• پېشقەدەم لاتارىيەچى 3D ئۇيۇنىدا 104 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

  • يوللىغۇچى : ئەلكۈي تورى
  • ئىنكاسلار :
  • پېشقەدەم لاتارىيەچى 3D ئۇيۇنىدا 104 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    ئەلكۈيى تورى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى تەرجىمىسى : 
    پاراۋانلىق لاتارىيەسى 3D ئويۇنلىرى ئاددىي، قىزىقارلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈندە مۇكاپات ئېچىلىدۇ، مۇكاپات سوممىسى مۇقىم بولغاچقا كەڭ ھەۋەسكارلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، نۇرغۇن 3D ماھىرلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. مانا، 4 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى كەچتە، 3D ئويۇنى 2020043 ـ قاراردا ئۈرۈمچى  شەھەرلىك لاتارىيەچى ۋاڭ ئەپەندىمنىڭ بېشىغا بەخت قۇشى قوندى ، 100 دو يەككە تاللاش مۇكاپاتى يەنى 104 مىڭ يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
    ۋاڭ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ سادىق مەستانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، لاتارىيە سېتىۋېلىۋاتقىلى نەچچە يىل بولدى، ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پاراۋانلىق لاتارىيەسى ئويۇنى باشتىن-ئاخىر« قوش رەڭلىك توپ» ۋە 3D بولۇپ كەلدى. ۋاڭ ئەپەندىم تېخنىكا تىپىدىكى لاتارىيەچى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەيلى« قوش رەڭلىك توپ» ياكى 3D بولسۇن، ۋاڭ ئەپەندى ئىزچىل ئۆزى نومۇر تاللاشتا چىڭ تۇردى، بولۇپمۇ 3D ئۇيۇنىدا ئۇ نومۇرنىڭ يۆنىلىش خەرىتىسىدىن پايدىلىنىپ مۇكاپات چىقىش مۇمكىنچىلىكى ئەڭ يۇقىرى دەپ قارىغان نومۇرلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تاللىدى. 
    4-ئاينىڭ 1-كۈنى، ۋاڭ ئەپەندى ئادەتتىكىدەك 65010750 پاراۋانلىق لاتارىيەسى پونكىتىغا كېلىپ، بۇرۇنقى ئادەت بويىچە تاللاش ئېلىپ بېرىپ، « 5» بىلەن« 7» نىڭ ئۆزى دو تىكمەكچى بولغان نومۇر ئىكەنلىكىنى بېكىتتى، « 1» ، « 6» ، « 9» مۇ ناھايىتى يامان ئەمەس ئىدى، لېكىن سەل ئىككىلىنىپ قالدى. تەپسىلىي ئويلانغاندىن كېيىن، ۋاڭ ئەپەندى 597، 571، 517 لەرگە 50 ھەسسە تاللاپ دو تىكتى، ئۆزى ياخشى كۆرگەن 567 گە 2 قېتىم دو تىكىپ، 50 ھەسسە تاللاپ دو تىكتى. ـــ بۇ گۇرۇپپىنىڭ نومۇرى يامان ئەمەس، قىممىتىمۇ ياخشى. ــ دېدى ۋاڭ ئەپەندى. 
    ئەتىسى سەھەردە، ۋاڭ ئەپەندى پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىغا قەدەم بېسىشىغىلا، مال ساتقۇچىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى، « تۈنۈگۈن سىز تاللىغان 3D نومۇرى چىقتى، ھەقىقەتەن توغرا كۆرۈپسىز، قالتىس ئىكەنسىز! »-ئۇ شۇنداق دېگەچ ۋاڭ ئەپەندىگە قاراپ باشمالتىقىنى چىقاردى. مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ۋاڭ ئەپەندىنىڭ كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: « ئىلگىرى لاتارىيەنى ئۈچ-تۆت كۈندە بىر قېتىم سېتىۋالغان بولساممۇ، لېكىن تۈنۈگۈن يامان ئەمەس ھېس قىلدىم، ئويلىمىغان يەردىن تەلىيىم كېلىپ 104 مىڭ يۈەن مۇكاپات ئالدىم. »

    ۋاڭ ئەپەندى ئۆزىنىڭ لاتارىيە سېتىۋېلىشى مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە بېسىمنى يېنىكلىتىشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى، كۆپچىلىكنىڭ توغرا ئۇسۇل ئارقىلىق مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ بېسىمىنى يەڭگىللىتىپ، باشقىلارغا ياردەم بېرىپلا قالماي، ئۆزىمۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى، كېيىن ئۇ يەنە پاراۋانلىق ئىشلىرىنى بۇرۇنقىدەكلا قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



    مەنبەسى :شىنجاڭ پاراۋانلىق لاتارىيە مەركىزى





    • ماتىرىياللار چۈشۈۋاتىدۇ ...
  • ئەڭ يېڭى رەسىملەر

  • ئەلكۈيىدە بۈگۈن..

  • تەۋسىيەلىك
  • پارتىيە ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلاردا ياشلىق باھارىمىزنى جۇلالاندۇرىمىز

    1970-01-01 08:00

  • ئەڭ قىممەتلىك ئوقۇش پۈتكۈزۈش سوۋغىسى، ئەڭ گۈزەل كىشىلىك ھايات ئىلھاملاندۇرۇش سۆزى

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان مەزگىلىدە ئۈرۈمچىدىكى4542 تاكسى ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز توشۇيدۇ

    1970-01-01 08:00

  • ئىمتىھان نۇقتىلىرىدا بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش نۇقتىسى،زاپاس مەيدان تەسىس قىلنىدۇ

    1970-01-01 08:00

  • شىنجاڭ يېڭى تاجىسىمان ۋىروسنى تەكشۈرۈش ھەققىنى 160يۈەنگە تەڭشىدى

    1970-01-01 08:00

  • ئامما بىلەن بىرگە يەپ ، بىرگە تۇرۇپ ، بىرگە ئەمگەك قىلىپ ئامما ئارىسىغا چۈكۈش

    1970-01-01 08:00

  • ﺑﻪزﯨﻠﻪر لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎزلا ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ لاﺗﺎرﯨﻴﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ، بۇ قانداق ئىش؟

    1970-01-01 08:00

  • توغرا ! مەن ئۇنىڭغا لاتارىيە بېلىتى سوۋغا قىلاي !

    1970-01-01 08:00

  • مەن ئىشىنىمەن ئىتتىپاقلىق كۈچ ، بىز يەنە كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشەلەيمىز

    1970-01-01 08:00

  • پاراۋانلىق لاتارىيە بىزگە ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقلار

    1970-01-01 08:00