• تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى پاراۋانلىق لاتارىيەدە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈي تورى
  • ئىنكاسلار :
  • تېز يوللانما يەتكۈزگۈچى پاراۋانلىق لاتارىيەدە 10 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    ئەلكۈيى تورى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى تەرجىمىسى : 
    4 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسىنى نەقلەشتۈرۈش ئۆيى خۇشال ـ خۇرام يۈرىدىغان ئۈچ ياش يىگىتنى كۈتۈۋالدى. ئۈچەيلەن مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش ئورنىغا كېلىپ، ئىنتايىن ھاياجانلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە بىرەيلەننىڭ تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش « دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەيلىك» لاتارىيە بېلىتى تۆتىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 10 مىڭ يۈەن بولدى. 
    ئىگىلىنىشىچە، مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى شياۋجاڭ بولۇپ، ئۇ سانجى شەھىرىدە سىرتقا تاماق تۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، ھەر كۈنى سەھەر تۇرۇپ، كەچ قايتىپ، قەھرىتان سوغۇق، تومۇز ئىسسىققا قارىماي جاپالىق پۇل تاپىدىكەن. شياۋ جاڭ جاپالىق خىزمەت قىلىپ بوش ۋاقىتلىرىدا دوستلىرى بىلەن بىللە«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئويۇنى ئوينايدىكەن، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « مېنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەم يۇقىرى ئەمەس، <قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش> ماڭا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەم ئاددىي، ھەم قولايلىق، كاللا ئىشلىتىش كەتمەيدۇ، ئۆزۈمنى ئەركىن قۇيىۋېتىپ ئارام ئالالايمەن» دېدى. 
    10 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شياۋجاڭ تاماق يەتكۈزۈش يولىدا 65230259 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ كەتكەچ كىرىپ بىر نەچچە پارچە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالماقچى بولدى . لاتارىيە مەبلىغى چەكلىك بولغاچقا، شياۋجاڭ قىممىتى 10 يۈەنلىك« ئامەتلىك 10 ھەسسە» دىن ئىككىنى تاللىدى، ئامەتكە يارىشا 100 يۈەن چىقتى ، ئۇ قولىدىكى 100 يۈەن مۇكاپات پۇلىغا قاراپ، كۆرسىتىش ئىشكاپىدىكى مال ساتقۇچى خادىم تونۇشتۇرغان يېڭى بىر خىل 50 يۈەنلىك« دەرىجىدىن تاشقىرى بەخت» كە كۆز يۈگۈرتۈپ چىقتى، ئاڭلىسام مۇكاپات چىقىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى ئىكەن. شياۋجاڭ ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قېلىپ، قولىدىكى مۇكاپات پۇلىغا قاراپ، ئەڭ ئاخىرىدا بىر تال سىناپ بېقىش نىيىتىگە كەلدى، ئەسلىدە ھېچقانداق ئۈمىد باغلىمىغان ئىدى لېكىن ئۇ بۇ لاتارىيە بېلىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر خىل ئويۇن ئويناش ئۇسۇلىنىڭ قاپلاش پەردىسىگە قاراپ، بىرىنچى قۇردىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر ساننىڭ « مېنىڭ نومۇرۇم» بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش ئىكەنلىكىنى كۆردى. شياۋ جاڭ قولىدىكى لاتارىيە بېلىتىگە قاراپ قاتتىق ھاياجانلاندى، كەيپىياتى سەل تىنچلانغاندىن كېيىن ئاندىن كېتىپ قالدى. 

    شياۋ جاڭ دوستىنىڭ ھەمراھلىقىدا سانجى ئوبلاستلىق پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىنىڭ مۇكاپات ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كېلىپ مۇكاپات ئالدى. شياۋجاڭنىڭ دوستى:« شياۋجاڭ ئۆزى كېلىشكە پېتىنالمايدۇ، ئۇ ھازىرغىچە بۇنىڭ راستلىقىغا ئىشەنمىگەچكە، بىزنى چاقىرىۋالدى. »-دېدى ، شياۋجاڭ دۇدۇقلاپ:«ئادەتتە كىچىك مۇكاپاتقا ئېرىشسەم ئۆزۈمنى ناھايىتى تەلەيلىك ھېس قىلىمەن، بۇ قېتىم 10 مىڭ يۈەنگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم، ھاياجانلانغىنىمدىن كېچىچە ئۇخلىمىغانىدىم، مۇكاپاتقا ئېرىشىپ ئۆزۈمنى شۇنچە بەختلىك ھېس قىلدىم. » دېدى.



    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا ياشلىق باھارىمىزنى جۇلالاندۇرىمىز

    1970-01-01 08:00

  • ئەڭ قىممەتلىك ئوقۇش پۈتكۈزۈش سوۋغىسى، ئەڭ گۈزەل كىشىلىك ھايات ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى4542 تاكسى ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز توشۇيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نۇقتىسى،زاپاس مەيدان تەسىس قىلنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىروسنى تەكشۈرۈش ھەققىنى 160يۈەنگە تەڭشىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئامما بىلەن بىرگە يەپ ، بىرگە تۇرۇپ ، بىرگە ئەمگەك قىلىپ ئامما ئارىسىغا چۈكۈش

    1970-01-01 08:00

  • ﺑﻪزﯨﻠﻪر لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎزلا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ، بۇ قانداق ئىش؟

    1970-01-01 08:00

  • توغرا ! مەن ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلاي !

    1970-01-01 08:00

  • مەن ئىشىنىمەن ئىتتىپاقلىق كۈچ ، بىز يەنە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە بىزگە ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقلار

    1970-01-01 08:00