆزىمۇ نەچچە يۈەنلىك دو تىكىشتىن تاللاش خاراكتېرلىك چوڭ دو تىكىشكە ئۆزگەردى، لېكىن سېتىۋالغان لاتارىيەنىڭ سوممىسى ئەڭ كۆپ بولغاندا 500 يۈەندىن ئېشىپ كەتمىدى، دەل ئۆزىنىڭ چىڭ تۇرۇش ۋە دۇرۇس روھىي ھالىتى بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى! شۇڭا ساغلام روھىي ھالەت بولغاندىلا، ئاندىن بەختكە ئېرىشكىلى بولىدۇ. 


    ياخشى ئىش جۈپ بولىدۇ! 4 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى سەنجيەن ئائىلىلىكلەر قورۇسىغا جايلاشقان 65010658 پاراۋانلىق لاتارىيەسى پونكىتىدىمۇ خۇش خەۋەر تارقالدى! 3D ئويۇندىكى 50  دو يەككە تاللاش مۇكاپاتى بۇ پونكىتتىكى لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندىمنىڭ قۇلىغا چۈشتى! 

    ۋاڭ ئەپەندىمۇ 3D ئويۇنىنىڭ سادىق لاتارىيەچىسى، ئۇنىڭ تەلىيى قىزىدىن كەلگەن. مۇكاپات نومۇرى« 314» دەل ۋاڭ ئەپەندىنىڭ قىزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، «توشقان كۈتۈش» نى ياخشى كۆرىدىغان ۋاڭ ئەپەندىمۇ ئەڭ ئاخىرىدا 60650 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى. ئەگەر ليۇ ئەپەندى« تېخنىكا تىپى» دىكى لاتارىيەچىگە تەۋە بولسا، ئۇنداقتا ۋاڭ ئەپەندى پۈتۈنلەي تەلەيگە تايىنىدىغان لاتارىيەچىگە تەۋە بولىدۇ، ئۆزىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش «ئۈجمە پىش ئېغىزىمغا چۈش» بولۇپ، ئۆزىنىڭ باي بولۇش ئارزۇسى يوق، لاتارىيە سېتىۋېلىش پەقەت تۇرمۇشقا بىر كىشىلىك خۇشاللىق قۇشۇش ئۈچۈن، كىشىلىك ھاياتقا كۆپرەك ئۈمىد پەيدا قىلىش ئۈچۈن، مۇكاپاتقا ئېرىشكىنى ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى ۋە روھىي ھالىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. شۇڭا بۇ پۇلنى ۋاڭ ئەپەندى تېخى قانداق باشقۇرۇشنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى، بىراق بۇ بەختتىن چوقۇم ئۆيدىكىلەر بىلەن تەڭ بەھرىمەن بولۇش كېرەك ئىدى. 


    مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىككى لاتارىيەچىنىڭ بىرى گەرچە« تېخنىكا تىپى» ، يەنە بىرى تەلەيگە تايىنىدىغان لاتارىيەچىگە تەۋە بولسىمۇ، لېكىن تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، ھەممىسى« ساغلاملىق تىپى» غا تەۋە، لاتارىيە سېتىۋېلىشتا ياخشى روھىي ھالەت بولۇشى كېرەك، قارىغۇلارچە دو تىكىشكە بولمايدۇ ، خۇشاللىق بىلەن لاتارىيە سېتىۋالغاندا ئاندىن ھۇسۇل ئالغىلى بۇلىدۇ.

    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا ياشلىق باھارىمىزنى جۇلالاندۇرىمىز

    1970-01-01 08:00

  • ئەڭ قىممەتلىك ئوقۇش پۈتكۈزۈش سوۋغىسى، ئەڭ گۈزەل كىشىلىك ھايات ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى4542 تاكسى ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز توشۇيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نۇقتىسى،زاپاس مەيدان تەسىس قىلنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىروسنى تەكشۈرۈش ھەققىنى 160يۈەنگە تەڭشىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئامما بىلەن بىرگە يەپ ، بىرگە تۇرۇپ ، بىرگە ئەمگەك قىلىپ ئامما ئارىسىغا چۈكۈش

    1970-01-01 08:00

  • ﺑﻪزﯨﻠﻪر لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎزلا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ، بۇ قانداق ئىش؟

    1970-01-01 08:00

  • توغرا ! مەن ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلاي !

    1970-01-01 08:00

  • مەن ئىشىنىمەن ئىتتىپاقلىق كۈچ ، بىز يەنە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە بىزگە ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقلار

    1970-01-01 08:00