• تەييارلىقنى ياخشى قىلىپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، 1 مىليون 860 مىڭ يۈەن مۇكاپاتنى قولغا كەلتۈرەيلى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈي تورى
  • ئىنكاسلار :
  • تەييارلىقنى ياخشى قىلىپ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، 1 مىليون 860 مىڭ يۈەن مۇكاپاتنى قولغا كەلتۈرەيلى

    ئەلكۈيى تورى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى تەرجىمىسى : 
    « مەن ھەقىقەتەن بەك تەلەيلىك ئىكەنمەن، ھەممىسى تەلىيىمنىڭ ياخشى بولغانلىقىدىن!» 3-ئاينىڭ 25-كۈنى، «يەتتە نۇمۇر شادلىقى» ئويۇنىنىڭ 2020016-قارارلىق مۇكاپاتى تارقىتىلدى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى لاتارىيەچى تاڭ ئەپەندى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بىر دو 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 14 دو 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، 21 دو 5-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى جەمئىي 1 مىليون 862 مىڭ 865 يۈەن بولدى. 
    بۇ قېتىمقى مۇكاپاتقا ئېرىشىش جەريانى تىلغا ئېلىنغاندا، تاڭ ئەپەندى خورسىنغان ھالدا: « پۇرسەت يەنىلا تەييارلىقى بار كىشىلەرگە قالدۇرۇلىدۇ» دېدى. تاڭ ئەپەندىنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىشىدا چىڭ تۇرغىنىغا خېلى يىللار بولغان، يەنە كېلىپ تاڭ ئەپەندىم تېخنىكا تىپىدىكى لاتارىيەچى ئىدى، ئادەتتە« قوش رەڭلىك توپ» ، «يەتتە نۇمۇر شادلىقى» ۋە 3D ئويۇنلىرىنى مۇۋاپىق مىقداردا سېتىۋالاتتى، چوڭ-كىچىك مۇكاپات تۈرلىرىدىمۇ خېلى كۆپ نەتىجىگە ئېرىشكەن ئىدى. تاڭ ئەپەندى ئادەتتە نومۇر تاللاش ئارقىلىق يۆلىنىش خەرىتىسىنى تەتقىق قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، توردا يېقىنقى مەزگىلدىكى نومۇر يۈزلىنىشىنى تەتقىق قىلاتتى، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ تەجرىبىسى ۋە ھۆكۈمىدىنمۇ ئۆرنەك ئالاتتى. دو تىكىش ئۇسۇلى جەھەتتە، ئۇ قاپلاش دائىرىسى كەڭ، مۇكاپات چىقىش نىسبىتى يۇقىرى بولغان كىچىك مۇرەككەپ دو تىكىش ئۇسۇلىنى بەكرەك ياخشى كۆرەتتى، بۇ قېتىم ئۇ 1 دو 9 نومۇر بىلەن «يەتتە نۇمۇر شادلىقى» ئويۇنى كاتتا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 
    «لاتارىيە ئويناش مېنىڭ ئادىتىمگە ئايلاندى، نەتىجىگىمۇ ئالاھىدە دىققەت قىلىپ باقمىدىم، بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشكىنىمگە ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. » ـــ دېدى مىجەزى ئوچۇق تاڭ ئەپەندى خۇشال ھالدا. «بىر ئىشنى ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرۇش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس، ئۆزۈمنىڭ بەرداشلىق بەرگىنىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن، مەن ئىزچىل تۈردە ئۆزۈمنى ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىۋاتىمەن دەپ قارايتتىم، پاراۋانلىق لاتارىيەسى دۆلەتنىڭ جامائەت پاراۋانلىقى لاتارىيەسى بولۇپ، ياخشى ئىش قىلاتتى. مەن ئۆزۈمنىڭ ئىقتىدارى دائىرىسىدە جەمئىيەتكە بىر كىشىلىك جامائەت پاراۋانلىقى كۈچى قوشىمەن، بۇنىڭدىن ئۆزۈمنىى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلىمەن ھەم پەخىرلىنىمەن. » دېدى. 
    3-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتە تاڭ ئەپەندى 65010445 پاراۋانلىق لاتارىيەسى پونكىتىغا كېلىپ، ئۆزى تاللىغان «يەتتە نۇمۇر شادلىقى» 9 نومۇرغا تەكرار دو تىكتى. ئىككىنچى كۈنى ئۇ يەنە پاراۋانلىق لاتارىيەسى پونكىتىغا بېرىپ« قوش رەڭلىك توپ» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالغاندا، «يەتتە نۇمۇر شادلىقى» نى لاتارىيە بېلىتىنى سېلىشتۇردى. تاڭ ئەپەندى مۇكاپات چىققانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن ھاڭ تاڭ قالدى. « مۇكاپات چىققانلىقىنى بىلىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم، مەن 50 ياشقا كىردىم بۇ ياشقا كەلگەن مۇنداق تۇيۇقسىز كەلگەن خۇشاللىق ئادەمنى گاڭگىرتىپ قۇيىدىكەن.»-دېدى.

    مۇكاپاتقا ئېرىشىش تەسىراتى توغرىسىدا توختالغاندا، تاڭ ئەپەندى چوڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشنىڭ تېپىلغۇسىز ئىش ئىكەنلىكىنى، ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاپ قالالايدىغانلىقىنى، ئادەتتىكى روھىي ھالەت بىلەن لاتارىيە سېتىۋېلىشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مۇكاپات ئۇچۇرى بېكىتىلگەندىن كېيىن، تاڭ ئەپەندى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خۇشاللىقتىن تەڭ بەھرىلەندى، كۆپچىلىك ئۇنىڭ ئامىتى كەلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى ھەم ئۇنىڭ بۇ مېھىر ـ شەپقەت ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى قوللىدى!



    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • ھىندىستان دۇنيا گۈزىلى ئاشۋارىيە ۋە قىزىغىمۇ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلدى

    1970-01-01 08:00

  • پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا ياشلىق باھارىمىزنى جۇلالاندۇرىمىز

    1970-01-01 08:00

  • ئەڭ قىممەتلىك ئوقۇش پۈتكۈزۈش سوۋغىسى، ئەڭ گۈزەل كىشىلىك ھايات ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى4542 تاكسى ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز توشۇيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نۇقتىسى،زاپاس مەيدان تەسىس قىلنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىروسنى تەكشۈرۈش ھەققىنى 160يۈەنگە تەڭشىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئامما بىلەن بىرگە يەپ ، بىرگە تۇرۇپ ، بىرگە ئەمگەك قىلىپ ئامما ئارىسىغا چۈكۈش

    1970-01-01 08:00

  • ﺑﻪزﯨﻠﻪر لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎزلا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ، بۇ قانداق ئىش؟

    1970-01-01 08:00

  • توغرا ! مەن ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلاي !

    1970-01-01 08:00

  • مەن ئىشىنىمەن ئىتتىپاقلىق كۈچ ، بىز يەنە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز

    1970-01-01 08:00