• ئامەتلىك لاتارىيەچى يېڭى بېلەت بىلەن سېناپ بېقىش بىلەنلا 10 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈي تورى
  • ئىنكاسلار :
  • ئامەتلىك لاتارىيەچى يېڭى بېلەت بىلەن سېناپ بېقىش بىلەنلا 10 مىڭ يۈەن كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    ئەلكۈيى تورى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى تەرجىمىسى : 
    4 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» يېڭى بېلەت تۈرى «دەرىجىدىن تاشقىرى تەلەي» 、« خاسىيەتلىك ئالتۇن» قاتارلىق يېڭى لاتارىيە بىلەت تۈرلىرى شەھىرىمىزگە كىردى ، كۆركەم لايىھەسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى بەس ـ بەستە سېتىۋېلىشقا جەلپ قىلدى. 
    « بۇ چوڭ سوممىلىق لاتارىيە بېلىتى بەك قالتىس ئىكەن. »-دېدى 4 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە بېرىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن ۋېي ئەپەندى. 
    ياش ھەم كېلىشكەن ۋېي ئەپەندى 90-يىللاردا تۇغۇلغان بولۇپ، يېشى كىچىك، ئەمما ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيە چوڭ ئائىلىسىگە كىرگىلى ئۇزۇن بولغان كونا لاتارىيەچى، خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا ئۇ دائىم« سەيلە قىلىپ» يېقىن ئەتراپتىكى لاتارىيە بېلىتى سېتىش پونكىتىغا بېرىپ، بىر نەچچە پارچە« قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» لارتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: « مەن بىر ئالدىراقسان ئادەم، باشقا لاتارىيە ئويۇنلىرىدا ئولتۇرۇپ مۇكاپات ساقلاش مەن ئۈچۈن ئازاپ ، قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى قولايلىق ھەم شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا مۇكاپات چىققان ياكى چىقمىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. »-دېدى. 
    4- ئاينىڭ 1- كۈنى چۈشتە، ۋېي ئەپەندى چۈشلۈك تاماق يەپ بولۇپ شىركەتكە قايتىش يولىدا، دائىم بارىدىغان 65010264 لاتارىيە بېلىتى سېتىش پونكىتىنىڭ مال ساتقۇچىلىرىنىڭ ئىشىككە ئېلان چاپلاۋاتقانلىقىنى كۆردى. ۋېي شيەنشېڭ قىزىقىشنى چىقىش قىلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەھۋال ئىگىلىدى. 
    ـــ ۋاھ! 30 يۈەن ۋە 50 يۈەنلىك« قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش لاتارىيە» سى ؟ ئېلاننىڭ مەزمۇنىنى ئېنىق كۆرۈپ، ۋېي ئەپەندى ئىختىيارسىز ھەيران قالدى. 
    ـــ شۇنداق! بۇ پاراۋانلىىق لاتارىيەسىنىڭ تۇنجى تارقىتىلىشى! قاراڭ، يېپيېڭى پۇل يۈزى لايىھەسى تېخىمۇ كۆركەم، تېخىمۇ ھاياجانلىق ! » دېدى مال ساتقۇچى چۈشەندۈرۈپ. 
    ۋېي ئەپەندى چىداپ تۇرالماي بىر نەچچە پارچە سىناپ باقماقچى بولۇپ، ئالدى بىلەن قىممىتى 50 يۈەنلىك« ئادەتتىن تاشقىرى تەلەي» تىن بىرنى تاللىدى، بەختكە يارىشا 50 يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى، ئارقىدىن ئۇ يەنە قىممىتى 30 يۈەنلىك« خاسىيەتلىك ئالتۇن» دىن ئىككىنى تاللاپ، ئىنچىكىلىك بىلەن قىرىشقا باشلىدى. بىرىنچى پارچىسىدا يوق؛ ئىككىنچى پارچىسىدا ۋېي ئەپەندى ئالدى بىلەن مۇكاپات نومۇرى 17، 25 نى قىرىپ، ئىنچىكىلىك بىلەن« مېنىڭ نومۇرۇم» نى بىر-بىرلەپ قىرىپ ئېلىۋەتتى، سان بارا-بارا روشەنلەشتى، 20، 16، 10 بۇ چاغدا تۆتىنچى رەقەم 17 پەيدا بولدى، ئۇ بۇ ساننى ئىچىدە ئوقۇپ چىقىپ، داۋاملىق قىرىشقا تەييارلىنىۋاتقاندا تۇيۇقسىز توختاپ قالدى، ئۇ مۇنداق دېدى: « سان 17 نىڭ ئاستىدا بىردىنلا نامايان بولغان مۇكاپات سوممىسى« 10 مىڭ» بولۇپ، شۇ چاغدا يۈرۈكۈمنىڭ سوقۇشى توختاپ قالغاندەك ھېس قىلدىم. » دېدى. 

    «قارىغاندا تەلىيىم بەك ياخشى ئىكەن، يېڭى بېلەت بىلەن سېناپ بېقىش بىلەنلا 10 مىڭ يۈەنلىك كاتتا سوۋغاتقا ئېرىشتىم، بۇ مەن لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندىن بۇيانقى تۇنجى كاتتا مۇكاپات، بەك خۇش بولدۇم! »- ۋېي ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى ئىشى ئىكەنلىكىنى، ھەر بىر دانە«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» نى سېتىۋالغاندا %20 نى لاتارىيە جامائەت پاراۋانلىق فوندىغا قوشۇۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئۇ بۇ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، باشقىلارغا ياردەم بېرىپ، كىشىلىك ھاياتىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدى!



    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ھىندىستان دۇنيا گۈزىلى ئاشۋارىيە ۋە قىزىغىمۇ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلدى

    1970-01-01 08:00

  • پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا ياشلىق باھارىمىزنى جۇلالاندۇرىمىز

    1970-01-01 08:00

  • ئەڭ قىممەتلىك ئوقۇش پۈتكۈزۈش سوۋغىسى، ئەڭ گۈزەل كىشىلىك ھايات ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى4542 تاكسى ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز توشۇيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نۇقتىسى،زاپاس مەيدان تەسىس قىلنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىروسنى تەكشۈرۈش ھەققىنى 160يۈەنگە تەڭشىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئامما بىلەن بىرگە يەپ ، بىرگە تۇرۇپ ، بىرگە ئەمگەك قىلىپ ئامما ئارىسىغا چۈكۈش

    1970-01-01 08:00

  • ﺑﻪزﯨﻠﻪر لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎزلا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ، بۇ قانداق ئىش؟

    1970-01-01 08:00

  • توغرا ! مەن ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلاي !

    1970-01-01 08:00

  • مەن ئىشىنىمەن ئىتتىپاقلىق كۈچ ، بىز يەنە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز

    1970-01-01 08:00